ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا داۋالىنىشىنىڭ ھۆكمى؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، ئاللاھ سىلىگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. بىر ئايال باشقا بىر ئايال بىلەن بىرلىكتە، ياكى ئانىسى بىلەن، ياكى ئاچىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن، ئىككى ئايال بولۇپ، داۋالىنىش ئۈچۈن ئەر دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىشىنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟ ئەر دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بېرىشنىڭ سەۋەبى، ئۆزى داۋالانماقچى بولغان دوختۇرخانىدا ئۆز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايال دوختۇر يوق. شۇنداقلا، ئەر دوختۇرغا بىر ئايال كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا داۋالىنىش ئۈچۈن بارغان بۇ ئايال يۈزىنى، پۇتلىرىنى ۋە قوللىرىنى تولۇق ئوراپ، ئۆلچەملىك شەرئىي ھىجاپ بىلەن بارىدۇ، ئەر دوختۇرغا گەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاۋاز تۈسىنى ئۆزگەرتىپ گۈزەللەشتۈرمەيدۇ، ئەر دوختۇرغىمۇ قارىمايدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نىمە؟ ئاللاھ سىلىنى ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىغاي.
جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەرت ئاستىدىلا، ئاندىن ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىشى دۇرۇس بولىدۇ.
بىرىنچى شەرت: ئايال كىشىدە مەۋجۇت بولغان كېسەل ئاغرىقنى داۋالايدىغانغا شۇ ئەر دوختوردىن باشقا سالاھىيەتلىك ئايال دوختۇر تېپىلماسلىقى. ئىككىنچى شەرت: مەزكۇر ئايال كىشىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا موھتاج بولۇشى؛ داۋالىنىشنى تەرك ئەتسە خەتەرگە ياكى يامان ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىش خەۋپى بولۇشى. ئۈچىنچى شەرت: ئەر دوختۇر بىلەن يالغۇز قالماسلىقى. يەنى، داۋالىنىدىغان ئايالنىڭ يېنىدا ھەر قانداق ئەھۋالدا بىر ئايال ياكى باشقا ئەر كىشى بولۇشى. داۋالاش باھانىسى بىلەن ئايرىم خانىدە ئايال كىشى بىلەن ئەر دوختۇرنىڭ يالغۇز قالماسلىقى. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ يات ئەر بىلەن يالغۇز قېلىشى ھارام. تۆتىنچى شەرت: ئايال كىشىنىڭ كامىل ھىجابلانغان بولۇشى. ئايال كىشى بەدىنىنىڭ داۋالاش ئۈچۈن ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولغان قىسىمىدىن باشقا ھېچبىر يېرىنى، مەيلى يۈزىنى، مەيلى قوللىرىنى، مەيلى پۇتىنى ۋەياكى باشقا يېرىنى ئاچمايدۇ. بەدىنىنىڭ شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويۇشىغا بولمايدۇ. مانا مۇشۇ تۆت شەرت تەڭ تېپىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ئايال كىشى ئەر دوختۇرغا داۋالانسا دۇرۇس بولىدۇ. [ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.]
* ئەرلەرنىڭ ئايال دوختۇرغا داۋالىنىشىنىڭ ھۆكمىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش — دۇرۇس ئەمەس. ئەر بىمارلار داۋالىنىشى ئۈچۈن ئەر دوختۇرغا بېرىشى كېرەك. كۈنىمىزدە ھەر قايسى ساھەلەردە ئەر دوختۇرلارمۇ، ئايال دوختۇرلارمۇ كەڭرى تېپىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئەر دوختۇرغا داۋالىنىشنى، ئەر كىشىنىڭ ئايال دوختۇرغا داۋالىنىشنى كۆڭلى تارتىشى قەلبنىڭ ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان، پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارغا مايىل بولغانلىقىنىڭ، قەلبنىڭ گۇناھ يولىنى ئىختىيار قىلغانلىقىنىڭ، ئىسلام شەرىئىتىدىكى نامەھرەملەردىن ئۇزاق تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە سەل قارىغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئايال كىشى ھەر قانچە ئىزدىنپمۇ ئۆزىنى داۋالايدىغان ئايال دوختۇر تاپالمىغان، ئەر كىشى ھەر قانچە ئىزدىنىپمۇ ئۆزىنى داۋالايدىغان ئەر دوختۇر تاپالمىغان ئەھۋالدا، ئاندىن يات جىنىستىكى دوختۇرغا داۋالىنىشتىن باشقا يول قالمىغان ئەھۋالدا، بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ۋەياكى كېسەلنىڭ ئەھۋالى بەك جىددىي بولۇپ، ئوخشاش جىنىستىكى دوختۇرنى تېپىپ بولغۇچە كېسەلنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش ياكى ئېغىر جىسمانىي زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق خەتەر مەۋجۇت بولسا، ئۇ ھالدا يات جىنىستىكى دوختۇرغا داۋالىنىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار نادىر كۆرىلىدىغان بولغانلىقتىن، نورمال ئەھۋالدا كىشىنىڭ يات جىنىستىكى دوختۇرغا داۋالىنىشى قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى