تاكسىچىنىڭ چېركاۋغا بارماقچى بولغان خېرىدارنى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان
رىياسەتچى: بۇ قېرىندىشىمىز مۇنداق سوراپتۇ: پەزىلەتلىك شەيخ، مەن سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن باشقا دۆلەتتە تاكسىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بەزى چاغلاردا تاكسىرىمغا چىققان خېرىدارلار مەندىن ئۆزى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىدۇ. چېركاۋغا بارماقچى بولغان خېرىدارلىرىمنى چېركاۋغا ئاپىرىپ قويۇشۇم دۇرۇس بولامدۇ؟
شەيخ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ياق، دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدۇ. (گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم قىلىش شۇ گۇناھ ۋە زۇلۇم ھارام بولغىنىدەكلا ھارامدۇر.) شۇڭا، كىشىلەرنى چېركاۋقا ئاپىرىپ قويسىڭىز بولمايدۇ.
* تاكسىچىلارنىڭ خېرىدارلىرىنى قاۋاقخانىغا، دېسكوخانىغا، پاھىشىخانىغا ۋە باشقا ھەر قانداق ئەخلاقسىزلىق سورۇنلىرىغا ياكى بىدئەت، شىرىك پائالىيەت-مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇنلارغا، ناخشا-مۇزىكىلار چېلىنىپ، ئۇسۇل-تانسىلار ئوينىلىدىغان يەرلەرگە، قەبرىپەرەس مۇشرىكلار پىرلىرىدىن مەدەت سوراش ئۈچۈن بارىدىغان قەبرە، مەقبەرە ياكى شۇ تىپتىكى ئالاھىدە ئورۇنلارغا ئاپىرىپ قويۇشى ئوخشاشلا گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ.
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى