تۆت مەزھەپتىن بىرەرسىگە ئەگىشىش پەرزمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
سوئال: كىشىنىڭ بىرەر مەزھەپكە ئەگىشىشى پەرزمۇ؟ «مەزھەپسىزلىك ئىسلام شەرىئىتىگە تاشلانغان ئەڭ خەتەرلىك بىدئەتتۇر» ماۋزۇلۇق بىر كىتاپ مەۋجۇت. مەزھەپسىزلىك راستتىنلا بىدئەتمۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز ئەمەس. كىمكى «كىشى مەزھەپلەردىن بىرەرسىگە ئەگىشىشى پەرز، يەنى ئىمام ئەھمەدنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ ياكى ئىمام شافىينىڭ مەزھىبىدىن بىرەرسىگە ئەگىشىشىنى پەرز» دېسە، خاتا سۆزدۇر.
مەزھەبلەر ساھابە ۋە تابىئىنلار دەۋرىدە يوق بولۇپ، ئۇلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ۋەجىدىن، مەزھەپكە ئەگىشىش ھېچكىم ئۈچۈن پەرز ھېسابلانمايدۇ.
مەزھەپلەرنى شەكىللەندۈرگۈنى (ئىلىم-پەزىلەتتە) مەشھۇر بولغان ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدۇر. مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرى يېزىپ قالدۇرۇغان، شۇڭا مەۋجۇت مەزھەپلەر مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان.
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ، ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ قاتارلىقلار ئىسلام ئۆلىمالىرىدۇر. سۇفيان سەۋرى، ئەۋزائىي، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ دەرىجىسىدىكى ئۆلىمالاردۇر. بىزنىڭ سەۋرىنىڭ، ئىبنى ئۇيەينەنىڭ، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھنىڭ ياكى ئەۋزائىنىڭ، ياكى ئۇلاردىن باشقا مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىنى تۇتۇشىمىز پەرز ئەمەس. شۇنىڭدەك، ئىمام ئەھمەدنىڭ، ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شافىينىڭ ياكى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ پەتىۋالىرىنى تۇتۇشىمىزمۇ پەرز ئەمەس.
لېكىن، بىز ئىختىلاپلىق فىقھى مەسلىلەردە بۇ ئىماملارنىڭ پەتىۋالىرىغا نەزەر سالىمىز، قايسىسىنىڭ پەتىۋاسى ھەقكە — يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ شۇ ھەقتىكى مۇرادىغا — ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنىڭ پەتىۋاسىنى قوبۇل قىلىمىز، كىمنىڭ پەتىۋاسى ھەقكە زىت كەلسە، ھەقكە زىت پەتىۋانى تەرك ئېتىمىز.
ئەگەر بىرەر مەسلىدە بۇ ئىلگىرى ئۆتكەن سەلەپ ئۆلىمالىرى ئىتتىپاققا (ئىجمائقا) كەلگەن بولسا، ئۇ ھالدا سەلەپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائىغا ئەگىشىش پەرزدۇر، ئىجمائقا خىلاپلىق قىلىشقا يول يوق.
سەلەپ ئۆلىمالىرى ئىجمائقا (ئىتتىپاققا) كەلگەن مەسىلىدە، ئىجمائقا ئەگىشىش پەرزدۇر.
تۆت ئىمام ۋە شۇلارغا تەڭداش مۇتلەق مۇجتەھىد ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان مەسىلە قۇرئان-سۈننەتكە قايتۇرۇلىدۇ. ئايەتتە دېيىلگىنىدەك: {ئەگەر بىرەر ئىشتا ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار، ئۇ ئىشتا قۇرئان ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىڭلار.} (سۈرە نىسا،59-ئايەت)
بۇ ۋەجىدىن، كىتاپ ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق كەلگەن ھۆكۈملەرنى قوبۇل قىلىپ، زىت كەلگىنىنى بولسا تەرك ئېتىمىز.
مەزھەپسىزلىك سۆزىگە كەلسەك، مەزھەپسىزلىكنى تىلغا ئالغان كىشى بۇ سۆزى ئارقىلىق «مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز ئەمەس» دېمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ گەپ توغرا.
ئەگەر، مەزھەپسىزلىكنى تىلغا ئالغان كىشى بۇ سۆزى ئارقىلىق كىشىنىڭ ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىشى دۇرۇس ئەمەس دېمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سۆز خاتا سۆزدۇر.
كىشىنىڭ ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىشى دۇرۇس.كىشى بىرەر مەزھەپ تەلىماتى تەسىرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ياكى مۇئەييەن بىرەر مەزھەپكە ئەگىشىدىغان شەيخنىڭ قولىدا ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى مەزھەپلەردىن بىرەرسىگە نىسبەت بېرىپ، ئۆزىنى شافىي، ياكى ھەنبەلىي، ياكى مالىكىي ۋە ياكى ھەنەفىي دەپ ئاتىسا، ئۇ ھالدا ئۆزىنى بۇ شەكىلدە مەزھەپكە تەۋە قىلىشىدا چەكلىمە يوق. ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىش زەرەرلىك ئىش ئەمەس.
مەزھەپكە ئەگەشكەن كىشى قارىسىغا تەقلىد قىلغۇچى بولۇپ قالماسلىقى، ياكى ئۆز مەزھىپىنى مۇتلەق ھەق دەپ تۇرۇۋالماسلىقى لازىم.
ئەگەر ھەق ئۆزىگە ئاشكارا بولسا، ۋە ئاشكارا بولغان بۇ ھەق ئۇنىڭ مەزھىپىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمگە زىت بولغان تەقدىردىمۇ، كىشى (مەزھەپتىكى خاتا كەتكەن ھۆكۈمگە ئەمەس،) ھەقكە ئەگىشىشى كېرەك.
مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىكى ياكى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش دۇرۇس ئەمەس.
دېمەك، «مەزھەپ تۇتماسلىق» دېيىش بىلەن «مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىكى قىلىش ۋە قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ توغرا.
ئەگەر، ئۇ بۇ ئارقىلىق كىشىنىڭ ئۆزىنى مەزھەپكە تەۋە قىلىشىنى دۇرۇس ئەمەس دېمەكچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كىشى ئەھلى ئىلىمنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئاساسى يوق.
ھەقىقىي رەت قىلىدىغان ئىش — پالانچىغا ياكى پوكۇنچىغا، ئۇنىڭ ھۆكمى خاتا بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، «ھەق مۇتلەق شۇنىڭدا» دەپ ئېسىلىۋېلىشتۇر.
بۇنداق قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش چۈشەنچىنىڭ تېيىزلىقىدىن، شەرئىي دەلىللەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش چەكلىنىدۇ.
كىشى بىرەر مەزھەپكە ئەگەشسە، لېكىن ئۆز مەزھىبىدىكى ھۆكۈم ھەقكە زىت بولۇپ قالغاندا، ئۆز مەزھىبىدىكى خاتا ھۆكۈمنى تاشلاپ، ھەقنى قوبۇل قىلسا، ئىشنىڭ توغرىسى مانا بۇدۇر.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى