ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ناماز ئوقۇغۇچى كىشى نامازدا ئۆزى ئوقۇۋاتقان سۈرە-ئايەتلەرنى يادلىغان بولسۇن بولمىسۇن، نامازدا سۈرە-ئايەتلەرنى قۇرئانغا قاراپ (سۈرە ئايەتلەر يېزىلغان ۋاراقچىگە قاراپ) ئوقۇشى نامازنى بۇزمايدۇ. ھەتتا، سۈرە فاتىھەنى يادقا بىلمىگەن كىشىنىڭ سۈرە فاتىھەنى قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ ئوقۇشى پەرزدۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ نامازنى بۇزمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش بىزنىڭ (شافىي) مەزھىپىمىزنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ۋە مۇھەممەدنىڭ، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدۇر. [المجموع (4/27)] mujtehid.com
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
بۇ پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:
لو قرأ القرآن من المصحف لم تبطل صلاته سواء كان يحفظه أم لا ، بل يجب عليه ذلك إذا لم يحفظ الفاتحة . . .
وهذا الذي ذكرناه من أن القراءة في المصحف لا تبطل الصلاة مذهبنا ومذهب مالك وأبي يوسف ومحمد وأحمد.
[المجموع (4/27)]