ئىمام شافىي ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆيىدە قونغاندا

ئىمام شافىي ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆيىدە قونغاندا

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ باغداتقا كەلگەندە ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئىمام شافىينى ئۆيىدە قوندۇرۇۋالماقچى بوپتۇ. ئىمام شافىي ئىمام ئەھمەدنىڭ ئۆيىدە كەچلىك غىزالانغاندىن كېيىن، ئىمام ئەھمەد ئىمام شافىيغا مېھمانخانا ئۆيدە ئۇخلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما، ئىمام شافىي پۈتۈن كېچە ئۇخلىماپتۇ. ئىمام ئەھمەد ئىمام شافىيدىن نېمىشقا ئۇخلىمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئىمام شافىي «ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كىتاب بار ئىكەن، شۇ سەۋەبلىك ئۆيدە ئۇخلىغۇدەك يەر يوق ئۇخلىمىدىم» دەپتۇ. ئىمام ئەھمەد «كىتابنى يۆتكىۋەتسىلە بولاتتىغۇ؟» دەپتىكەن. ئىمام شافىي «ماڭا تەۋە بولمىغان نەرسىنى يۆتكىشىم ئۇيغۇن بولمايدۇ» دەپتۇ.

ئاندىن ئىمام شافىي مۇنۇ بېيتنى ئوقۇغان:

ياخشى كۆرىمەن سالىھلارنى، ئەمما سالىھ ئەمەسمەن ئۆزۈم،

قىيامەتتە سالىھلارنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىش ئۈمۈدۈم.

گۇناھ-مەئسىيەت تىجارىتى قىلىدىغانلارنى يامان كۆرىمەن،

ھالبۇكى، ئۆزۈممۇ ئۇلار بىلەن بۇ تىجارەتتە شېرىكلىكىمگە قارىماي.

ئىمام ئەھمەد ئىمام شافىيغا جاۋابەن مۇنۇ بېيتنى ئوقۇدى:

سىلى سالىھلارنى ياخشى كۆرىلا، ئۆزىلىرىمۇ ھەم سالىھلار جۈملىسىدىن،

قىيامەتتە ئۇلار سىلىنىڭ شاپائەتلىرىگە ئېرىشىدۇ.

سىلى گۇناھ-مەسئسىيەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى يامان كۆرىلا،

ئاللاھ سىلىنى بۇ خىل تىجارەتنىڭ يامانلىقىدىن قوغدىغاي.

  • *ئەسكەرتىش: ئىمام ئەھمەد ئىمام شافىيدىن 14 ياش كىچىك.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ