ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
يَوْمَ لَا يَنْفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَۙ
88. قىيامەت كۈنى (كىشى دۇنيادا توپلىغان) مال-دۇنيا (ئۇنىڭغا) ئەسقاتمايدۇ، پەرزەنتلەرمۇ ئەسقاتمايدۇ.
اِلَّا مَنْ اَتَى اللّٰهَ بِقَلْبٍ سَل۪يمٍۜ
89. پەقەت ئاللاھقا پاك قەلب بىلەن كەلگەن كىشى مۇستەسنا. (مانا بۇنداق كىشىگە قىلغان ئەمىلى ئەسقاتىدۇ. مانا بۇنداق كىشىنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان پۇل-مېلى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىق ۋە دۇئالىرى ئەسقاتىدۇ.) [26-سۈرە شۇئەرا، 88-،89-ئايەتلەر]
پاك قەلب — شىركتىن، شۈبھىدىن (يەنى ھەقتىن، كىتاب ۋە سۈننەتتىكى خەۋەرلەرنىڭ بەزىسىدىن شۈبھىلىنىشتىن)، يامانلىقلارنى ياخشى كۆرۈشتىن، بىدئەتلەردە ۋە گۇناھلاردا داۋام قىلىشتىن ئۇزاق ساغلام قەلبتۇر. [سەئدى] پاك قەلب — تەنقىدلىنىدىغان ناچار سۈپەتلەردىن پاكلانغان، ماختىلىدىغان گۈزەل سۈپەتلەرنى ئۆزىدە بار قىلغان، ئىخلاسمەن قەلبتۇر. پاك قەلىب — (كاپىرنىڭ ئەمەس) مۆمىننىڭ قەلبىدۇر. [قۇرتۇبى] شۇنىڭ بىلەن بىرگە «پاك قەلب» — بىدئەتلەردىن ئۇزاق، سۈننەتكە رازى بولىدىغان، سۈننەتنى ھوزۇر بىلەن قوبۇل قىلىدىغان قەلىبتۇر. [ئىبنى كەسىر، قۇرتۇبى] بۇ يەردە قەلب تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى: قەلبنىڭ پاك، ساغلام بولۇشى بىلەن باشقا ئەزالارنىڭ ساغلام بولىدىغانلىقى؛ قەلب بۇزۇلسا، باشقا ئەزالارنىڭمۇ بۇزۇلىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. [قۇرتۇبى] شۇڭا، سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: (أَلَا وَإِنَّ فِي الْجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الْجَسَدُ كُلُّهُ، وَإِذَا فَسَدَتْ فَسَدَ الْجَسَدُ كُلُّهُ، أَلَا وَهِيَ الْقَلْبُ)«بىلىڭلاركى بەدەندە بىر پارچە گۆش پارچىسى بولۇپ، ئۇ دۇرۇس بولسا، بەدەندىكى پۈتكۈل ئەزالار دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا بەدەندىكى پۈتكۈل ئەزالار بۇزۇلىدۇ. ئۇ گۆش پارچىسى قەلبتۇر» دەپ كەلگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان ھەدىس) رواه البخاري في كتاب الإيمان، باب فضل من استبرأ لدينه 1/ 28 [52]، ومسلم في كتاب البيوع، باب أخذ الحلال وترك الشبهات 3/ 1219 [1599].