سۈرە زۇھادىن باشلاپ ھەر سۈرە ئارىسىدا تەكبىر ئېيتىپ قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
سوئال: قۇرئان ئوقۇغاندا سۈرە زۇھادىن سۈرە ناسقىچە ھەر سۈرە ئارقىسىدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەۋىتىپ ئاندىن يېڭى سۈرىگە ئۆتۈشنىڭ دىندا ئاساسى بارمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئىمام ئىبنى كەسىر سۈرە زۇھانىڭ بېشىدا بايان قىلغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سوئالدا سورالغىنىدەك ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس مەۋجۇت ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بەزى قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچىلار مۇشۇ ھەقتىكى بىر زەئىپ ھەدىس يۈزىسىدىن، مۇشۇنداق ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالغان. بۇ ۋەجىدىن، بۇنداق ئوقۇشنى تەرك ئېتىش ئەلادۇر. چۈنكى، ھەر قانداق ئىبادەتنى زەئىپ ھەدىسكە تايىنىپ تۇرۇپ ئورۇنداش توغرا بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. [مجموع فتاوى ومقالات متنوعة ابن باز (1/ 440).]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسىنى شەيخنىڭ پەتىۋا تور بېتىدىن ئوقۇش ئۈچۈن چېكىڭ