قۇرئان ئوقۇپ، ساۋابىنى ۋاپات تاپقان ئاتا-ئانىسىغا بېغىشلاشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز
سوئال: قۇرئاننى ئوقۇپ ۋە قۇرئاننى باشتىن ئاياق ئوقۇپ تامام قىلىپ، بۇنىڭ ساۋابىنى ۋاپات-تېپىپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىغا بېغىشلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
بۇنداق قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان شەرئىي دەلىل مەۋجۇت ئەمەس. گەرچە ئەھلى ئىلىمدىن بەزىلىرى بۇنداق قىلىشنى يوللۇق دېگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شەرئىي دەلىل يوق.
ئەۋزەل بولغىنى، بارچە ئەھلى ئىلىم بىردەك ھالدا ئىتتىپاققا كەلگىنى شۇكى: كىشىنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى ۋە پۇل-مال سەدىقە قىلىشىدۇر.
(ۋاپات بولۇپ كەتكەن مۇسۇلمان ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىدىن، ئۆزى ئۈچۈن پۇل مال سەدىقە قىلىشدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، بۇنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇنى جىمىي ئىسلام ئالىملىرى تەرغىپ قىلغان. بۇ ۋەجىدىن دىندا بار، ئايەت ھەدىستە دەلىلى بار، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسى تەرغىپ قىلغان ئىشنى تاشلاپ، دەلىلى يوق ئىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا پايدا يەتكۈزمەكچى بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇيغۇن كۆرىلىدىغان ئىش ئەمەس.-ت)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى