سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇش
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى
ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇمنى ئۆزۈم ئۈچۈن ھارام قىلدىم، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ھارام قىلدىم. ئۇنداق ئىكەن، بىر-بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ ھىدايەت قىلغانلىرىم مۇستەسنا، ھەممىڭلار ئازغۇنلۇقتىسىلەر. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن ھىدايەت تىلەڭلاركى، سىلەرگە ھىدايەت ئاتا قىلاي. ئى بەندىلىرىم! مەن تويغۇزغاندىن باشقا ھەممىڭلار ئاچسىلەر، ئۇنداقتا مەندىن يېمەك-ئىچمەك تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى تويغۇزاي. ئى بەندىلىرىم! مېنىڭ كىيىم كىيگۈزگەنلىرىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچسىلەر. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن كىيىم-كېچەك تىلەڭلاركى، سىلەرگە كىيىم-كېچەك ئاتا قىلاي. ئى بەندىلىم! سىلەر كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈسىلەر. مەن بولسام پۈتكۈل گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىمەن. ئۇنداق ئىكەن، مەندىن مەغفىرەت تىلەڭلاركى، سىلەرنى مەغفىرەت قىلاي. ئى بەندىلىرىم! ماڭا زىيان سالماقچى بولساڭلار، زىيان سېلىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ماڭا مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، مەنپەئەت يەتكۈزۈشۈڭلار قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلارنىڭ، ئاخىرقىلىرىڭلارنىڭ، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار (نىڭ قەلبى ئاراڭلاردىكى) ئەڭ تەقۋادار بىر كىشىنىڭ قەلبىدەك (ئىمانغا لىق تولغان تەقدىردىمۇ)، بۇنداق بولۇشى مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىن ھېچ نەرسىنى ئاشۇرالمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلارنىڭ، ئاخىرقىلىرىڭلارنىڭ، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار (نىڭ قەلبى ئاراڭلاردىكى ئاراڭلاردىكى) ئەڭ فاجىر بىرىنىڭ قەلبىدەك بولسا، بۇ مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىن ھېچنەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى قۇللىرىم! ئەگەر ئاۋۋالقىلىڭلار، ئاخىرقىلىرىڭلار، ئىنسۇ-جىن ھەممىڭلار بىر يەرگە توپلىشىپ مەندىن ھاجىتىڭلارنى تىلىسەڭلار ۋە ھەر بىرىڭىلارغا تىلىگىنىڭلارنى (تولۇقى بىلەن) بەرسەم، بۇ مېنىڭ دەرگاھىمدىكىدىن دېڭىزغا چىلانغان يىڭنىنىڭ دېڭىزدىن كېمەيتكىنىدىن ئارتۇقىنى كېمەيتەلمەيدۇ.
ئى بەندىلىرىم! بۇلار سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردۇر. مەن ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساناپ، ھېسابلاپ قويىمەن. ئاندىن ئۇنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسىنى سىلەرگە تولۇقى بىلەن بېرىمەن. كىمكى ھېسابىدا ياخشىلىقنى تاپسا، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسۇن. كىمكى ياخشىلىقتىن باشقىنى تاپسا، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئەيىبلىمىسۇن.» hedisim.com (مۇسلىم 2577) عَنْ أَبي ذرٍّ الغِفَارْي رضي الله عنه عَن النبي ﷺ فيمَا يَرْويه عَنْ رَبِِّهِ عزَّ وجل أَنَّهُ قَالَ: (يَا عِبَادِيْ إِنِّيْ حَرَّمْتُ الظُّلْمَ عَلَى نَفْسِيْ وَجَعَلْتُهُ بَيْنَكُمْ مُحَرَّمَاً فَلا تَظَالَمُوْا، يَا عِبَادِيْ كُلُّكُمْ ضَالٌّ إِلاَّ مَنْ هَدَيْتُهُ فَاسْتَهْدُوْنِي أَهْدِكُمْ، يَا عِبَادِيْ كُلُّكُمْ جَائِعٌ إِلاَّ مَنْ أَطْعَمْتُهُ فاَسْتَطْعِمُونِي أُطْعِمْكُمْ، يَا عِبَادِيْ كُلُّكُمْ عَارٍ إِلاَّ مَنْ كَسَوْتُهُ فَاسْتَكْسُوْنِيْ أَكْسُكُمْ، يَا عِبَادِيْ إِنَّكُمْ تُخْطِئُوْنَ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَأَنَا أَغْفِرُ الذُّنُوْبَ جَمِيْعَاً فَاسْتَغْفِرُوْنِيْ أَغْفِرْ لَكُمْ، يَا عِبَادِيْ إِنَّكُمْ لَنْ تَبْلُغُوْا ضَرِّيْ فَتَضُرُّوْنِيْ وَلَنْ تَبْلُغُوْا نَفْعِيْ فَتَنْفَعُوْنِيْ، يَا عِبَادِيْ لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ كَانُوْا عَلَى أَتْقَى قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ مِنْكُمْ مَا زَادَ ذَلِكَ فَيْ مُلْكِيْ شَيْئَاً. يَا عِبَادِيْ لَوْ أَنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإِنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ كَانُوْا عَلَى أَفْجَرِ قَلْبِ رَجُلٍ وَاحِدٍ مِنْكُمْ مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِنْ مُلْكِيْ شَيْئَاً، يَا عِبَادِيْ لَوْ أنَّ أَوَّلَكُمْ وَآخِرَكُمْ وَإنْسَكُمْ وَجِنَّكُمْ قَامُوْا فِيْ صَعِيْدٍ وَاحِدٍ فَسَأَلُوْنِيْ فَأَعْطَيْتُ كُلَّ وَاحِدٍ مَسْأَلَتَهُ مَا نَقَصَ ذَلِكَ مِمَّا عِنْدِيْ إِلاَّ كَمَا يَنْقُصُ المِخْيَطُ إَذَا أُدْخِلَ البَحْرَ، يَا عِبَادِيْ إِنَّمَا هِيَ أَعْمَالُكُمْ أُحْصِيْهَا لَكُمْ ثُمَّ أُوَفِّيْكُمْ إِيَّاهَا فَمَنْ وَجَدَ خَيْرَاً فَليَحْمَدِ اللهَ وَمَنْ وَجَدَ غَيْرَ ذَلِكَ فَلاَ يَلُوْمَنَّ إِلاَّ نَفْسَهُ) رواه مسلم.
ئاللاھ قانداق ئىلاھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېغىرچىلىق پەيتىدە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: ”لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ الْعَليمُ الْحَلِيمُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ السَّمَوَاتِ وَرَبُّ الأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ“«ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچى ۋە ئاسىيلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ۋە قۇلچىلىققا لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ رەببىدۇر، زېمىننىڭ رەببىدۇر ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببىدۇر.» hedisim.com (سەھىھ بۇخارى -تەۋھىد 7426؛ مۇسلىم 2730)
ئاللاھنىڭ رەھمىتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، لەۋھۇلمەھفۇزغا <رەھمىتىم غەزىپىمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى> دەپ يازدى.» (بۇخارى 3194) hedisim.com «لَمّا قَضى اللهُ الخَلْقَ كَتَبَ كِتابًا عِنْدَهُ: غَلَبَتْ -أوْ قال:- سَبَقَتْ رَحْمَتِي غَضَبِي، فَهْوَ عِنْدَهُ فَوْقَ العَرْشِ».
ئاللاھ قانداق كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مۇنداق دېدى: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئاچىمەن. بەندەم ماڭا ئۆزىگە پەرز قىلغانلىرىمنى ئورۇنداشتىنمۇ بەكراق سۆيۈملۈك ئەمەل بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ. بەندەم ماڭا نەپلە ئەمەللەر ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاقىۋەتتە مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشىدۇ. مەن بەندەمنى ياخشى كۆرسەم ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن. مەندىن سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، مەندىن پاناھ تىلىسە، ھىماھەيمگە ئالىمەن.» hedisim.com (بۇخارى 6502) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ ﷺ : (إِنَّ اللهَ تَعَالَى قَالَ: مَنْ عَادَى لِي وَلِيَّاً فَقَدْ آذَنْتُهُ بِالحَرْبِ. وَمَا تَقَرَّبَ إِلِيَّ عَبْدِيْ بِشَيءٍ أَحَبَّ إِلِيَّ مِمَّا افْتَرَضْتُهُ عَلَيْهِ. ولايَزَالُ عَبْدِيْ يَتَقَرَّبُ إِلَيَّ بِالنَّوَافِلِ حَتَّى أُحِبَّهُ، فَإِذَا أَحْبَبتُهُ كُنْتُ سَمْعَهُ الَّذِيْ يَسْمَعُ بِهِ، وَبَصَرَهُ الَّذِيْ يُبْصِرُ بِهِ، وَيَدَهُ الَّتِي يَبْطِشُ بِهَا، وَرِجْلَهُ الَّتِي يَمْشِيْ بِهَا. وَلَئِنْ سَأَلَنِيْ لأُعطِيَنَّهُ، وَلَئِنْ اسْتَعَاذَنِيْ لأُعِيْذَنَّهُ) رواه البخاري
ئەبۇل ئابباس سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ماجە 4102؛ رىيازۇس سالىھىن 472؛ تەبرانى-ئەلكەبىر 5972؛ ھاكىم 4\313؛ ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامدا 1475، ھەسەن دېگەن) عَنْ أَبي العَباس سَعدِ بنِ سَهلٍ السَّاعِدي رضي الله عنه قَالَ: جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النبي ﷺ فَقَالَ: يَا رَسُول الله: دُلَّني عَلَى عَمَلٍ إِذَا عَمَلتُهُ أَحَبَّني اللهُ، وَأَحبَّني النَاسُ ؟ فَقَالَ: (ازهَد في الدُّنيَا يُحِبَّكَ اللهُ ، وازهَد فيمَا عِندَ النَّاسِ يُحِبَّكَ النَّاسُ) حديث حسن رواه ابن ماجة وغيره بأسانيد حسنة.
ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسان بالىسى! سەن ماڭا (تەۋبىكار قەلب بىلەن) دۇئا قىلىپ، مەندىن (گۇناھىڭنىڭ مەغفرەت قىلىنىشىنى) سورىغانلىكى تەقدىردە، مەن سېنى قىلغان گۇناھىڭغا پەرۋا قىلماستىن مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! گۇناھلىرىڭ (كۆپىيىپ) ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا تاقاشقان تەقدىردىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا تەۋبە قىلىپ مەغفىرەت سورىساڭ، سېنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن. ئى ئادەم بالىسى! سەن ماڭا يەر يۈزى توشقۇدەك گۇناھ بىلەن كېلىپ، ھېچنەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىۋالمىغان ھالەتتە مەن بىلەن ئۇچراشساڭ، مەنمۇ ساڭا يەر يۈزى تولغۇدەك مەغفىرەت بىلەن كېلىمەن.» hedisim.com (تىرمىزى 3540؛ جامىئۇل ئۇلۇم ۋە ھىكەم 2\400؛ سەھىھ ھەدىس) ھەدىسنىڭ ئەرەبچە تېكىستى:
ئاللاھ بەندىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”إنّ الله تَعالى يَبْسُطُ يَدَهُ بالليلِ لِيَتُوبَ مُسِيءُ النَّهارِ، ويَبْسُطُ يَدَهُ بالنَّهارِ لِيَتُوبَ مُسِيءُ اللَّيلِ، حَتّى تَطْلُعَ الشَّمْسُ مِن مَغْرِبِها“ «ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە قولىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ ۋە كېچىدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە قولىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ، تاكى قىيامەت كۈنىگىچە شۇنداق.» (مۇسلىم 2459؛ رىيازۇس سالىھىن 16) عَنْ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ يَقُولُ: قَالَ اللهُ تَعَالَى: (يَا ابْنَ آَدَمَ إِنَّكَ مَا دَعَوتَنِيْ وَرَجَوتَنِيْ غَفَرْتُ لَكَ عَلَى مَا كَانَ مِنْكَ وَلا أُبَالِيْ، يَا ابْنَ آَدَمَ لَو بَلَغَتْ ذُنُوبُكَ عَنَانَ السَّمَاءِ ثُمَّ استَغْفَرْتَنِيْ غَفَرْتُ لَكَ، يَا ابْنَ آَدَمَ إِنَّكَ لَو أَتَيْتَنِيْ بِقِرَابِ الأَرْضِ خَطَايَا ثُمَّ لقِيْتَنِيْ لاَ تُشْرِك بِيْ شَيْئَاً لأَتَيْتُكَ بِقِرَابِهَا مَغفِرَةً) رَوَاهُ التِّرْمِذِيُّ وَقَالَ: حَدِيْثٌ حَسَنٌ صَحَيْحٌ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇ ھەمزە ئەنەس ئىبن مالىك ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ قىلغان تەۋبىسىدىن سىلەرنىڭ بىرىڭلار دالادا تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپ تېپىۋالغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقىدىنمۇ ئارتۇق خۇشال بولىدۇ». hedisim.com (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، رىيازۇس سالىھىن 15)
ئاللاھ ياخشى نىيەتكىمۇ ساۋاب بېرىدۇ، ئاز ياخشىلىققا كۆپ مۇكاپات بېرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: «ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى يازدى، ئاندىن ئۇلارنى تەپسىلىي بايان قىلدى: (مۇسۇلمانلاردىن) كىم بىرەر ياخشىلىقنى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدا ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلسا ۋە ئۇنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ ۋە بۇ ساۋابىنى يەتتە يۈز ياخشىلىقنىڭ ساۋابىغىچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ساۋابىغىچە كۆتۈرىدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىقنى نىيەت قىلىپ، ئاندىن ئۇ يامانلىقتىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر بىر يامان ئىشقا نىيەت قىلسا، ئاندىن ئۇنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىر يامانلىقنىڭ گۇناھىنى يازىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 6491؛ مۇسلىم 131؛ رىيازۇس سالىھىن 11)
ھەدىسنىڭ ئەرەبچە تېكىستى:عَن ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُمَا عَنِ النبي ﷺ فِيْمَا يَرْوِيْهِ عَنْ رَبِّهِ تَبَارَكَ وَتَعَالى أَنَّهُ قَالَ: (إِنَّ الله كَتَبَ الحَسَنَاتِ وَالسَّيئَاتِ ثُمَّ بَيَّنَ ذَلِكَ؛ فَمَنْ هَمَّ بِحَسَنَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً، وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ عَشْرَ حَسَنَاتٍ إِلَى سَبْعِمائَةِ ضِعْفٍ إِلىَ أَضْعَاف كَثِيْرَةٍ. وَإِنْ هَمَّ بِسَيِّئَةٍ فَلَمْ يَعْمَلْهَا كَتَبَهَا اللهُ عِنْدَهُ حَسَنَةً كَامِلَةً،وَإِنْ هَمَّ بِهَا فَعَمِلَهَا كَتَبَهَا اللهُ سَيِّئَةً وَاحِدَةً) رَوَاهُ البُخَارِيُّ وَمُسْلِمٌ في صَحِيْحَيهِمَا بِهَذِهِ الحُرُوْفِ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ”لا يستر الله عبدا في الدنيا إلا ستره يوم القيامة“ «ئاللاھ تائالا دۇنيادا بىر مۆمىن بەندىنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ، ئۇنى رەسۋا قىلمىغان بولسا، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ رەسۋا قىلمايدۇ.» hedisim.com (جامىئۇس سەغىر 3446؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 3021)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن المقسطين عند الله يوم القيامة على منابر من نور عن يمين الرحمن، وكلتا يديه يمين: الذين يعدلون في حكمهم، وأهليهم، وما ولوا)) «ئادالەت ئىگىلىرى مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى نۇردىن بولغان تەختلەردە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىككىلى قولى ئوڭدۇر. بۇ ئادالەت ئىگىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدا، ئائىلە بالا-چاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلاردا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرگۈچىلەردۇر.» hedisim.com (مۇسلىم 1827؛ جامىئۇس سەغىر 2121؛ سەھىھ جامىئ1953؛ ئىبنى ئەمردىن)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى
مەزمۇن تولۇقلىنىۋاتىدۇ…