قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ قۇربانلىق قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز

قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ قۇربانلىق قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇدرەت بارات
(2023-يىلى، 6-ئاي)

شەيختىن مۇنداق سورالغان:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

مۇنۇ مەسىلىدە بىزگە پەتىۋا بېرىشلىرىنى سورايمىز:

قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى نېمە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ قۇربانلىق قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

بسم الله الرحمن الرحيم، الحمد لله وحده، والصلاة والسلام على من لا نبي بعده.

ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇربىتى يېتىدىغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى — پەرز (ۋاجىپ) ئەمەس — سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى سېمىز قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلشان، باشقا مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق قىلىپ كەلمەكتە. قۇربانلىق قىلىشنىڭ پەرز (ۋاجىپ) ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق شەرئىي دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. (قۇربى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن) قۇربانلىق قىلىش پەرز (ۋاجىپ) دېگەن ھۆكۈم (توغرا بولمىغان) ئاجىز ھۆكۈمدۇر. [1] 

ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ قۇربانلىق قىلىشنىڭ پەرز ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:
قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ ئەمەس. ئەگەر كىشى قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلماسلىقى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىش مۇستەھەبتۇر — قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن تەكىتلىك سۈننەتتۇر. جۇمھۇر ئەھلى ئىلىمنىڭ نەزىرىدە قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ ئەمەس.[2]

— مۇجتەھىد تورى تارقاتتى

نەقىل مەنبەلىرى:

[1] مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 18/ 36 | پەتىۋانىڭ ئەرەپچىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن چېكىڭ

[2] پەتىۋانىڭ ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ