( مَا مِنْ عَبْدٍ يَقُولُ فِي صَبَاحِ كُلِّ يَوْمٍ وَمَسَاءِ كُلِّ لَيْلَةٍ بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ لَمْ يَضُرَّهُ شَيْءٌ )
وقال الترمذي : حسن صحيح غريب . وصححه ابن القيم في » زاد المعاد » (2/338)، وصححه الألباني في » صحيح أبي داود «.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر قانداق بىر بەندە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە ھەر ئاخشىمىسى < بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ > دەپ ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇ كىشىگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 5088؛ تىرمىزى 3388؛ئىمام ئىبنۇل قەييىم «زادۇل مەئاد»تا (2\338) سەھىھ دېگەن، ئەلبانى «سەھىھ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن) زىكىرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى: نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر.
شەيخ ئابدۇررازاق ئەلبەدر ھەفىزەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمان ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئوقۇشنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك بولغان ئۇلۇغ زىكىرلەر جۈملىسىدىندۇر. بۇنى ئوقۇش ئارقىلىق كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تۇيۇقسىز كېلىدىغان بالا-مۇسىبەتنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ رەسۇلۇللاھتىن (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) كەلگەن سەھىھ خەۋەردۇر، راست سۆزدۇر. بىز بۇنىڭ ھەقلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىقمۇ تونۇپ يەتكەنمىز. مەن مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلىغىنىمدىن بېرى مەزكۇر زىكىرنى ئوقۇشنى داۋام قىلدىم ۋە ھېچقانداق نەرسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ باقمىدىم، تاكى بۇ زىكىرنى ئوقۇشنى تەرك ئېتىشىم مۇستەسنا. بىر كېچىسى مېنى مەدىنىدە چايان چېقىۋالدى. شۇ چاغدا مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇغانمىتىم يوق، دەپ ئويلىنىپ بېقىۋىدىم، ئاشۇ كېچىسى مەن مۇشۇ زىكىرنى ئوقۇشنى ئۇنۇتقانلىقمنى بىلدىم. [كتاب فقه الأدعية والأذكار 3\12؛الفتوحات الربانية لابن علان (3/100)]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
بۇ زىكىرنىڭ رەسىم شەكلىنى كۆرۈش ياكى چۈشۈرۈش ئۈچۈن چېكىڭ