ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ، ئىنسانلارغا دەرس بەرگەن جىن | ئەللامە سالىھ ئۇسەيمى

ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ، ئىنسانلارغا دەرس بەرگەن جىن | ئەللامە سالىھ ئۇسەيمى

ئەللامە سالىھ ئۇسەيمى ھەفىزەھۇللاھ ھەرەمدىكى دەرسلىرىدىن بىرىدە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ ھەققىدىكى بىر قىسسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

ئىمام ئىبنى تەيمىييەنى ئۆز زامانىسىنىڭ سۇلتانلىرىدىن بىرى تۈرمىگە قامىغان ئىدى. ئىمام ئىبنى تەيمىييە تۈرمىگە قامالغان مۇشۇ پەيتلەردە كىشىلەر ئارىسىدا «ئىبنى تەيمىييە تۈرمىدىن چىقىپتۇ، پالانچى زېمىندا ئىنسانلارغا دەرس بەرگىلى تۇرۇپتۇ» دېگەن گەپلەر كەڭ تارقالدى. ئاقىۋەتتە خەلق ئارىسىدا تارقالغان بۇ سۆز سۇلتانغا يېتىپ باردى. سۇلتان ئەسكەرلەردىن بەزىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىش يولىنى تۇتۇپ، ئىبنى تەيمىييەنى تۈرمىدىن قويىۋەتكەن بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى پەرەز قىلىپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ئىمام ئىبنى تەيمىييەنى ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇدى.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېلىپ كېلىنگىنىدە سۇلتان ئىبنى تەيمىييەگە:

— سەن پالانچى يېزىغا بېرىپسەن، سېنى تۈرمىدىن قويىۋەتكەن كىم؟ – دەپ سورىدى. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۆزىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. سۇلتان:

— كىشىلەر سېنىڭ پالانچى يېزىدا تۇرۇپ، شۇ يەردە كىشىلەرگە دەرس بېرىۋاتقانلىقىڭنى ئېيتىپ يۈرمەمدۇ؟ – دېدى. ئىمام ئىبنى تەيمىييە:

— ئىش مۇشۇنداق بولسا، ئۇ ھالدا مېنىڭ دەرسلىرىمگە قاتناشقان جىنلاردىن ئاشۇ يېزىغا بېرىپ، مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرىپ كىشىلەرگە دەرس بەرگەن ئوخشايدۇ، — دېدى. سۇلتان بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ:
— نېمىشقا ئۇنى مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرىپ ئىنسانلارغا دەرس بېرىش ئۈچۈن ئولتۇرغان پەرىشتە دېمەستىن، مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرىپ ئىنسانلارغا دەرس بېرىشكە ئولتۇرغان جىن دەيسەن؟ — دېدى. ئىمام جاۋابەن:

— پەرىشتىلەر يالغان سۆزلىمەيدۇ \ يالغان ئىشنى قىلمايدۇ، دېدى.

  • * *
    ئەللامە سالىھ ئۇسەيمى ھەفىزەھۇللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

ئىمامنىڭ ئىلىمىگە قاراڭ. ئىمام سۇلتاننىڭ ھوزۇرىدا ئۆز شەرىپىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «شۇنداق، ئۇ مېنىڭ پەرىشتە شاگىرتلىرىمدىن بىرى» دېسىمۇ بولاتتى. ئەمما، ھەق ئەھلى مانا مۇشۇنداقتۇر، ھەقنى ئېيتىدۇ، ئۆز شان شەرىپى ئۈچۈن يالغاندىن ۋە ھەر تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭدىن، پەسكەشلىكتىن ئۇزاق تۇرىدۇ. ھەق ئەھلى دىن بىلەن ئويناشمايدۇ. ئاللاھ ئىمام ئىبنى تەيمىييەگە رەھمەت قىلسۇن.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ