سەھۋەنلىك سەجدىسى قاچان قىلىنىدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە، فەقىھ سالىھ فەۋزان
سوئال: سەھۋەنلىك سەجدىسى قاچان قىلىنىدۇ؟
شەيخ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
سەھۋەنلىك سەجدىسىنى نامازدىن چىقىش سالىمىدىن بۇرۇن قىلىشمۇ، نامازدىن چىقىش سالىمىدىن كېيىن قىلىشمۇ دۇرۇس. لېكىن، ئەۋزەل بولغىنى — ئەگەر نامازدا ناقىسلىق يۈز بەرگەن بولسا، نامازدىن چىقىش سالىمىدىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىمىش ئەۋزەل. ئەگەر نامازدا ئارتۇقلۇق بولسا، ئۇ ھالدا نامازدىن چىقىش سالىمىدىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش ئەۋزەل.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى