نامازدا دۇنياۋى ئېھتىياجلارنى سوراپ دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
ئىمام مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
بەزى كىشىلەر مۇنداق دەپ سوراۋاتىدۇ:
نامازنىڭ سەجدىلىرىدە ياكى تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇغاندا تەشەھھۇد دۇئاسىنى ۋە سەللى بارىك دۇئالىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دۇنيالىق بىرەر ھاجىتىمنى سوراپ دۇئا قىلىشىم دۇرۇس بولامدۇ؟
مەسىلەن «ئى رەببىم! ماڭا يېڭى ماشىنا نېسىپ قىلغىن» دەپ، ياكى «ماڭا گۈزەل بىر ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشىمغا نېسىپ قىلغىن» دەپ، ياكى «ماڭا كەڭرى ئۆي نېسىپ قىلغىن» دەپ دۇئا قىلساق دۇرۇس بولامدۇ؟
نامازنىڭ سەجدىسىدە ياكى تەشەھھۇدىدا بۇنداق دۇئا قىلىش دۇرۇسمۇ يوق؟
دەيمىزكى: نامازدا بۇنداق دۇئا قىلىش دۇرۇس. سوراپ-تىلىگەن چېغىڭدا ئاللاھتىن سوراپ-تىلە. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (نامازنىڭ ئىچىدە دۇئا قىلىش ھەققىدە) «(ئەتتەھىيياتۇدىن كېيىن) كىشى خالىغان دۇئانى قىلىدۇ» دېگەن.
دۇئا ئىبادەتتۇر، ھەتتا دۇنيالىق ھاجەتلەرنى تىلەپ دۇئا قىلىشمۇ ئوخشاشلا ئىبادەتتۇر.
گۇناھلىق ئىش ياكى نەرسە ئۈچۈن، ۋەياكى ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئۈچۈ دۇئا قىلمىغانلىكى مۇددەتتى، دۇنيالىق ئىشلار-نەرسىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن سوراپ دۇئا قىلساڭ، بۇ بىر ئىبادەتتۇر.