كىيمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلىقىنى بىلمەستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
سوئال: كىيمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلىقىنى بىلمەستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟
جاۋاب: كىشى نىجاسەت يوقۇپ قالغان كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسا، شۇنداقلا نىجاسەت يوقۇپ قالغانلىقىنى نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىلسە ۋە ياكى ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى كىيمىدە نىجاسەت بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، كىيمىدە نىجاسەت بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن ئېسىگە كەلسە بۇ ناماز دۇرۇس بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللاردا نامازنى قايتا ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەتنىڭ نىجاسەت بار كىيىمدە ناماز ئوقۇش چەكلىمىسىنى بىلمەستىن ۋەياكى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبلىك قىلغاندۇر. ئاللاھ تائالا بىزگە مۇنداق دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن:« ئې رەببىمىز، ئۇنتۇپ قالساق ۋەياكى خاتالاشساق بىزنى جازاغا تارتمىغىن.»(بەقەرە 286-ئايەت) ئاللاھ تائالا بۇ دۇئاغا،«شۇنداق قىلدىم» دەپ جاۋاپ بەرگەندۇر.(مۇسلىم، ئىيمان كىتابى216)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر كۈنى ئايىقى بىلەن ناماز ئوقۇۋاتاتتى. ئايىغىغا نىجاسەت يوقۇپ قالغان ئىدى. ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا جىبرىل ئەلەيھىسالام كېلىپ ئايىغىغا نىجاسەت يوقۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر بەرگەنىدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە ئايىقىنى سېلىۋەتتى،(ئەبۇ داۋۇد، ناماز كىتابى217)
ۋە نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇمىدى. بۇ ھەدىس كىيمىگە نىجاسەت يوقۇپ قالغانلىقىنى نامازنىڭ ئىچىدە بىلگەن كىشى، ئۇ نىجاسەتنى ناماز ئىچىدە بولسىمۇ يوق قىلىشى كېرەكلىگىنى، نىجاسەتنى يوق قىلغاندىن كېيىن ئەۋرەت جايلىرى ئېچىلىپ قالمىغانلىكى ئەھۋال ئاستىدا نامىزىنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىغا دەلىلدۇر. كىيمىدە نىجاسەتنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ناماز ئىچىدە ئېسىگە كەلگەن كىشىمۇ ئوخشاشلا ئەۋرەت جايلىرى يېپىقلىق ھالەتتە نىجاسەت يوقۇپ قالغان كىيمىنى سېلىۋېتىشى كېرەك. ناماز تۈگكەندىن كېيىن كىيمىدە نىجاسەت بارلىقى ئىسىگە كەلسە ۋەياكى ناماز تۈگكەندىن كېيىن كىيمىگە نىجاسەت يوقۇپ قالغانلىقىنى بىلسە، بۇ نامازنى قايتا ئوقۇمايدۇ. ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.
ئەمما، تاھارە ئېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىىڭ ئەھۋالى بۇنداق ئەمەستۇر. مەسلەن، تاھارىتى بۇزۇلغان كىشى تاھارەت ئېلىشنى ئۇنۇتۇپ قېلىپ تاھارەتسىز ھالەتتە ناماز ئۇقۇپ، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاھارەسىز ئىكەنلىكى ئېسىگە كەلسە، بۇنداق كىشى يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشى ۋە نامىزىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك . ئوخشاشلا، بىر كىشى جۇنۇپ بولسا ۋە جۇنۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسىدە يوق ناماز ئوقۇۋەتكەن بولسا، بۇنداق كىشى ئوخشاشلا غۇسۇل قىلىپ پاكلىنىپ نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى كىچىسى ئىھتىلام بۇلۇپ قالسا، ئېھتىلام بولغانلىقىنى بىلمەستىن بامدات نامىزىنى ئوقۇسا ۋە كۈندۈز بولغاندا كىيمىدە مەنىي يۇقىنى بايقىسا، بۇ كىشى تېزدىن غۇسۇل قىلىشى ۋە نامىزىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك. (مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۈسەيمىن ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار 262 بەت)