قۇرئان قەلبلەردىن ۋە مۇسھەپلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان ۋاقىت قاچان؟ | ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى

قۇرئان قەلبلەردىن ۋە مۇسھەپلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان ۋاقىت قاچان؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز

سوئال: ئەگەر قۇرئان تەۋرەت ۋە ئىنجىل تاشلىۋېتىلگەندەك تاشلىۋېتىلسە، قۇرئان ئاللاھقا كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
ئاخىر زاماندا كىشىلەر قۇرئاننى تەرك ئېتىپ، قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنى تاشلىغان چاغدا قۇرئان قەلبلەردىن ۋە مۇسھەپلەردىن (قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان، بىز قۇرئان كەرىم دەپ ساقلاپ يۈرگەن كىتاپلاردىن) كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. (قۇرئان ئۇنى يادقا ئوقۇيالايدىغان بارچە كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن) بۇ چاغدا ئىنسانلاردىن ھېچكىم قۇرئاننى ئوقۇيالمايدۇ، قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان مۇسھەپلەر — ئىچىدە ھېچقانداق ئايەت بولمىغان، بەتلىرى ئاپئاق كىتابقا ئايلىنىپ قالىدۇ. لاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ، بىز ئاللاھتىن كەلدۇق، يەنە ئاللاھقا قايتقۇچىلارمىز. [مەنبە: فتاوى الجامع الكبير> وقت رفع القرآن من القلوب والصحف]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ