سۈرە فاتىھە
سۈرە فاتىھە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، يەتتە ئايەتتۇر.
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
1. (ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى) ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھ رەھماندۇر — جىمى مەخلۇقاتقا چەكسىز كۆيۈنگۈچىدۇر؛ رەھىمدۇر — ئۆزىگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن قۇلچىلىق قىلغۇچى مۆمىنلەرگە بەكمۇ مېھرىباندۇر.1
رەھمان ۋە رەھىم — ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئىككى ئىسىمدۇر. رەھمان — رەھمىتى بارلىق مەخلۇقاتلارنى قورشىغان ئاللاھ، مەنىسىدۇر. رەھىم — پەقەتلا پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇتلەق رەۋىشتە رەھمەت قىلغۇچى ئاللاھ، مەنىسىدىدۇر. ئاللاھنىڭ مۇتلەق رەھمىتى پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن تەقۋادارلارغا خاستۇر. بۇلاردىن باشقىلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ بىر قىسىمىغىلا ئېرىشىدۇ.2 [1. تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر]
الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
2. مۇكەممەل ماختاشلارنىڭ ھەممىسى1 بارچە مەخلۇقاتنى يارىتىپ، ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلارغا نىزام ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلغان، جىمى مەخلۇقاتنىڭ ئىگىسى بولغان2، ھەممە مەخلۇقاتنى كونترول قىلىپ، باشقۇرۇپ تۇرىدىغان3 ئاللاھقا خاستۇر.
(<بىز «بارچە مەخلۇقات» دەپ تەرجىمە قىلغان، ئايەتنىڭ ئەرەپچە لەۋزىدىكى> ئالەم — ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىدۇر. <ئالەم-ئىنسانلارنى، جىنلارنى، پەرىشتىلەرنى ۋە بارچە جانلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.>4 رەب — پۈتۈن ئالەملەرنىڭ\ پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە كونترول قىلغۇچىسى دېمەكتۇر. ئاللاھ پۈتكۈل ئالەمنى ياراتقان، ئالەمدىكى ھەممە نەرسىگە بىر تۈركۈم ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلغان زاتتۇر — يەنى ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر. ئاللاھ ئالەمدىكى بارچە مەۋجۇداتلارغا بۈيۈك نىمەتلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، ئەگەر ئالەم — يەنى
ئاللاھتىن باشقا بارچە مەۋجۇداتلار — ئىنسانلار، جىنلار، ھايۋانات-ھاشاراتلار، پېلانىتلار، زىرائەتلەر-ئوت چۆپلەر ۋە كۆزگە كۆرىنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغان بارچە ماددىلار —
ئاللاھ ئاتا قىلغان ئالاھىدىلىك\خۇسۇسىيەتلەردىن ۋە نېمەتلەردىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلاردىن ھېچبىرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلالمايدۇ.5. رەب — ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىسىملىرىدىندۇر.6) [1. تەپسىر قۇرتۇبى 2.تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير، تەپسىر قۇرتۇبى 3. تەپسىر قۇرتۇبى 4. تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر سەئدى 5.تەپسىر سەئدى 6.تەپسىر قۇرتۇبى]
الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
3. ئاللاھ رەھماندۇر — جىمى مەخلۇقاتقا چەكسىز كۆيۈنگۈچىدۇر؛ رەھىمدۇر — ئۆزىگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن قۇلچىلىق قىلغۇچىلارغا بەكمۇ مېھرىباندۇر.1
(رەھمان ۋە رەھىم ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئىككى ئىسىمدۇر. رەھمان — رەھمىتى بارلىق مەخلۇقاتلارنى قورشىغان ئاللاھ مەنىسىدۇر. رەھىم — پەقەتلا پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇتلەق رەۋىشتە رەھمەت قىلغۇچى ئاللاھ مەنىسىدىدۇر. ئاللاھنىڭ مۇتلەق رەھمىتى پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن تەقۋادارلارغا خاستۇر.2) [1. تەپسىر تەبەرى، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر سەئدى]
رەھمەت — ئاللاھنىڭ تېگىشلىك بولغان كىشىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشىدۇر. رەھمەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇنداقمۇ دېيىلگەن: رەھمەت — جازاغا لايىق بولغۇچىنى جازالاشنى تەرك ئېتىش، ياخشىلىققا لايىق بولمىغۇچىغا ياخشىلىق قىلمىش، دېگەنلىكتۇر. (تەپسىر بەغەۋى، فاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى)
مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ
4. ئاللاھ بەندىلەر ھېسابقا تارتىلىدىغان كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئىگىسىدۇر1.
ئاللاھ ئۆزىنى «ئالەملەرنىڭ رەببى» دەپ سۈپەتلەش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دەپ سۈپەتلەش ئارقىلىق ئاخىرەتنىڭمۇ ئېگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئىمام ئىبنۇل جەۋزى، زادۇل مەسىير)
(قىيامەت كۈنى — قىلىنغان بارچە ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ مۇكاپاتى ۋە جازاسى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان كۈندۇر. قىيامەت كۈنىدە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھۆكۈمدارلىقى، ئادالىتى، ھىكمىتى؛ شۇنداقلا بارچە مەخلۇقاتنىڭ ھوقۇق ۋە باشقۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھەقىقىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى، قىيامەت كۈنى ھۆكۈمدارلار بىلەن ھۆكۈمدارلىق قىلىنغۇچىلار، قۇللار\ئەركىنلىكىگە ئىگە بولالمىغانلار بىلەن ھۆر ياشىغانلار باپباراۋەر ھالدا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىگە خار ھالەتتە بويۇن ئېگىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىززىتى ئالدىدا ئىززەت ساھىبلىرىنىڭ ئىززىتى ئېتىبارسىزلىشىدۇ. خالايىق ئاللاھنىڭ ئەمەللەرگە بېرىدىغان جازا ۋە مۇكاپاتىنى ساقلايدۇ. قىيامەت مەيدانىدا ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ئۈمىد قىلىنىدۇ، جازاسىدىن قورقۇلىدۇ. ئاللاھنىڭ مالىكلىقىغا \ ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە قىيامەت كۈنىنىڭ باغلىنىشى مانا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر. ئەسلىدە، ئاللاھ ھەم قىيامەت كۈنىنىڭ ھەم باشقا ھەر بىر كۈننىڭ مۇتلەق ئىگىسىدۇر.2 «ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ مالىكىدۇر» دېگەن بۇ ئايەتنى نامازلىرىنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە ئوقۇغان مۇسۇلمان ئاخىرەت كۈنىنى ئەسلەيدۇ. بۇ ئايەت ئۇنى نامىزىدا ئوقۇغان مۇسۇلماننى ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى قىلىش، گۇناھلاردىن ۋە يامانلىقلاردىن قېچىش ئارقىلىق قىيامەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا تەشۋىق قىلىدۇ.3) [1. زادۇل مەسىير، تەپسىر قۇرتۇبى 2. تەپسىر سەئدى. 3. تەپسىر مۇيەسسەر]
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
5. (ئى ئۇلۇغ ئاللاھ!) ئىبادەتلىرىمىزنى (سەن بىزنى ئىتائەت قىلىپ، ئەگىشىشكە بۇيرۇغان پەيغەمبرىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە ئۆگەتكەن شەكىل ۋە سۈپەت بويىچە) يالغۇز ساڭىلا قىلىمىز، (بارچە ئىشلىرىمىزدا سورايدىغان-م) ياردەمنىمۇ يالغۇز سەندىنلا سورايمىز.
)چۈنكى، ئىدارە قىلىش ۋە ھوقۇق پەقەتلا سېنىڭ قولۇڭدىدۇر.1 ئى رەببىمىز! بىز ئىبادەتلىرىمىزنى يالغۇز ساڭىلا خاس قىلىمىز، سەندىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلمايمىز. ياردەمنى پەقەت سەندىنلا سورايمىز، سەندىن باشقىسىدىن ياردەم سورىمايمىز. بۇ يەردە ئىبادەتنىڭ ياردەمدىن ئاۋۋال كېلىشى ئومۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنىڭ خاسلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزدىن ئاۋۋال كېلىدىغان تىل قائىدىسى جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا، ئىبادەتنىڭ ياردەمدىن ئاۋۋال كېلىشى ئاللاھنىڭ ھەققىنىڭ بەندىلەرنىڭ ھەققىدىن ئىلگىرى كېلىدىغانلىقىنى جېكىلەشتۇر.2 بۇ ئايەتتە بەندىنىڭ دۇئا قىلىش، ياردەم سوراش، قۇربانلىق قىلىش، تاۋاپ قىلىش قاتارلىق ئىبادەت تۈرلىرىدىن ھەر قانداق بىرىنى ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىگە، ئەكسىچە بۇلارنىڭ پەقەتلا ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىشى كېرەكلىكىگە دەلىلدۇر. بۇ ئايەت يەنە قەلبلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقىغا باغلىنىشى، رىيا، ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش ۋە كىبىرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارشى قەلب ئۈچۈن شىپادۇر.3
ئىبادەت — ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارچە ئەمەللەرنى ۋە سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك ئىسىمدۇر. ئىستىئانە\ياردەم تىلەش — پايدىلارنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە پەقەتلا ئاللاھقا تايىنىش، بۇلارنى روياپقا چىقىرىش جەھەتتە پەقەتلا ئاللاھقا ئىشىنىشتۇر. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلەش — مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتنىڭ، شۇنداقلا بارچە يامانلىقلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشنى ۋە ئاللاھتىنلا ياردەم تىلەشنى ئورۇندىماي تۇرۇپ نىجاتلىققا ئېرىشىشكە ئىمكان يوقتۇر. ئىبادەتنىڭ ئىبادەت بولالىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلىنىشى ۋە ئىبادەت ھېسابلانغان ئىشنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىلغانلىرىغا ۋە سۆزلىگەنلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرتتۇر. ئىبادەت — پەقەت مۇشۇ ئىككى خۇسۇسىيەت ئارقىلىق (ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان) ئىبادەت بولالايدۇ. ئاللاھتىن ياردەم تىلەشنىڭ ئىبادەت جۈملىسىدىن بولۇشىغا قارىماي، «ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز» جۈملىسىدىن كېيىن ئايرىم زىكىر قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى — بەندىنىڭ بارچە ئىبادەتلىرىدە ئاللاھتىن ياردەم تىلەشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىدىندۇر. چۈنكى، ئاللاھ بەندىسىگە ياردەم قىلمىسا، بەندە ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.(4 [1.تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى 3. تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر سەئدى]
اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
6. جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يول — ئىسلامنىڭ يولىدا بىزنى مۇستەھكەم قىلغىن1.
مۇپەسسىر، فەقىھ، ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: يەنى، سەن بىزگە توپتوغرا يولنى كۆرسەتكىن ۋە بىزنى ئۇ يولدا داۋام قىلىشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلغىن. <بىز مۇپەسسىرلەر ئىمامى، بۈيۈك ساھبە ئىبنى ئابباسنىڭ تەپسىرلىشى بويىچە «جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدا مۇستەھكەم مېڭىشىمىزنى بىزلەرگە نېسىپ قىلغىن» دەپ تەرجىمە قىلغان > سىراتى مۇستەقىم — كىشىنى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە يەتكۈزىدىغان ئوپئوچۇق يولدۇر. سىراتى مۇستەقىمدە\ توغرا يولدا مېڭىش — ھەقنى بىلىش ۋە ھەققە ئۇيغۇن ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئى رەببىمىز، سەن بىزنى بۇ توغرا يولدا ماڭغۇزغىن، بۇ يولدا داۋام قىلىشىمىزدا بىزنى مۇستەھكەم قىلغىن.
سىراتى مۇستەقىمدە\ توغرا يولدا مېڭىش — ئىسلام دىنىغا باغلىنىش ۋە ئىسلامنىڭ تېشىدىكى بارچە دىنلارنى تەر ئېتىش دېمەكتۇر. سىراتى مۇستەقىمدە\ توغرا يولدا ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم مېڭىش بولسا — ھەم ئىلمىي جەھەتتىن، ھەم ئەمەلىي جەھەتتىن ئىسلام دىنىنىڭ بارچە تەپسىلىي ھۆكۈملىرىدە ھىدايەت ئۈستىدە بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنداق ئىكەن، «بىزنى سىراتى مۇستەقىمدە مۇستەھكەم قىلغىن \ جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدا مۇستەھكەم مېڭىشىمىزنى بىزلەرگە نېسىپ قىلغىن» دېگەن بۇ دۇئا — ھەم بەكمۇ كەڭ دائىرىلىك، ھەم بەندە ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق دۇئالاردىن بىرىدۇر. بۇ ۋەجىدىن، كىشى نامىزىنىڭ ھەر رەكئىتىدە ئاللاھقا بۇ دۇئانى قىلىشى كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئېھتىياجى سەۋەبلىك پەرز قىلىنغاندۇر.2 ) [1. زادۇل مەسىر 2. تەپسىر سەئدى]
صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ
7. (بىزنى) ئۆزۈڭ نېمەت بەرگەنلەرنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ، سىددىقلارنىڭ، شەھىدلەرنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ1) يولىغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە دۇچار بولغانلارنىڭ (ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى تەرك ئەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە شۇ قاتاردىكى كىشىلەرنىڭ2) ۋە ئازغانلارنىڭ (خرىستىئانلارنىڭ ۋە شۇ قاتاردىكى بىلىمسىزلىك، ئازغۇنلۇقلىرى سەۋەبلىك ھەقنى تەرك ئەتكەنلەرنىڭ3) يولىغا ئەمەس.
(بۇ دۇئادا ئۈچۈن ھەقنى ئىنكار قىلىش، جاھالەت ۋە توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە شىپا باردۇر. بۇ سەۋەبلىك، ھەقنى ئەڭ ياخشى بىلگەن ۋە ھەقكە ھەممىدىن بەك ئەمەل قىلغان كىشى سىراتى مۇستەقىمگە\توغرا يولغا ئەڭ يېقىن كىشىدۇر. ھېچ شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى – مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم- نىڭ ساھابىلىرى پەيغەمبەرلەردىن كېيىن بۇ توغرا يولغا ئەڭ يېقىن بولغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبلىك، مەزكۇر ئايەت ئۇلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىنى ۋە ئۈستۈن دەرىجىلىرىنى كۆرسەتمەكتە. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن.4)
(ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولۇپ «ئامىن» دېيىشى مۇستەھەپ\ دىندا پەزىلەتلىك ھېسابلانغان ئەمەلدۇر. ئامىن — ئى رەببىم، دۇئا-ئىلتىجايىمنى قوبۇل قىلغىن، دېگەن مەنىدە. ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن «ئامىن» فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئايىتى ئەمەس. بۇ سەۋەبلىك، ئالىملار «ئامىن»نىڭ قۇرئانغا يېزىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىتتىپاقتىدۇر.5) [1. تەپسىر قۇرتۇبى، تەپسىر سەئدى 2-3-تەپسىر سەئدى؛ 4-،5-تەپسىر مۇيەسسەر]
* سۈرە فاتىھە قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ سۈرىدۇر.