سۈرە بەقەرەنىڭ باش قىسىمىدىكى مۇناپىقلار بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ
2:8 (ئاللاھ كۆرۈنۈشتە ئىسلامنى ئىزھار قىلىپ، ئىچىدە كۇفۇرنى ساقلىغان مۇنافىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1س) ئىنسانلار ئارىسىدا (مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا تەمتىرەپ يۈرۈشكەن2) بەزى كىشىلەر باركى (بۇنداقلار مۇناپىقلاردۇر. ئۇلار3) «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ. ھەقىقەتتە، بۇنداقلار (يالغانچىدۇر4،) ئىمان ئېيتقان ئەمەس.
ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى ئۆز تەپسىرىدە بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: مۇناپىقلىق \ نىفاق — كۆرۈنۈشتە ياخشىلىقنى ئاشكارا قىلىپ، ئىچىدە يامانلىقنى يوشۇرۇشتۇر. مۇناپىقلىق — ئېتىقاد جەھەتتىكى مۇناپىقلىق \ ئېتىقادىي مۇناپىقلىق ۋە سۆز-ھەرىكەت جەھەتتىكى مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئېتىقادىي مۇناپىقلىق كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ بۇ سۈرىدە، ۋە باشقا سۈرىلەردە بايان قىلغان مۇناپىقلىق — ئېتىقادىي مۇناپىقلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئاۋۋال، ۋە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا — تاكى بەدىر غازىتى يۈز بېرىپ ئاللاھ مۆمىنلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ كۈچلەندۈرگەنگە قەدەر — مۇناپىقلار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بەدىر غازىتى يۈز بېرىپ، مۇسۇلمانلار غەلىبە قازىنىپ، مەدىنىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان كاپىرلار خار ھالەتتە چۈشكەندىن كېيىن، بۇ كاپىرلاردىن بەزىلىرى قورقۇش سەۋەبلىك ۋە مۇسۇلمانلارنى ئالداش يۈزىسىدىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ئارقىلىق جېنىغا ۋە مېلىغا زىيان يېتىشتىن ساقلىنىپ قالماقچى بولۇشتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايتتى. كۆرۈنۈشتە مۇسۇلماندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى.
مانا بۇ يۈزدىن، ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىنىڭ تەجەللىسى سۈپىتىدە — مۆمىنلەر ئۇلارغا ئالدانمىسۇن، مۇناپىقلار قىلماقچى بولغان يامانلىقلىرىدىن ۋاز كەچسۇن دەپ — مۆمىنلەرگە مۇناپىقلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالامەتلىرىنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدى.5 [1. تەپسىر سەئدى 2-،3-،4-تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر سەئدى]
يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
2:9 ئۇلار (ئۆزلىرىنى مۆمىندەك كۆرسىتىپ، كۇفرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق1) ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەر ئالدىماقچى بولۇشىدۇ. ھالبۇكى، پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ، ئەمما ئۇلار (جاھىللىقى، ئەخمەقلىقى سەۋەبلىك2) بۇنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. (بۇنداق مۇناپىقلار مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋېلىپ جېنىنى ۋە مېلىنى قوغداپ قالغان بولىدۇ. بىراق، بۇ ھىيلە ۋە توزاقلىرى تامامەن ئۆزىگە يانىدۇ، بۇ سەۋەبلىك دۇنيا ھاياتىدا خار بولىدۇ، مۆمىنلەر قولغا كەلتۈرگەن كۈچ-قۇۋۋەت زەپەرلەر سەۋەبلىك دائىما ئىچ پۇشىقى چېكىپ، ئازابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، ئۇلارغا ئاخىرەتتىمۇ قاتتىق جازا بېرىلىدۇ.3) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-3-تەپسىر سەئدى]
فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
2:10 ئۇلارنىڭ قەلبىدە (ئاللاھنىڭ دىنىدىن شەككە چۈشۈش، مەيدانسىزلىق\ئىككىلىنىش ۋە مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت1) كېسەللىك بار بۇلۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتكەندۇر. يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (ۋە مۇناپىقلىقى2) ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدۇ.
ئىمام ئابدۇراھمەن سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئىسيانكارلارنىڭ زىيىنىغا گۇناھ-مەسىيەتلەرنى تەقدىر قىلىشىدىكى ھېكمىتىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبلىك، ئۇلارنى يېڭى گۇناھ مەئسىيەتلەر بىلەن سىنايدۇ، نەتىجىدە بۇ گۇناھلىرى سەۋەبلىك جازانى ئۆزلىرىگە ھەقلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، گۇناھنىڭ جازاسى قىلىنغان گۇناھقا ئەگىشىپ كېلىدىغان گۇناھتۇر. شۇنىڭدەك، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى قىلىنغان ياخشىلىققا ئەگىشىپ كېلىدىغان ياخشىلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق بولغۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.» (سۈرە مەريەم، 76-ئايەت)3 [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر سەئدى]
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ قَالُوا إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ
2:11 ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا كۇفۇر ۋە گۇناھ قىلىش، مۆمىنلەرنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى دۈشمەنلەرگە ئاشكارىلاش، كاپىرلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش قاتارلىق قىلمىشلار ئارقىلىق1) «زېمىندا پاسات چىقارماڭلار» دېيىلسە (ۋە بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە نەسىھەت قىلىنسا2)، «بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دېيىشىدۇ. (بۇنداق دېيىش بىلەن، زېمىندا ھەم پاسات چىقىرىدۇ، ھەم قىلغانلىرىنىڭ پاسات ئەمەسلىكىنى داۋا قىلىشىدۇ. قىلغانلىرىنىڭ پاسات ئەمەس ئىسلاھ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشىدۇ، باتىل ئىشلارنى قىلىىۋاتقان تۇرۇپ قىلمىشىلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشىدۇ. مانا بۇنداقلارنىڭ گۇناھى ھارام ئىشلارنىڭ ھاراملىقىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ ھارام ئىشلارنى قىلغانلاردىنمۇ ئېغىردۇر.-س مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى ھالدا گۇناھلارنى قىلىش، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۆزىگە پەرز قىلىنغانلارنى ئورۇندىماسلىق يولىنى تۇتقان تۇرۇغلۇق3، «بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دېيىش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنىڭ\تۈزەشنىڭ پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدىغانلىقىنى، بۇنى دېيىش ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن ئەمەسلىكىنى دارىتمىلاش مەنىسىنى بەرمەكچى بولغىنى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ داۋاسىنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:س) [1. تەپسىر سەئدى، تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر 4. تەپسىر سەئدى]
أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَكِنْ لَا يَشْعُرُونَ
2:12 بىلىڭلاركى، ئۇلار پاساتچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاساتچى ئىكەنلىكىنى سېزەلمەيدۇ.
(چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى ئالداشقا ئورۇنغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلارنى دوست دەپ بىلگەن، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ قىلمىشلىرىنى ئىسلاھ\ ئىشلارنى ئەپ كەلتۈرۈپ، تۈزەپ، يولىغا سېلىش دەۋالغان كىشىدىنمۇ ئۆتە پاساتچى يوقتۇر. ھالبۇكى، دۇنيانىڭ ئىسلاھ بولۇپ تۈزۈلۈشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىمان بىلەن روياپقا چىقىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىمان ئېيتىپ، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان. ئىنسانلارنى زېمىندا يەرلەشتۈرگەن، ئۆزى بەرگەن رىزقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلسۇن دەپ ئىىنسانلارغا رىزق بېرىش بىلەن مىسلىسىز ياخشىلىق قىلغاندۇر. ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەتنىڭ قارشىسى قىلىنسا زېمىن يارتىلىشى مەقسىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ، ۋەيران قىلىنغان بولىدۇ.-تەپسىر سەئدى)
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آمَنَ السُّفَهَاءُ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَكِنْ لَا يَعْلَمُونَ
2:13 ئۇلارغا «ئىمان ئېيتقان (ساھابىلار1) لارغا ئوخشاش (ھەم قەلبىڭلار بىلەن، ھەم تىلىڭلار بىلەن2) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئاشۇ ئەقىلسىزلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىمىزمۇ؟» دېيىشىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار ئەقىلسىزلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئەقىلسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. (مۇناپىقلار ساھابىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىپ ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ھىجرەت قىلغانلىقىنى ۋە كاپىرلارغا دۈشمەن بولغانلىقىنى ئەقىلسىزلىك دەپ بىلەتتى. مۇناپىقلارغا نىسبەتەن، ئەقىل ساھابىلەرنىڭ قىلغىنىنىڭ ئەكسىنى قىلىشنى تەقەززا قىلاتتى. بۇ سەۋەبلىك، ساھابىلەرنى ئەقىلسىز، ئۆزلىرىنى ئەقىل ۋە ئۈستۈن چۈشەنچە ساھىپلىرى دەپ بىلىشەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ داۋالىرىنى رەت قىلىپ، ھەقىقىي ئەقىلسىزلەرنىڭ مۇناپىقلار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرمەكتە. بۇ ۋەجىدىن، «ئەقىلسىزلىك» مۇناپىقلارغا ماس كېلىدىغان سۈپەتتۇر، مۇناپىقلارنى ئەقىلسىز دېيىش ئىناۋەتكە ئىگىدۇر. ئەقىللىقلىق ۋە ساغلام چۈشەنچە — كىشىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلارنى بىلىپ، شۇ ئىشلارنى قىلىشى ۋە زىيىنى يېتىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل سۈپەت پەقەتلا ساھابە كراملارغا ۋە مۆمىنلەرگە ئۇيغۇندۇر. بۇنداق ئىكەن، ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى كىشى ئىگە بولغان سۈپەتلەردۇر ۋە دەلىللەردۇر. قۇرۇق شوئار، داۋالارنىڭ ۋە ئاساسسىز سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.) [1-،2-،3- تەپسىر سەئدى]
وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَى شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ
2:14 ئۇلار ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ئۇچراشقىنىدا «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ. شەيتانلىرى بىلەن (يەنى يامانلىق قىلىشىتىكى باشلامچى، كاتتىۋاشلىرى بىلەن1) ئايرىم قالغاندا بولسا «بىز مۇتلەق رەۋىشتە سىلەر بىلەن بىللىمىز. (بىزمۇ سىلەرنىڭ يولۇڭلاردا دەپ قويۇپ2) ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ قويۇشتۇق خالاس» دېيىشىدۇ. [1-،2- تەپسىر سەئدى]
اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
2:15 ھەقىقەتتە، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ؛ (ئازغۇنلۇقى، تېڭىرقىشى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ1) ئۇلارنى ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىدۇ. (مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقى تۈپەيلى ئۇلارنى مانا مۇشۇنداق جازالايدۇ.2) [1-،2- تەپسىر مۇيەسسەر]
أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَى فَمَا رَبِحَتْ تِجَارَتُهُمْ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
2:16 ئەنە شۇلار ھىدايەت بەدىلىگە ئازغۇنلۇقنى ئالغانلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تىجارىتى پايدا كەلتۈرمىدى، ھىدايەت تاپقۇچىلاردىنمۇ بولالمىدى.
(مۇناپىقلار ھىدايەتتىن يۈز ئۆرۈپ ئازغۇنلۇقنى ئارزۇلىدى، ئازغۇنلۇققا رىغبەت كۆرسەتتى، ئازغۇنلۇق يولىدا ھىدايەتنى پىدا قىلدى. مانا بۇ مۇناپىقلارنىڭ تىجارىتى بولۇپ، بۇ نېمىدېگەن زىيانلىق تىجارەت ھە!-تەپسىر سەئدى)
مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ
2:17 ئۇلارنىڭ (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىن قەلبىدىن ئەمەس، پەقەتلا كۆرۈنۈشتە ئىمان ئېيتقان سىياققا كىرىۋېلىپ1، ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى مۇسۇلمانلاردىن قوغداپ قالغان، مۆمىنلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ھەققىگە ئېرىشىپ، ئۇلارغا مىراسچى بولغان ۋە جەڭدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەنىيمەتتىن ئۆز ھەسسىسىنى ئالغان مۇناپىقلارنىڭ2) مىسالى (بەكمۇ ئېغىر قاراڭغۇلۇقتا قالغانلىقتىن ئوتقا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياجى چۈشۈپ3) ئوت ياقماقچى بولغان بىرىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە (ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قالدۇرۇپ قويىدۇ. (بۇ ئايەت مۇناپىقلار توغرىسىدا نازىل قىلىنغان.4 ئىبنى ئابباس، قەتادە، مۇقاتىل، زەھھاك ۋە سۇددى بۇ ئايەتنىڭ مۇناپىقلار توغرىسىدا نازىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.5 مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداقتۇر. دۇنيادا ئىسلامدىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىدۇ. مۇسۇلمان سىياققا كىرىۋېلىپ جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، دۇنيادا ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ. بۇ ھالەتتە ئىكەن بېشىغا ئۆلۈم كېلىدۇ، ئۇ مەنپەئەتلىنىۋاتقان نەرسىلەردىن ئۇنى ئايرىيدۇ، نەتىجىدە مۇناپىق <ئۆلگەن ھامان> تۈرلۈك غەم ۋە ئازابنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى كۆرىدۇ. قەبرىنىڭ قاراڭغۇلۇقى، كۇفرنىڭ قاراڭغۇلۇقى، مۇناپىقلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن روبىرو قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، جەھەننەم ئوتىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باردۇر6. مۇناپىق ئۆلگەن ھامان تۈرلۈك قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلىدۇ.7 مەزكۇر ئايەتتىكى بۇ تەمسىل ئاللاھنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغىنىدەك، مۇناپىقلارنىڭ باشتا ئىمان ئېيتىپ، ئاندىن كۇفۇرغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.8 ئايەتتىكى «قاراڭغۇلۇق»تىن مەقسەت — مۇناپىقلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا ئەۋەتكەن قاراڭغۇلۇقتۇر، بۇ قاراڭغۇلۇق مۇناپىقلار قىيامەت كۈنىدە دۇچ كېلىدىغان قاراڭغۇلۇق دەپمۇ تەپسىرلەنگەن9. بۇ ئايەتتە قاپقاراڭغۇ مۇھىتتا قېلىپ، ئوتقا، يورۇقلۇققا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بىر توپ كىشىنىڭ ئىچىدىن بىرى ئوت ياققان، ئوت ئەمدى يورۇپ تۇرۇشىغا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئوتىنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋەتكەن. ئوتقا\يورۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بىر توپ ئادەم ئوت ياقتى، ئەمما ئوت يورۇپ تۇرۇشىغا ئوتنىڭ نۇرى يوق بولۇپ كەتتى. مانا بۇنداقلار ئىنتاين ئېچىنىشلىق ھالەتتە چارىسىز قالغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇناپىقلار دەل مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئوخشاتماقتا.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر بەغەۋىي 3. تەپسىر سەئدى 4. زادۇل مەسىير 5. تەپسىر بەغەۋىي 6. تەپسىر سەئدى 7. تەپسىر بەغەۋىي 8. تەپسىر ئىبنى كەسىر 9. زادۇل مەسىير]
صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
2: 18 ئۇلار (ھەقنى ئاڭلاشتا1) گاستۇر (ھەققە قۇلاق سېلىپ، ئويلانمايدۇ2)،(ھەقنى سۆزلەشكە كەلگەندە تىلسىز3) گاچىدۇر، (ھىدايەت نۇرىنى كۆرۈشتە4) كوردۇر؛ (بۇ ۋەجىدىن ئىمانغا5) قايتمايدۇ. [1-،2-،3-،4-،5- تەپسىر مۇيەسسەر]
أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ
2:19 ياكى (مۇناپىقلاردىن بەزىدە ھەقىقەتنى ئوچۇق كۆرۈپ يەتكەن، بەزىدە ھەقىقەت توغرىسىدا شۈبھىگە چۈشكەن باشقا بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەھۋالى1) قاراڭغۇدا ياغقان يامغۇردا قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇكى، بۇ قاتتىق يامغۇر بىلەن بىرلىكتە قاراڭغۇلۇق (يەنى كېچىنىڭ، بۇلۇتلارنىڭ ۋە يامغۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقى2)، گۈلدۈرماما ۋە (كۆيدۈرۈپ كۈلگەن ئايلاندۇرىۋېتىدىغان3) چاقماق بار. ئۇلار چاقماقتىن كېلىدىغان ئۆلۈم قورقۇنچى سەۋەبلىك بارماقلىرى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر (كاپىلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويالمايدۇ4) (بۇ ئايەتتىكىسى ئاللاھ مۇناپىقلىقنىڭ باشقا بىر تۈرى ئۈچۈن كەلتۈرگەن مىسالدۇر. بۇلار بەزىدە ھەقنى تونۇپ يەتكەن، بەزىدە ھەقتىن شەككە چۈشكەن كىشىلەردۇر. بۇ خىل مۇناپىقلارنىڭ قەلبلىرى داۋاملىق شەك، كۇفۇر، ئىككىلىنىش ئىچىدىدۇر.5) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى 3-،4- تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر]
يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
2:20 چاقماق (دەرىجىدىن تاشقىرى نۇرى سەۋەبلىك1) ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ تاشلىغىلى تاس قالىدۇ. چاقماق ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئۇلار چاقماقنىڭ نۇرىدا مېڭىۋالىدۇ. (چاقماق يوقاپ2) قاراڭقۇغۇلۇقتا قالغاندا، (يوللىرى قاراڭغۇلىشىپ3) تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەلقادىردۇر — ھەممە ئىشقا كۈچى يېتىدىغان زاتتۇر. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- تەپسىر مۇيەسسەر]
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى مۇجتەھىد تورى تەييارلاپ تارقاتتى