قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزاندىن مۇنداق سورالدى:
بۇ قېرىندىشىمىز «قەبرە بېشىدا قايسى سۈرىنى ئوقۇيمىز، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمدۇق ياكى ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇمدۇق؟» دەپ سوراۋاتىدۇ.
ئەللامە سالىھ فەۋزان مۇنداق جاۋاب بەردى:
قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇلمايدۇ. سۈرە فاتىھەمۇ، سۈرە ئىخلاسمۇ ئوقۇلمايدۇ، باشاق ھەر قانداق سۈرە ئايەت ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى، قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇش بىدئەت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ خەۋەر يوق.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
ئىبنى تەيمىييە: قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى