پەرز نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، سۈننەت نامازنى جاي يەڭگۈشلەپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

پەرز نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، سۈننەت نامازنى جاي يەڭگۈشلەپ ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال:
ئى شەيخ! نامازنىڭ پەرزىنى ۋە سۈننىتى (جاي يەڭگۈشلىمەشتىن) ئوخشاش ئورۇندا ئوقۇش بىلەن، جاي يەڭگۈشلەپ، پەرز بىلەن سۈننەتنى باشقا باشقا يەردە ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشتىن قايسىسى ياخشى؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان

شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
نامازلار ئارىىسدا ئورۇن يەڭگۈشلەش جەھەتتە بىرەر سەھىھ خەۋەر نەقىل قىلىنغان ئەمەس. كىشى نامازنىڭ پەرزى بىلەن سۈننىتىنى ئوخشاش ئورۇندا ئوقۇسا، بۇ دۇرۇستۇر. شۇنداقلا، نامازنىڭ پەرزنى بىر يەردە ئوقۇپ، سۈننىتى باشقا جايغا يۆتكىلىپ ئوقۇسا بۇنىڭدىمۇ چاتاق يوق. بۇ جەھەتتە ئىش كەڭرىدۇر.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىدىن ئەسكەرتمە:

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇلللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز بىلەن نامازنىڭ ئارىسىىنى ياكى ناماز ئوقۇغان يەردىن بىر چىقىۋىتىپ قايتىپ كىرىش ياكى ئىككى ناماز ئارىسىدا گەپ قىلىۋېتىپ ئاندىن كېيىنكى نامازنى باشلاشنى بۇيرۇغان. بۇ ھەدىسكە بىنائەن بىر تۈركۈم ئۆلىمالار «كىشى بىر جايدا پەرز ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ پەرز نامازنىڭ سۈننىتىنى يۆتكۈلۈپ باشقا جايدا ئوقۇيدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقارغان. (بۇ ئىمام ئىبنى ئۇسەيمەننىڭ سۆزىدۇر. ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ)

ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ يۇقىرىقى پەتىۋاسىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق سەھىھ خەۋەر يوق دېيىش ئارقىلىق «پەرز بىلەن سۈننەت نامازنىڭ ئارىسىنى جاي يەڭگۈشلەش ئارقىلىق ئايرىش ھەققىدە سەھىھ خەۋەر يوق» دېمەكچى بولغان. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن بولسا، بىز يۇقىرىدا نەقىل قىلغان مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە قىياس قىلىش ئارقىلىق، نەپلە بىلەن سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنى جاي يەڭگۈشلەشنى كۈچلەندۈرگەن. ئىككى ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى نىسبەتەن پەرقىلىق پەتىۋاسى ئىسلام ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىككى خىل چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، شەيخ سالىھ فەۋزاننىڭ دېگىنىدەك بۇ ھەقتە يول كەڭرىدۇر. بۇ ۋەجىدىن، مەسىلىنىڭ مۇھىم يېرى، بۇ ھەقتە ئوخشىمايدىغان يول تۇتقان مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنى ئەيىپلىمەسلىكىدۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ