كۇفۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئايالنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋاسى

كۇفۇر دىيارىدا ياشايدىغان ئايالنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: بىلىنگىنىدەك، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى يېپىشى پەرزدۇر. بۇ ھۆكۈم كۇفۇر دىياردىمۇ كۈچكە ئىگە بولامدۇ، يۈز ياپقان ئايال قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ كۇفرى دىيارىدا ئايال كىشىنىڭ يۈز يېپىشى ئوخشاشلا پەرز بولامدۇ؟

شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

شۇنداق. كۇفۇر دىيارىمۇ، ئىسلام دىيارىمۇ ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ئورۇندىلىشىدا ئوخشاش. كۇفۇر دىيارىدا ياشىغان ئايال ھەتتا يۈز يېپىشى سەۋەبلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ يۈز يېپىشى پەرزدۇر. كىشىلەر ئۇنىڭغا يامان نەزەردە قارىسا، بۇنىڭ ئۈچۈن سەبر قىلىشى كېرەك ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلماي. ئاللاھ مۆمىنلەرنى قوغدايدۇ.

ماڭا (كۇفرى دىيارىدىكى) بەزى كىشىلەر ئۆز، ئايالىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ دوستلىرىنىڭ يۈزىنى ياپىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ھېچكىمدىن ئازار يېمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىلەر بولۇشى مۇمكىن.

ھەر قانداق ئەھۋالدا، مەيلى كۇپۇر دىيارى بولسۇن ياكى ئىسلام دىيارى بولسۇن ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە رىئايە قىلىش پەرزدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ