«كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەن ھەدىس سەھىھىمۇ؟
سوئال: «بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەن بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ بۇ نەپسى بىلەن قىلىنغان جىھادنى كۆرسىتەمدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ
جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر.
«كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەن بۇ سۆزنى ئىمام بەيھەقى زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى ھافىز ئەل ئىراقىنىڭ «ئىھيانىڭ ھەدىسىنى تەھقىقلاش» ناملىق كىتابىدا بايان قىلغان. ئىمام ئەجلۇنىي ھەم ئۇنى «كەشفۇلخەفا» ناملىق كىتابىدا نەقىل قىلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر(رەھىمەھۇللا):«بۇ ئىبراھىم ئبنى ئەبۇ ئابلەنىڭ سۆزىدۇر، ھەدىس ئەمەس» دېگەن.
بۇنى يەنە ئەجلۇنىي ھافىز ئىراقىدىن «كەشفۇل خەفا» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق نەقىل قىلغان. بۇ ئەجلۇنىينىڭ خۇلاسىسىدۇر.
بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
ئۇلار’چوڭ جىھاد نېمە‘دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ’قەلب جىھادى‘دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ ھەدىسنى ئەل خاتىب ئەل بەغدادى مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
ـــ بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق.
ـــ چوڭ جىھاد قايسى؟
ـــ بەندىنىڭ نەپسى خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلىشىدۇر. ئۇ ئىككىلىسى (ئەل-ئەجلۇنىي ۋە خاتىب باغدادى) بۇنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. «كەشفۇلخەفا»دا ھەم مۇشۇنداق خاتىرلەنگەن. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللا «مەجمۇئۇل فەتاۋا» ناملىق ئەسىرىدە:« (بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق) دېگەن بۇ سۆزنى رىۋايەت قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ «بۇ گەپ تەبۇك غازىتىدىن قايتاندا بولغان» دېيىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق . ھېچبىر ھەدىس ئالىمى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن بۇنداق بىر نەرسىنى رىۋايەت قىلىپ باقمىغان.» (ئىمام ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 26\381)
— مۇجتەھىد تورى