ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرگە قاراپ كۈلۈمسىرىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى
سوئال: ئايال كىشىنىڭ چىشلىرىنى كۆسەتمىگەن، ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمىغان ھالدا نامەھرەم ئەرگە قاراپ كۈمۈلسىرىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئىبنى باز، ئابدۇرازاق ئەفىفىي، ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان
جاۋاب: ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەر بار يەردە يۈزىنى ئېچىۋېتىشى، ياكى نامەھرەم ئەرگە كۈلۈمسىرىشى ھارام. چۈنكى، بۇنداق قىلىشتىن يامانلىقلار، (مەيلى قەلبنىڭ، مەيلى بەدەن ئەزالىرىنىڭ) گۇناھكار بولۇشى مەيدانغا چىقىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ساھابىلىرىگە ۋە جىمى مۇسۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن. [«فتاوى اللجنة الدائمة» (17/25).]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى