ئاياللارغا لايىق بولغىنى يات ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرمەسلىكىدۇر | ئىمام ئىبنۇل جەۋزى

مۇھەددىس، مۇپەسسىر، فەقىھ، ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ «ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

31-بۆلۈم: ئاياللارغا لايىق بولغىنى ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرمەسلىكىدۇر

مەشھۇر تابىئىن ئالىم سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ  ئەنھۇ (ئۆزىنىڭ ئايالى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىزى، دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلىرى جۈملىسىدىن بولغان) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىش قايسى؟» دەپ سورىغان ئىدى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى كۆرمەسلىكى، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرنى كۆرمەسلىكى ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىشتۇر» دېدى. ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ گەپنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە يەتكۈزىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «فاتىمە مېنىڭ بىر پارچەمدۇر» دېدى. (ئەبۇ نۇئەيم، ئەۋلىيالارنىڭ زىننىتى 2\41)

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى يۇقىرىقى نەقىلدىن كېيىن مۇنداق دېگەن:

بۇلار نامەھرەم ئەرلەر ئۈچۈن دېيىلگەندۇر. بىر (سالىھ) ئەر بىر ئايالنى كۆرۈش سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشى كېرەكمۇ يوق؟ ئەستىن چىقمىغايكى، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش (يات جىنىس سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشىدۇ.) ئاياللار ئەرلەرنى جەلپ قىلغىنىدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللارنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، بىر ئەر قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قېرىپ كەتكەن بىر ئايالدىن؛ ئايال كىشىمۇ مەيلى قېرى، مەيلى ياش يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى لازىم. بۇ سۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش يۈزىسىدىن مۇنۇ ھەدىسنى بايان قىلىشىمىز پايدىلىقتۇر. 

مۇھەددىس فەقىھ ئىمام ئىبنۇل جەۋزى يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن:

ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: (مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرى بولغان) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھالدا ئىدى. بۇ پەيتتە ئەما ساھابە ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم يېتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى ئايالىغا:«تۇرۇپ كېتىڭلار» دېدى. ئىككەيلەن «ئۇ ئەما (بىزنى كۆرمەيدۇ)» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋاسسەللەم «ئىككىڭلار ئەما ئەمەسقۇ؟» دېدى. (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 6\296؛ ئەبۇ داۋۇد 4112؛ تىرمىزى 2778) [ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى] (بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ زەئىپلىكىدە ھەدىسشۇناس ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ باھاسى توغرىغا تېخىمۇ يېقىندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەدىسنىڭ مەنىسى توغرىدۇر. چۈنكى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى باشقا دەلىللەر يۈزىسىدىن، يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىش ئاللاھنىڭ ئاياللار ئۈسىتىدىكى ھەقلىرىدىن بىر ھەقتۇر. ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى پەرزدۇر. بۇ ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ھەدىسنى مۇشۇ سەۋەبلىك نەقىلغاندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.)

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ شەرھىدە ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە قارىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى كۈچەپ تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ ھۆكۈم ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدىكى ئەڭ توغرا ھۆكۈمدۇر.
يات ئەرلەرنىڭ ئايالىغا قارىشىنى خالىمايدىغان نۇرغۇن مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ، ئايالىنىڭ \ قىزىنىڭ \ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەرلەرنىڭ رەسىم ۋىديولىرىنى تېلفونلاردا ۋە تورلاردا خالىغانچە كۆرۈشىگە چەك قويماسلىقى، ئاياللىرىنى يات ئەرلەردىن ھەر قانداق شەكىلدە ئۇزاق تۇتۇتشقا تىرىشماسلىقى ۋە ئاياللىرىغا بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلماسلىقى، بۈگۈنكى زاماندا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كۆز، قەلب، تىل، قۇلاق زىنالىرىغا سەۋەپ بولىۋاتقان بىرىنچى نومۇرلۇق ئامىلدۇر. مۇسۇلمان ئەرلەر ئاياللىرىنى يات ئەرلەردىن ھەر قانداق شەكىلدە ئۇزاق تۇتقان، ئۆزىمۇ يات ئاياللاردىن ئۇزاق تۇرغان تەقدىردە، ئاللاھ بۇنداق مۇسۇلمان ئەرلەرگە ۋە ئاياللارغا كۆپلەپ رەھمەت قىلىشى مۇقەررەردۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈممىتىنىڭ ھەممىدىن بەك ئاياللار سەۋەبلىك گۇناھقا چۈشۈپ، ئېزىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۈممىتىنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن، ئاياللارغا پەرز بولغىنى ئۆزى ئارقىلىق باشقا نامەھرەم ئەرلەرنىڭ قەلب، كۆز ياكى قۇلاق زىناسىغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، يات ئەرلەردىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇزاق تۇرىشىدۇر. ئاياللار نامەھرەم ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرمىسا، يات جىنىسلار ئارىسىدا مۇقەررەر رەۋىشتە ھەر خىل ھارام قىلمىشلار يۈز بېرىدۇ، نەتىجىدە بۇنداق كىشىلەر ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى ۋەيران قىلىدۇ. نامەھرەمدىن ھەر قانداق شەكىلدە ئۇزاق تۇرغان ئايال ئەڭ شەرەپلىك ئايالدۇر. نامەھرەمنىڭ ئۆز ئاۋازىدىن ياكى جىسمىدىن ھوزۇرلىنىشىغا پۇرسەت بەرمىگەن ئايال ئەڭ ئەقىللىق ۋە ئىپپەتلىك ئايالدۇر. نامەھرەملەردىن قاچمايدىغان ئايال شەيتاننىڭ دامىغا چۈشكەن ئاياللارنىڭ ئەڭ ئۈستىنى بولۇپ،  بۇنداق ئاياللار يەر يۈزىدە ئەڭ كۆپ بۇزۇقچىلىق چىقىرىدىغان ئاياللار جۈملىسىدىندۇر. قانداقلا بىر جەمئىيەتتە يات ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ خالىغانچە ئارىلىشىپ كېتىشى مەۋجۇت بولىدىكەن، ئۇنداق جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا قەلب بۇزۇقلۇقى، ئىپپەت شەرمەندىچىلىكى، زىنا-پاھىشە، ئاشكارا يوشۇرۇن ئاشنىدارچىلىق دېگەندەك شەيتانىي جىنايەتلەر ھەرگىز كەم بولمايدۇ. ساغلام جەمئىيەتنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئاساسى يات ئەرلەر بىلەن يات ئاياللارنىڭ ئاشكارا يوشۇرۇن، ۋاستىلىك ۋاستىسىز ھەر قانداق شەكىلدە بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن قېچىشىدۇر. كاپىرلار بۇ پىكىرلەرنى زاڭلىق قىلىپ كۈلگەن، مۇناپىقلار بۇ پىكىرلەر سەۋەبلىك غەزەپتىن قايناپ، تاشقان تەقدىردىمۇ، ئىش بەرىبىر مۇشۇنىڭدەكتۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ