سېتىش نىيىتىدە ئىلىكىمدە تۇتۇۋاتقان زېمىنغا زاكات كېلەمدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: ھۆرمەتلىك شەيخ، قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرى مۇنداق سوئال سوراپتۇ:
مېنىڭ بىر پارچە زېمىنىم بار بولۇپ، كەلگۈسىدە بۇ زېمىننى سېتىش نىيىتىدىمەن. ئىلىكىمدىكى مۇشۇ زېمىن ئۈچۈن زاكات بېرىشىم كېرەك بولامدۇ، كېرەك بولسا يەر-زېمىننىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، سېتىش نىيىتىدە بولغىنىڭىزلىكى مۇددەتتە، بۇ زېمىنىڭىز ئۈچۈن زاكات بېرىسىز. (زاكىتىنى قانداق ئايرىشقا كەلسەك،) زېمىننىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىسىز، (يەنى زېمىننىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ئېنىقلايسىز. زېمىننىڭ قىممىتى زاكات بېرىلىدىغان ئۆلچەمگە يەتسە) زاكىتىنى ئايرىيسىز.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
*دىققەت: مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ قولىدا بىر مىليون لىرا پۇل بولۇپ، بۇ كىشى قولىدىكى پۇلنى ئۆيگە ياكى زېمىنغا پايدىسى چىقسا سېتىش نىيىتىدە مەبلەغ قىلىپ سېلىپ، شۇ بىر مىليونغا ئۆي ياكى زېمىن ئالغان بولسا، قولىدىكى سېتىش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرغان ئۆي-زېمىننىڭ زاكىتىنى شۇ ئۆي-زېمىننى سېتىۋالغىنىغا بىر يىل توشقاندا ئەمەس، بىر مىليون لىرانىڭ قولىدا تۇرغىنىغا بىر يىل توشقىنى بويىچە ئايرىيدۇ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ قولىدا 11 ئاي مۇددەت بىر مىليون لىرا نەق پۇل بار، ئۇ شۇ پۇلغا پايدا ئېلىپ سېتىش نىيىتىدە بىر ئۆي ياكى زېمىن سېتىۋالدى، بۇ كىشى يەنە بىر ئايدىن كېيىن بۇ ئۆي-زېمىننىڭ قىممىتىگە تەڭداش پۇلنىڭ قىرىقتىن بىرىنى (يەنى بىر مىليون لىراغا 25 مىڭ لىرانى) زاكات ھېساپلاپ بېرىدۇ. ئۆي-زېمىن قولۇمدا تۇرغىغىنىغا بىر يىل توشقاندا بېرىمەن، بىر يىل توشمىسا بەرمەيمەن، دەپ زاكىتىنى ئايرىماسلىق سەۋەبلىك چوڭ بىر گۇناھى كەبىرە سادىر قىلغان بولىدۇ.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ ﴿٣٤﴾ يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنفُسِكُمْ فَذُوقُوا مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ﴿٣٥﴾} {ئالتۇن-كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمايدىغان (يەنى يىغقان ئالتۇن-كۈمۈش\ پۇل-مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىغان) كىشىلەرگە (قىيامەت كۈنى ئۇچرايدىغان) قاتتىق جازا بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. بۇلار (يەنى ئالتۇن كۈمۈشلەر) جەھەننەم ئوتىدا قىززىتىلىپ، ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، بېقىنلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ ۋە (ئازارلاش يۈزىسىدىن) «مانا بۇ (زاكىتىنى بەرمەستىن) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلىغان پۇل-ماللىرىڭلاردۇر، (زاكىتىنى بەرمەي) ساقلىغانلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.} — سۈرە تەۋبە 34-، 35-ئايەتلەر
سەھىھ ھەدىستە مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىمىغان كىشىنىڭ مېلى يوغان بىر تاز يىلان شەكلىدە مەشھەرگاھتا ھازىر بولۇپ، ئىگىسىنى «مانا مەن سېنىڭ مېلىڭمەن» دەپ چىشلەپ تۇرۇپ چاقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. (بۇخارى، نەسائىي)
* زاكات بېرىشى كېرەك بولغان پۇل-مالنىڭ زاكات ئايرىش ئۆلچىمى ئۇ پۇل-مالنىڭ 85 گرام ئالتۇنغا\ ياكى 595گرام كۈمۈشكە تەڭ بولۇشىدۇر. مۇشۇ قىممەتكە يەتكەن ۋە زاكات بېرىشى كېرەك بولغان پۇل-مالنى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرغىلى بىر يىل توشقان كىشى ئۇ پۇل-مال ئۈچۈن زاكات ئايرىشى پەرز بولىدۇ. ئىككىنچى يىل توشسا ئىككىنچى قېتىم، ئۈچىنچى يىل توشسا ئۈچىنچى قېتىم مۇشۇ بويىچە زاكات بېرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالار:
كىرا ماشىنىسىغا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيگە زاكات كېلەمدۇ؟