ھاجەتخانىدا تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دەمدۇق دېمەمدۇق؟ | ئىمام ئىبنى باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، سالىھ فەۋزان

ھاجەتخانىدا تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دەمدۇق دېمەمدۇق؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ

سوئال: كىشى ھاجەتخانىغا كىرىپ تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دەمدۇ يوق؟ 

جاۋاپ: كىشى ھاجەتخانىدا (ئوبۇرنىدا\ قول يۇيۇش ئۆيىدە \ مۇنچىدا) تاھارەت ئالغان ۋاقتىدا بىسمىللاھنى تىلى بىلەن ئەمەس دىلىدا دەيدۇ. چۈنكى تاھارەت ئالغاندا ۋەياكى غۇسۇل قىلغاندا بىسمىللاھ دېيىش ۋاجىپ دېگەن قاراش مۇجتەھىد ئالىملار ئارىسىدىكى كۈچلۈك  قاراش ئەمەس. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن تاھارەت ئالغان ۋاقىتتا بىسمىللاھ دېيىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىنمىغان.» بۇ ۋەجىدىن، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى قۇدامە مەقدىسى ۋە باشقا ئىماملار «تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىش ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەت» دېگەن قاراشتىدۇر. (مەنبە: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى ئۇسەيمىن، ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار، 190-بەت)

[يەنى، شەيخ دېمەكچىكى، تاھارەت ئالغاندا تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىش شەرت، ئەمما بىسمىللا دېيىش شەرت ئەمەس، پەرزمۇ ئەمەس، بەلكى سۈننەت بولغانلىقى ئۈچۈن، تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېمىگەن كىشىنىڭ تاھارىتى دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھنىڭ نامىنى ناپاك ياكى نامۇۋاپىق جايلاردا تىلغا ئېلىش مەكرۇھ بولغانلىقتىن، ھەتتا ئاللاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا ئېلىپ بېرىش قورقۇنچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاجەتخانىدا تاھارەت ئالغان كىشى بىسمىللاھنى تىلىدا ئەمەس، دىلىدا دېيىش ئارقىلىق ھەم سۈننەتنى تەرك ئەتمىگەن، ھەم ئاللاھنىڭ نامىنى نامۇۋاپىق جايلاردا زىكىر قىلىپ مەكرۇھ ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ.]

مۇشۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا، ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:

ئېھتىياج ھالىتىدە ئوبۇرنىيدا\ مۇنچىدا\ ھاجەتخانىدا تاھارەت ئېلىش، شۇنداقلا تاھارەتنىڭ بېشىدا «بىسمىللاھ» دېيىش دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، تاھارەت ئالىدىغاندا بىسمىللاھ دېيىش بىر تۈركۈم مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ۋاجىپتۇر\پەرزدۇر، كۆپ سانلىق مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ نەزىرىدە تاھارەتنىڭ بېشىدا بىسمىللاھ دېيىش كۈچلۈك تەكىتلىك سۈننەتتۇر. بۇ ۋەجىدىن، ھاجەتخانىدا تاھارەت ئالغان كىشى تاھارەتنىڭ بېشىدا بىسمىللا دېگەي. بۇ خىل ئەھۋالدا، ناباپ جايلاردا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش مەكرۇھلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، بىسمىللاھ دېيىشكە ھاجەت بار ئەھۋالدا، ناباپ جايلاردا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ مەكرۇھلۇق ھۆكمى ئەمەلدىن قالىدۇ. كىشى تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىشكە بۇيرۇلغاندۇر، شۇڭا كىشى تاھارەت ئالىدىغاندا بىسمىللاپ دەپ تاھارەت ئېلىشنى باشلايدۇ تاھارىتىنى تاماملايدۇ. [مجموع فتاوى الشيخ ابن باز (10/28) ]

[ئەللامە سالىھ فەۋزان ۋە بىرمۇنچىلىغان ئالىملارمۇ ئوخشاشلا «نامۇۋاپىق جايدا ياكى ناپاك جايدا ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلىش مەكرۇھ، تاھارەت ئالغاندا بىسمىللاھ دېيىش بولسا پەرز، بۇ ۋەجىدىن، ھاجەتخانا \ ئوبۇرنى قاتارلىق جايلاردا تاھارەت ئالغان كىشى بىسمىللاھ دېيىشنى تەرك ئەتسە، پەرزنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ، شۇڭا، بۇنداق چاغدا ئاللاھنىڭ نامىنى نامۇۋاپىق جايدا زىكىر قىلىش مەكرۇھلۇقى ساقىت بولىدۇ، ئەمما بىسمىللاھ دېيىشنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولمايدۇ. شۇڭا، ھاجەتخانىدا تاھارەت ئالغان كىشى ئوخشاشلا بىسمىللاھ دەيدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن.]

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ