پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنىڭ ھۆكمى | پەتىۋا | ئەللامە سالىھ فەۋزان

پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: يۇرتىمىز جازائىردا (ئالجىرىيەدە) مالىكىي مەزھىپىگە ئەگىشىمىز. بىراق، پىتىر زاكىتى مەسىلىسىدە بىز (مالىكىي مەزھەپنىڭ پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس يېمەكلىك بېرىدۇ دېگەن ھۆكمىگە ئەمەس) ئىمام ئەبۇ ھەنىپەنىڭ پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇس دېگەن سۆزىنى تۇتىمىز. پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇسمۇ؟ بۇ ھەقتە مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئالجىرىيە مۇسۇلمانلىرىغا نەسىھەتلىرى نېمە؟

جاۋاب: 

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر سەدىقىسى مەسىلىنى ئوچۇق، چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ بولغان. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) ئەتراپىدا خورما، ئارپا ياكى كىشمىش… قاتارلىقلاردىن بەرگەن. بۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەۋرىدىكى مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن، ياكى چۆللەردە ئاساسلىق يېمەكلىكەر جۈملىسىدىن ئىدى.

ئەگەر (يۇرتىڭىزدا) ئاساسلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە باشقا يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنسا، شۇ يېمەكلىكتىن كىشى بېشىغا بىر سائ (ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا) يېمەكلىكنى فىتىر زاكىتىغا ھېساپلاپ بېرىسىز. چۈنكى، ھەدىستە يېمەكلىكتىن بىر سائ بېرىش كەلگەن. فىتىر زاكىتىنى يۇرتىڭىزنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىدىن\ كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكتىن بېرىسىز.

فىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشكە كەلسەك، گەرچە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە پۇل (دىنار-دىرھەم) مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى بۇيرىمىغان. رەسۇلۇللاھ نېمىشقا پۇلنىڭ گېپىنى قىلماي، يېمەكلىك بېرىشنى بۇيرۇدى؟

رەسۇلۇللاھ يېمەكلىك بېرىشنى بۇيرۇغان ئىكەن، بىز (رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالماستىن،) ئۇ زاتنىڭ ھەدىستىكى بۇيرۇقىغا بىنائەن يېمەكلىك بېرىش يولىنى تۇتىمىز. پالانچى ياكى پۇستانچىنىڭ بەرگەن ھۆكمى رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن ھەدىسكە خىلاپ بولغانلىكى تەقدىردە، ھەدىسكە خىلاپ ھۆكۈمنى تۇتمايمىز.

سوئال: سوئال سورىغۇچى دەيدۇكى «مەن پىتىر زاكىتىنى پۇل ئارقىلىق ئادا قىلغان، دادام بولسا يېمەكلىك ئارقىلىق ئادا قىلغان، بۇ قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟»

دادىڭىز فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىپ توغرا قىپتۇ. پىتىر زاكىتىنى يېمەكلىكتىن بېرىسىز. كىشى بېشىغا ئۈچ كىلوگرام يېمەكلىك بېرىسىز.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش دۇرۇس ئەمەس.» (ئەلئۇم 2\72)
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق رەھىمەھۇللاھ دېگەن: «فەقىھلەرنىڭ كۆپچلىكى پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشنى دۇرۇس ئەمەس دېگەن ھۆكۈمدىدۇر.» (مۇسلىم شەرھى 7\60)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ