ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، بالىسىنى ئىلىكىدە تۇتۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولالامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن، سالىھ ئەلفەۋزان
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يولدىشى تەرىپىدىن تالاق قىلىنغان ساھابە ئايالغا مۇنداق دېگەن:«سىز باشقا ئەر بىلەن توي قىلىمغانلىكى مۇدەتتە، پەرزەنتىڭىزگە ھامىيلىق قىلىشقا ئۆزىڭىز ھەڭ ھەقلىق.» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 2276) ھەدىسنىڭ مەنىسى، بالىغا ھامىيلىق قىلىپ، يېنىڭىزدا تۇرغۇزۇشقا سىز ئەڭ ھەقلىق، دېگەنلىكتۇر.
ئاجرىشىپ كەتكەن ئايال كىشى تاكى باشقا ئەر بىلەن توي قىلمىغۇچە، بالىلىرىنى ئۆز يېنىدا تۇتۇشقا ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلسا، ئۇ ھالدا بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، بالىنىڭ ئەسلى دادىسى بالىغا ئىگە بولۇپ، ھامىيلىق قىلىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەگەر ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بالىسى بار ئايال كىشى باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا ۋە بالىلىرىغا داۋاملىق ئىگە بولۇپ يېنىدا تۇتسا، ئۇ ھالدا بالا بۇ ئايالنىڭ يېڭى ئېرىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتىدۇ. ئايالنىڭ يېڭى ئېرى، يەنى بالىنىڭ ئۆگەي دادىسى بەلكىم بالىغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئاسىراپ پەپىلەپ ياخشى كۆرگەن تەقدىردە، بالا ئۆگەي دادىسىغا ئۆز دادىسىدىنمۇ بەك ئىچەكىشىپ، ئامراق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ياكى ئۆگەي دادا ئۆگەي بالىسىغا تەڭسىز، ئادالەتسىز، يامان مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئايال كىشى قايتا توي قىلسا، بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشتا دادىدىن ھەقلىقراق بولۇش ئىمتىيازى ئاخىرلىشىدۇ. (ئاجراشقان ئايال قايتا توي قىلسا، بالىغا ئەسلى دادىسى ئىگىدارچىلىق قىلىش بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمان دادا ئۆز پەرزەنتىگە ھەرگىز يامان مۇئامىلە قىلىپ، بالىنىڭ ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلمايدۇ. باشقا ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن تەقدرىدىمۇ، يېڭى ئايالىنىڭ بالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، بالىنى ياخشى كۆرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، يېڭى ئايالىنى بۇنىڭغا مەجبۇرلاپ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدۇ. ئەمما، ئايال كىشى يولدىشىغا بۇيرۇق قىلالمايدۇ، يولدىشى ئەسكىلىك قىلىپ، زۇلۇم سالسا يولدىشىنى زۇلۇمدىن قايتۇرۇشتىن ئومۇمىي ھالدا ئاجىز كېلىپ قالىدۇ. ئايال توي قىلمىغانلىكى مۇددەتتە بالىغا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھۆكمىدۇر.)
ئەللامە سالىھ فەۋزان ھەفىزەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ئاجراشقان، بالىسى بار ئايال باشقا ئەر بىلەن قايتا نىكاھلانسا، بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يولدىشى تەرىپىدىن تالاق قىلىنغان، بالا ھەققىدە رەسۇلۇللاھقا شىكايەت قىلىپ كەلگەن ساھابە ئايالغا مۇنداق دېگەن:«سىز باشقا ئەر بىلەن توي قىلىمغانلىكى مۇدەتتە، پەرزەنتىڭىزگە ھامىيلىق قىلىشقا ئۆزىڭىز ھەڭ ھەقلىق.» (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 2276)
بۇ ھۆكۈمنى مۇستەسنا قىلىدىغان بىر ئەھۋال بار بولۇپ، ناۋادا يولدىشى بىلەن ئاجراشقان ئايال ئۆز بالىسىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرەرسىگە ياتلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ، ھامىيلىق قىلىشىدا چەكلىمە يوقتۇر. (چۈنكى، مەزكۇر ئايال بىلەن توي قىلغان ئەر كىشى نورمال ئەھۋال ئاستىدا بالا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقىنى بولغانلىقى ئۈچۈن بالىنى يات كۆرۈپ، يەكلەپ، يامان مۇئامىلە قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئۆز ئايالىنىڭ بالىسى بولغاچقا، بالىغا ئىككىلى نۇقتىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى.) يېڭى ئەر بىلەن نىكاھلانغان ھامان، ئايالنىڭ بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ.
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر «ئەلكافىي» ناملىق ئەسىرىدە، ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئەلمۇغنىي» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ئۆلىمالار ئىجمائقا كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى شۇكى، ئاتا-ئانا ئاجراشسا، بالا تاكى ئەقىل يېشىغا كەلگۈچە بالىنى بېقىش ھوقۇقىغا ئانا بەكراق ھەقلىق بولىدۇ. چۈنكى، بالىلار بۇ باسقۇچتا پەقەت ئانىلا بېرەلەيدىغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج بولىدۇ. بىراق، ئايال باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، بالا بىلەن ئۆگەي ئاتا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەر بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئانىنىڭ بالىنى بېقىشقا بەكراق ھەقلىقلىقى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئىمام ئىبنى مۇنزىر ـــ ئايال كىشىنىڭ باشقا ئەرگە ياتلىق بولسا، ئايال كىشىنىڭ بالىنى بېقىشتىكى ھوقۇقى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى توغرىلىق ئىجمائ بار، دېگەن. (ئىبنى ئابۇلبەر «ئەلكافى» 1-296؛ «ئەلمۇغنى»8\194)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەسكەرتىش: ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال كىشى ئۈچ تالاق بىلەن ئاجراشمىغانلىكى تەقدىردە، قايتا توي قىلسام بالامغا ئىگە بولۇشتىن ئايرىلىپ قالىمەن دەپ بولسىمۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولۇشتىن ئۇزاق تۇرۇپ، بالىسى ئۈچۈن ياشىشى مۇمكىن. مۇشۇ ھالەتتە ياشاپ، ئاقىۋەتتە باشتىكى يولدىشى بىلەن يېنىشىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. ئاجراشقان ئەر ئاياللارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە قايتا يېنىشىۋېلىشى ھەم ئەر ئۈچۈن، ھەم ئايال ئۈچۈن، ھەم بالا ئۈچۈن، ھەتتا جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئەڭ ياخشى ئاقىۋەتتۇر. شەرىئەتنىڭ ئانا قايتا ياتلىق بولمىغۇچە توغرا خاتانى ئايرىش يېشىغا يەتمىگەن نارەسىدە بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى بالىنى ئۆگەي دادا ئالدىدا ئۆگەيلىك تارتىپ خورلىنىشتىن ساقلاپ قېلىش بولسا، يەنە بىر ھېكمىتى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.