گۇناھقا ۋە پاسىقلىققا تولغان مۇسۇلمانلار يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىش پەرزمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:
ھىجرەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى پەرز بولغان ھىجرەتتۇر، ئىككىنچى ھىجرەت بولسا پەرز ياكى مۇستەھەبلىكىدە ئىختىلاپ بولغان ھىجرەتتۇر. بىرىنچى ھىجرەت، يەنى كۈچى يەتكەنلىكى كىشىگە پەرز بولغان ھىجرەت — شىرىك\ كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا قىلىنىدىغان ھىجرەتتۇر؛ ئىككىنچى ھىجرەت بولسا، گەرچە كىشى ياشاۋاتقان يۇرت مۇسۇلمانلار يۇرتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يۇرتتا ئىسلامغا خىلاپ ھەر تۈرلۈك گۇناھ، بىدئەتلەر مەۋجۇت بولغان يۇرت بولسا، بۇ خىل مۇسۇلمانلار يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىشنىڭ پەرز ياكى مۇستەھەپلىكىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلىشىپ قالغان.
قۇدرىتى يەتكەن كىشىگە پەرز بولغان ھىجرەت — كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا قىلىنىدىغان ھىجرەتتۇر. كىشى دىنىدىكى بارچە بەلگىلىمىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەل قىلىشقا قادىر بولالمىسا؛ تەۋھىد ئاساسىدا ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ، ئىبادەتلەرنى پەقەت ئالللاھقىلا قىلىشنىڭ، شىركتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدا بولۇشنىڭ پەرزلىكىنى بايان قىلىپ كۇفۇر دىيارىدىكىلەرنى بۇنىڭغا دەۋەت قىلالمىسا، ئاللاھ پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن دىننىڭ شوئارلىرىنىڭ ھەر-بىرىنى ئاشكارا ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ ھالدا بۇنداق كىشىنىڭ بۇ خىل كۇفۇر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشى پەرز بولىدۇ. بۇ خىل ھىجرەت قىلىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە كاپىرلىرىنىڭ ئازار، كۈلپەتلىرى سەۋەبلىك مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقىغا ئوخشاش، كىشىگە پەرز بولغان ھىجرەتتۇر.
ئىككىنچى تۈرلۈك ھىجرەت بولسا، گۇناھ-مەئسىيەتلەر، بىدئەتلەر ئاشكارا بولغان مۇسۇلمانلار دىيارىدىن ھىجرەت قىلىشتۇر. بىر تۈركۈم ئىسلام ئۆلىمالىرى «ئەگەر قانداقلا بىر زېمىندا بىدئەت، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىش، ھاراق، زىنا ۋە مۇشۇ تىپتىكى ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرسە، كىشىنىڭ بۇنداق يۇرتتىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشى پەرز بولىدۇ» دەپ قارىغان. يەنە بىر بۆلۈك ئىسلام ئۆلىماسى بولسا «بۇنداق مۇسۇلمانلار دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش پەرز بولمايدۇ، ھالبۇكى، مۆمىن كىشىنىڭ ئۆزى قادىر بولالىغان دائىرىدە شۇ يۇرتتىكى ھارام، بىدئەت قىلمىشلارغا ھەدىستە كەلگىنىدەك قولى بىلەن قارشى چىقىشى، ئاندىن تىلى بىلەن قارشى چىقىشى، ئاندىن قەلبى بىلەن قارشى چىقىشى كېرەك بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل مۇسۇلمانلار يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىش ئۇنىڭغا پەرز بولمايدۇ» دەپ قارىغان.
ھاراملار ۋە بىدئەتلەر باش كۆتەرگەن مۇسۇلمانلار دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش پەرز، دەپ قارىغانلار يەنە «چوڭ ھىجرەتتىن، يەنى شىرك دىيارىدىن ھىجرەت قىلىشتىن مەقسەت — ھىجرەت قىلغان كىشىنىڭ دىنىنى پىتنىلەردىن\ خەتەردىن \ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن \ دىن جەھەتتە ھەقتىن قېيىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىشتۇر. بۇ خىل ھىجرەت ھەممە ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن پەرزدۇر. بۇ يۈزدىن، ناۋادا كىشى ئازغۇن، پاسىق، جاھىل، بىدئەتچى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىسا، بۇنداق كىشىنىڭ شۇ يۇرت خەلقى مۇپتىلا بولغان بىدئەتلەرگە ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئوچۇق ئاشكارا ئىشلەش ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، پاسىق، بىدئەتچى مۇسۇلمانلار دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش پەرز دېگەن ھۆكۈم كىشىنىڭ دىنىنى بىدئەتلەردىن ساقلاپ قېلىشى، ۋە ئاشكارا گۇناھلاردىن ساقلىنىپ قېلىشىنى روياپقا چىقىرىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ ھۆكۈم — يەنى پاسىق، بىدئەتچى مۇسۇلمانلار دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش پەرز دېگەن ھۆكۈم بۇنىڭ زىتىدىكى ھۆكۈمدىن، يەنى بۇنداق قىلىش پەرز ئەمەس دېگەن ھۆكۈمدىن كۈچلۈك ۋە ئەڭ توغرا ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.
ئاھالىسى پاسىق، بىدئەتچى بولغان ئىسلام يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش پەرز ئەمەس مۇستەھەب، دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىسلام ئۆلىمالىرى بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سىلەردىن كىم بىر يامان قىلمىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن تۈزەتسۇن» دېگەن، ھەرگىزمۇ «سىلەردىن كىم بىر يامان قىلمىشنى كۆرسە، ئۇ يامان قىلمىش يۈز بەرگەن دىياردىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتسسۇن» دېمىگەن، شۇڭىلاشقا ئاھالىسى پاسىق، بىدئەتچى يۇرتتىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش پەرز ئەمەس، پەرز بولغىنى كۇفۇر، شىرىك دىيارىدىن ھىجرەت قىلىشتۇر، دېگەن. [ئىمام ئىبنى باز پەتىۋاسى]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى