ياراملىق مۇسۇلمان پەرزەنت قانداق بولىدۇ؟
پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان؛
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان؛
بەش ۋاخ نامىزىدا ئۆز ۋاقتىدا كامىل ئادا قىلىشقا كۈچەيدىغان؛
ئۆزىنى ۋە ئۆزىگە قاراشلىقلارنى ھالال ھۈنەر-كەسىپى ئارقىلىق باقىدىغان؛
بايلاردىن، باشلىقلاردىن، مەشھۇرلاردىن ئۈمىد كۈتمەيدىغان ۋە ئۇلارغا چاپانچىلىق قىلمايدىغان؛
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ئىشلاردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىدىغان؛
ھارام كىرىم، ھارام رىزىق، ھارام سورۇن ۋە ھارامخور كىشىلەردىن ئۇزاق تۇرىدىغان؛
مۇجتەھىد ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ پېشىگە ئېسىلغان؛
قۇرئاننى بىر كۈنمۇ تاشلىمايدىغان، سەھىھ ھەدىسكە دۈمبىسىنى قىلىۋالمايدىغان؛
كاپىرلارنىڭ ۋە مۇناپىقلارنىڭ قولىدىكى دۇنيا زىننەتلىرىگە كۆز قىرىنى سالمايدىغان؛
دىنىنى ياخشى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغان؛
ئىپپىتىنى ساقلايدىغان؛
دىنىنى، غورۇرىنى ياكى ۋەتەن-خەلقىنى سېتىش بەدىلىگە ھەشەمەتلىك، راھەت، پاراۋان ياشاشتىن دوقمۇشتا سۈت سېتىپ بولسىمۇ ھالال ئەمما غورىگۈل ياشاشنى تاللىغان؛
بىرەر ھۈنەر كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىپ بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان؛
غورۇرلۇق، ئىمانلىق، مۆمىن پەرزەنتلەر — ياراملىق مۇسۇلمان پەرزەنتتۇر.
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەلەپ قىلغان ياخشى پەرزەنت، ياخشى بەندە مانا بۇدۇر.
دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق زىننىتى كۆزىڭىزگە چوڭ كۆرىنىپ كېتىپ، بالىڭىزنى ھارامخورلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىشىڭىز سىزنى ۋە پەرزەنتىڭىزنى ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابىغا قويۇشى مۇمكىن.
كاپىرلارنىڭ ۋە مۇناپىقلارنىڭ قولىدىكى دۇنيا زىننىتىگە، ئۇلار ئىگە بولغان ئىمتىيازلارغا ئالدانماڭ.
پۈتۈن دۇنيا ئالدىغا تەڭلەنگىنىدە قولىنىڭ كەينى بىلەن ئىتتىرۋېتىپ، بورىنى سېلىنچا، خورما قوۋزاقلىرىنى ياستۇق قىلىپ ياتقان؛ ھاياتىدا كاۋاپ قىلىنغان قوي گۆشى يەپ باقمىغان؛ ئۆمرى بويىچە تاسقالغان بۇغداي ئۇنىدا نان يەپ باقمىغان ئۇلۇغ پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتىنىڭ دۇنياغا بۇقەدەر دۈم چۈشۈشى ئەقىل ئىگىلىرىنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ.
ئازغىنە مائاش ئۈچۈن دىنىنى ساتىدىغان، ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئادىمىيلىكىنى ساتىدىغان پەرزەنتلەرنى چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلارغا ھەرگىز ئوخشاپ قالماڭ.
پەرزەنتىم ئىككىلا دۇنيادا ئەزىز بولسۇن دېسىڭىز ئۇلارغا ھەق دىننى ۋە ھالال ھۈنەر-كەسىپنى ئۆگىتىڭ ۋە يۇقىرىقىدەك پەرزەنت بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ. پەرزەنتىڭىزنى قۇرئانغا، ھەدىسكە، بۈيۈك ئىسلام ئالىملىرىنى تونۇشقا قىززىقتۇرۇڭ.
ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم، پەزەنتىڭىزگە ھالال ياشاش، ئاددىي-غورىگۈل ياشىسىمۇ باشقىلارغا چاپانچىلىق قىلماي ياشاش ھەققىدە؛ ئادالەتلىك، دۇرۇست ئىنسان بولۇش ھەققىدە كۆپ نەسىھەت قىلىڭ. ئاللاھ سىزنى ئىككىلا دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن.
— مۇجتەھىد تورى