پاچاقلارنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى | ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

پاچاقلارنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

سوئال: پاچاقنى پاچاققا مىنگەشتۈرۈپ (پۇتلارنى ئالماپ) ئولتۇرۇشنى بەزىلەر تەكەببۇرلۇق دەپ قاراپ، بۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، پەرزەنتنىڭ ئاتىسىنىڭ ياكى ئالىمنىڭ ئالدىدا پاچىقىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرالمايدىغانلىقىنى دېيىشىۋاتىدۇ. بۇنداق ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئىمام ئىبنى باز: پاچاقنى پاچاققا مىنگەشتۈرۈپ (پۇتلارنى ئالماپ) ئولتۇرۇشتا ھېچ مەسىلە يوق.

سوئال سورىغۇچى: بۇنداق قىلىش تەكەببۇرلۇق ھېسابلانمامدۇ؟

ئىمام ئىبنى باز: ياق، تەكەببۇرلۇق ھېسابلانمايدۇ.

سوئال سورىغۇچى: ئورۇندۇقتا \ سافادا پۇتىنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇرۇشچۇ؟

ئىمام ئىبنى باز: بۇنداق ئولتۇرۇش سەۋەبلىك ئەۋرەت (يەنى تىز، يوتا ياكى ئەۋرەت ئورۇن) ئېچىلىپ قالمىسا، بۇنداق ئولتۇرۇشمۇ دۇرۇس؛ ئەۋرەتنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىق شەرتى بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئولتۇرۇش دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.

ئەرەپچە مەنبەسى ئۈچۈن چېكىڭ:
https://binbaz.org.sa/fatwas/23343/هل-وضع-الرجل-على-الرجل-من-التكبر

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ