ئاياللارنىڭ  نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى ئۆيىدىمۇ؟

  1. ئاياللارنىڭ  نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى ئۆيىدىمۇ؟

(ئىسلام سوئال جاۋابلىرى پەتىۋا تورىنىڭ پەتىۋاسى)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغان نامىزى مەسجىدتە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەل. بۇ ھۆكۈم ھەدىس بىلەن دەلىللەنگەن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاياللار ئۈچۈن ئۆز ئۆيى ئەۋزەل بولغان تەقدىردىمۇ، (ئاياللىرىڭلار ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە بېرىشقا رۇخسەت سورىسا) ئاياللىرىڭلارنى ئۇلارنى مەسجىدكە بېرىشتىن توسماڭلار.» hedisim.com  (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىردىكى 7458-نومۇرلۇق ھەدىس)

ئايال كىشى نامىزىنى قانچىكى يوشۇرۇن جايدا ئوقۇسا شۇنچە ياخشىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشىنىڭ نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇشى ھويلىسىدا ئوقۇغىنىدىن ياخشىدۇر، نامازنى ھۇجرىسىدا ئوقۇشى ئۆيىدە ئوقۇغىنىدىن ياخشىدۇر.»(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان؛ سەھىھ ئەل جامى 3833-نومۇرلۇق ھەدىس)

ئۇممۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋاسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:«ئى رەسۇلۇللاھ، سىلى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «مەن بىلەن ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى بىلىمەن. بىراق، ئۆيىڭىزنىڭ ئىچىدە ئوقۇغان نامىزىڭىز ھويلىڭىزدا ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشىدۇر. ھويلىڭىزدا ئوقۇغان نامىزىڭىز قەۋمىڭىزنىڭ مەسجىدىدە ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشىدۇر. قەۋمىڭىزنىڭ مەسجىدىدە ئوقۇغان نامىزىڭىز مېنىڭ مەسجىدىمدە ئوقۇغان نامىزىڭىزدىن ياخشىدۇر» دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇممۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆز ئۆيىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە ۋە ئەڭ قاراڭغۇ يېرىگە بىر نامازگاھ تەسىس قىلىشنى بۇيرۇدى، تاكى ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر نامىزىنى دائىملا شۇ جايدا ئوقۇدى.(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بولۇپ راۋىيلىرى ئىشەنچىلىكتۇر)

بىراق ئاياللارنىڭ نامازنى ئۆيىدە ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ مەسجىدكە بېرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق ھەدىس كەلگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئاياللىرىڭلار مەسجىدكە چىقىشقا رۇخسەت سورىسا ئۇلارغا رۇخسەت بېرىڭلار» دېگىنىنى ئاڭلىدىم دېگەندە، بىلال ئىبنى ئابدۇللاھ «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى توسىمىز» دېدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاچچىقلانغان ھالدا«ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىنى دەپ بېرىۋاتسام <ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى توسىمىز-دەيسىنا>» دېگەن.(مۇسلىم667)

مۇسۇلمان ئايال تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازرلىمىغۇچە مەسجىدكە چىقىشى چەكلىنىدۇ.

1. تولۇق ھىجابلانغان بولۇش. (بېشىنىڭ چوقۇسىدىن باشلاپ تىرنىقىغىچە تولۇق ئورالغان)

2. خۇشپۇراق ئىشلەتمىگەن بولۇش.

3. يولدىشىنىڭ (توي قىلمىغان بولسا دادىسىنىڭ، دادىسى يوق بولسا ئۆزىگە ھامىيلىق قىلغۇچى مەھرىمىنىڭ) رۇخسىتىنى ئالغان بولۇش.

شۇنداقلا، ئۇنىڭ مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشىدا ھەر قانداق چەكلەنگەن ئىشلار -مەسىلەن تاكسى قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدە – نامەھرەم بىلەن يالغۇز قېلىش، دېگەندەك – چەكلەنگەن ئىشلار زىنھار يۈز بەرمەسلىكى لازىم. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ مەسجىدكە بېرىشىدا  ھەرقانداق تۈردىكى ھارام-گۇناھلىق ئىشلار يۈز بېرىدىغان بولسا، ئايالنىڭ ئېرى ياكى ھامىيسى  ئايالنى مەسجىدكە بېرىشتىن توسۇشقا ھەقلىق. ھەقىقەت شۇكى، ئۇنداق ئەھۋالدا ئايالنى مەسجىدتىن توسۇش ئۇنىڭ مەھرىمىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

-ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىنىڭ 983-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ