ئەي ئەرلەر! سىلەرگە ئىتائەت قىلىپ، خىزمىتىڭلارنى قىلىپ، ئۆز ئىپپىتىنى ۋە شەرمى-ھاياسىنى ساقلاپ ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرغان، سىلەرنىڭ رۇخسىتىڭلارسىز سىرتقا بىر قەدەممۇ ئالمىغان ھالال جۈپتىڭلارنى خارلىماڭلار، ئەزىزلەڭلار؛ تۆۋەن كۆرمەڭلار، ھۆرمەتلەڭلار؛ كۆڭلىنى رەنجىتمەڭلار، خۇشال قىلىشقا تىرىشىڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ شەرىپىڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىڭلاردۇر.
دۇنيادا كامىل ھىجاپلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىدەك كۆپ زۇلۇم چەككەن، سەبىرچان، ئىتائەتكار، پىداكار، ئەرلىرىگە سادىق ئاياللار ئاز ئۇچىرايدۇ. ھەقىقىي ئەركەك ئايالىدىن بىر قېتىم تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما يۈز قېتىم ئاتا قىلىدۇ. ھەقىقىي ئەركەك ئايالىنى ھەر قانداق ئېغىرچىلىقتىن قوغدايدۇ. ناۋادا ئايالىڭلارنى ياخشى كۆرەلمەي قالساڭلارمۇ، ئەركەكلىك قىلىڭلار، خارلىماڭلار، بەخىتلىك قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئاللاھ ئاراڭلارغا مۇھەببەت سالىدۇ. ئەركەك دېمەك — مەزلۇملارغا، ئاجىزلارغا باشپاناھ بولغۇچى دېمەكتۇر. ئەركەك دېمەك — ئايالىنى ئاسىراپ، ئادالەت بىلەن ۋە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغۇچى دېمەكتۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇڭا:«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى بولغۇچىلاردۇر» دېگەن. — بۇخارى
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى