روھىي قۇللۇق ئىسلامدا چەكلەنگەن

روھىي قۇللۇق ئىسلامدا چەكلەنگەن

داۋايىڭىزنى ھەق دەپ بىلسىڭىز ھېچكىمدىن قورقماي ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇڭ. يېتەركى، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىڭىز ئەدەپ، ئەخلاق ۋە دىن چەك-چېگىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىسۇن.
ئۆز ھەق دەپ بىلگەننى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدۇر. ئۆزى ھەق دەپ بىلگەن ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش ئەڭ كەمىدە سىزنىڭ روھىي قۇللۇقتىن قۇتۇلغىنىڭىزدۇر. روھى قۇل ئادەمنىڭ مۇستەقىل چۈشەنچىسى بولمايدۇ. روھى قۇل ئادەم ئۆزى ھەق دەپ قارىغان پىكىرنى خەق تىللاپ بەرمىسۇن دەپ، خەق يامان كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئىچىگە يۈتۈۋېتىپ، ئۆزى خاتا دەپ قارىغان پىكىرگە خەققە ئەگىشىپ چاۋاك چالىدۇ.

روھى قۇل ئادەم خەقنىڭ رايىنى دەپ ئۆزى ھەق دەپ بىلگەن يولنى تاشلايدۇ. روھى قۇل ئادەم ياخشىلىققا ئۆز خاھىشى بويىچە چاۋاك چالمايدۇ، پەقەت ئۆزى نوپۇزغا ۋە كۈچكە ئىگە دەپ قارىغان كىشىلەر چاۋاك چالغاندىن كېيىنلا ئۇلارغا ئەگىشىپ چاۋاك چالىدۇ. روھىي قۇل ئادەم يامانلىققا قارشى تۇرمايدۇ. روھى قۇل ئادەم كۈچ ۋە نوپۇز ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە پىكىر قىلىش ۋە ئىش قىلىشنى ئۆزىنىڭ ھايات پىرىنسىپى قىلىپ تاللىغاندۇر. روھى قۇل ئادەم خەققە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ياشايدۇ، يامان بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق قورقىدۇ. روھى قۇل ئادەم ئەسلى شەيتاننىڭ ئەسىرىدۇر. ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە روھىي قۇللار ئاز ئەمەس. روھىي قۇللار ئەدەپ كەتكەن جەمئىيەتتە جىمى ناچارلىقلار يامىراپ كېتىدۇ، ئاقىۋەتتە بۇنداق خەلقنى نەس باسىدۇ، ناچارلىرى ياقا بولۇپ، ياخشىلىرى ئېتەك بولىدۇ، زىندانلاردا چىرىپ تۈگەيدۇ. ئىسلامنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى — روھىي قۇل بولغان ئىنسانلارنى ھۆر ئىنسانغا ئايلاندۇرۇشتۇر. روھىي قۇللۇق ئىسلامدا چەكلەنگەن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ