ئىستىغفار ۋە زىكىر-تەسبىھ ئۈچۈن زامان ئايرىشنىڭ ھۆكمى | ئەللامە سالىھ فەۋزان پەتىۋاسى

ئىستىغفار ئۈچۈن زامان ئايرىشنىڭ ھۆكمى

سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتىنى بىلىپ ئۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئوقۇدۇم، بۇنىڭ سايىسىدە ئۆزۈم ئۈچۈن مەلۇم ساندا ئىستىغفار ئوقۇشنى بەلگىلەپ، ھەر نامازنىڭ ئارقىسىدا ئىستىغفار ئوقۇۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىم دۇرۇسمۇ؟

ئەللامە سالىھ فەۋزان: بۇنداق قىلىش مۇستەھەپ، بولمايدىغان يېرى يوق، بۇ مۇستەھەپ. (مۇستەھەپ — قىلىنسا كىشىگە ساۋاپ بېرىلىدىغان، قىلىنمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئەمەلدۇر.)

سوئال سورىغۇچى: مانچە قېتىم ئىستىغفار ئېيتىمەن دەپ سان بەلگىلىدىم.

ئەللامە سالىھ فەۋزان: بۇنىڭ ھېچبىر چەكلىمە يوق.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ