سۈرە شەمس (91-سۈرە)
مەككىدە نازىل بولغان، 15 ئايەت
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا ﴿١﴾
قۇياش بىلەن ۋە قۇياش يورۇتقان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى*،(1) (* ئىبنى كەسىر تەپسىرى)
وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا ﴿٢﴾
قۇياش پاتقاندىن كېيىن چىقىدىغان ئاي بىلەن قەسەمكى*،(2) (*ئىبنى كەسىر تەپسىرى)
وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا ﴿٣﴾
قۇياشنى ئاشكارا قىلغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى*،(3) (*زادۇل مەسىر)
وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا ﴿٤﴾
قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى*(4) (*تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى)
وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا ﴿٥﴾
ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى ياراتقان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،(5)
وَالْأَرْضِ وَمَا طَحَاهَا ﴿٦﴾
زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى يايغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى*،(6) (* تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى)
وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا ﴿٧﴾
ھەر بىر ئىنسان بىلەن ۋە ئۇنى مۇكەممەل ياراتقان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى*،(7) (*تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىر، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى)
فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا ﴿٨﴾
ئاندىن ئىنسانغا گۇناھنى ۋە تەقۋالىقنى بىلدۈرگەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى*،(8) (*تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر)
قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّاهَا ﴿٩﴾
ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت بىلەن نەپسىنى گۇناھلىق ۋە يامان ئىللەتلەردىن پاكلىغان كىشى* مۇتلەق رەۋىشتە نىجاتلىققا ئېرىشتى.(9) (*زادۇل مەسىر، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى)
وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّاهَا ﴿١٠﴾
نەپسىنى گۇناھلىق ئىشلارغا، پەسكەش ئەخلاقلارغا كۆمۈۋەتكەن* (ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تەرك ئەتكەن**) كىشى زىيان تارتتى.(10) (*تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى **تەپسىر ئىبنى كەسىر)
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا ﴿١١﴾
سەمۇد قەۋمى ئازغۇنلۇقى (ھەققە قارشى چوڭچىلىق قىلىشى*) سەۋەبلىك پەيغەمبىرىنى (سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانغا چىقاردى**.(11) (*تەپسىر سەئدى **زادۇل مەسىر، تەپسىر ئىبنى كەسىر)
إِذِ انبَعَثَ أَشْقَاهَا ﴿١٢﴾
سەمۇد قەۋمىنىڭ ئەڭ بەدبەخ كىشىسى (قۇدار ئىبنى سالىف مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە تەمشەلگەندە،(12)
فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا ﴿١٣﴾
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سالىھ ئەلەيھىسسالام) ئۇلارغا «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە زەرەر بېرىشتىن ۋە ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسۇشتىن ساقلىنىڭلار» دېدى.(13)
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُم بِذَنبِهِمْ فَسَوَّاهَا ﴿١٤﴾
بىراق، سەمۇد قەۋمى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى يالغانغا چىقاردى ۋە تۆگىنى ئۆلتۈردى. ئاقىۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرنى يالغانغا چىقىرىپ، مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى ئۆلتۈرگەنلىكى گۇناھى سەۋەبلىك سەمۇد قەۋمىنى جازالىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى.(14)
وَلَا يَخَافُ عُقْبَاهَا ﴿١٥﴾
ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقىنىڭى ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ.(15)
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى