بالىلىرىنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئايال ماختىلامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى قەييىم

بالىلىرىنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئايال ماختىلامدۇ؟

شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ «زادل المعاد» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

ئايال كىشى بىرىنچى يولدىشىدىن بولغان بالىلىرىنى بېقىپ، تەربىيىلەش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، باشقا ئەرگە ياتلىق بولمىسا، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ماختاشقا لايىق، مۇستەھەپ ئەمەلدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر ھەدىستە ئىشارەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەرسىز قالغان، ھۆسنى گۈزەل بولغان، بالىلىرى ئۆزىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ياكى بالىلىرى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆزىنى يېتىملىرىغا ئاتىغان، ئاقىۋەتتە مەڭىزلىرى قورۇلۇپ ھۆسنىدىن كەتكەن ئايال بىلەن قىيامەت كۈنى مانا مۇشۇنداق يېقىن ماقامدا بولىمەن.» (مۇسنەد ئەھمەد 6\29؛ ئەبۇ داۋۇد 5149؛ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىپلىك بار. ئەمما فىقىھتا ئىمام بولغىنىدەك، ھەدىسشۇناسلىقتىمۇ ئىمام ھېسابلانغان، سەھىھ ھەدىس بىلەن زەئىپ ھەدىسنى ئايرىشتا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، ئوكياندەك چوڭقۇر ئىلىمگە ئىگە ئالىم ئىبنى قەييىم بۇ ھەدىسنى مۇشۇ مەسىلىدە دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن.) [ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.]

***

ھەدىستە «ھۆسنى جامالى گۈزەل ئايال» دېيىلىشىدىكى سەۋەب، ئادەتتە ھۆسنى-جامالى گۈزەل ئايالنىڭ ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتسە ياكى ئېرى ئۇنى تالاق قىلىۋەتسە، بۇنداق ئاياللارغا ھۆسنى-جامالى گۈزەل ئەمەس ئاياللارغا قارىغاندا لايىق كۆپ چىقىدۇ. بۇنداق ئايال باشقا ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن دەپ بالىلىرىغا ياخشى قارىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆزىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى رەت قىلىپ، قايتا ياتلىق بولماي ھاياتىنى بالىلىرىغا ئاتايدۇ. بۇنداق ئايال ئۆزى ھەم ئانا ھەم ئاتا بولۇپ، بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشىدۇ ۋە ئۆزى قېرىپ مۈكچىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئايالدىنمۇ بەك بالىلىرىغا شەپقەتلىك ئايال بارمۇ؟ ئەگەر بۇ ئايال يولدىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايال بولسا، بالىلىرىغا بولغان مېھىر شەپقىتىدىن سىرت،  يولدىشىغا بولغان ساداقىتى ۋە ياخشى كۆرۈشى سەۋەبلىك، قىيامەت كۈنىدە يەنىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن يولدىشى بىلەن ئەر-ئايال بولۇش يولىنى تاللىغان ئايالدۇر.

يەنە بىرىگە، بۇ ھەدىس ئالاھىدە گۈزەل جامالغا ئىگە ئاياللارغا خاس ئەمەس، ھۆسنى جامالىدا ئالاھىدە قۇسۇر بولمىغان، يەنى «سەتلىك، بەتبەشىرىلىك» بىلەن سۈپەتلەنمەيدىغان ھەر قانداق ئايالغا ئومۇمىيدۇر. چۈنكى، نورمال ئەھۋالدا ھەر قانداق ئايالدا ئۆزىگە يارىشا ئاللاھ بەرگەن گۈزەللىك  مەۋجۇتتۇر.

ئىمام ئىبنى ھەجەر سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى بولغان «فەتھۇل بارى» ناملىق ئەسىرىدە، «تۆگىگە مىنگەن ئەرەپ  ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇرەيشلىك ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئەڭ شەپقەتلىكتۇر…» دېگەن مەزمۇندىكى بۇخارىنىڭ ھەدىسىنى شەرھلەپ: بۇ ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا شەپقەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى، تۇنجى ئېرىدىن قالغان بالىلىرىنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن، باشقا ئەرگە تەگمىگەن ئاياللاردۇر، دېگەن.

يۈز مەسىلى ھەققىدە قوشۇمچە سۆز 

بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكى جەھەتتە ئىختىلاپ بولغانلىقى، زەئىپلىكى توغرىسىدىكى كۈچلۈك باھالار بولغانلىقى ئۈچۈن، «يۈزى گۈزەل» كەلىمىسىنى تۇتقۇ قىلىۋېلىپ، بۇ ھەدىستىن ئايال كىشىنىڭ يۈزىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىگە دەلىل بار، دېيىش توغرا بولمايدۇ. بۇ تىپتىكى «يۈزى گۈزەل» كەلىمىسى مەۋجۇت ھەدىسلەرنىڭ سەنەدىنى سەھىھ دەپ باھالىغان تەقدىردىمۇ، «يۈزى گۈزەل» لەۋزى ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سۆزلەنگەن سۆز ياكى يۈز بەرگەن ھادىسە بولۇشى تەبئىيدۇر. بۇ ئىمام ئىبنى بازنىڭ سۆزىدۇر. چۈنكى، ھىجاپ ئايىتى ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى بويىچە ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى نازىل بولغان بولۇپ، مۇسۇلمان ئاياللار ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز ۋە قوللىرىنى ياپمايتتى. ھىجاپ ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن يۈزىنى ۋە قولىنى يېپىش ھۆر ئاياللارغا پەرز قىلىنغان؛ دېدەك-چۆرىلەرنىڭ يۈزىنى ياپماسلىقى پەرز قىلىنغان. ئەگەر ھىجاپ ئايىتى يۈز يېپىش ھەققىدە ئەمەس، باشقا ياغلىق چېگىش ھەققىدە نازىل بولغان بولسا، ئۇ ھالدا ھىجاپ ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمان ئاياللار بېشى ئوچۇق يۈرگەنمۇ؟ ئەسلا بۇنداق ئەمەس.

يەنە بىر نۇقتىدىن، ئايال كىشىنىڭ ھۆسنى جامالىنىڭ گۈزەللىكىنىڭ باشقىلارغا بىلىنىشى ئۇنىڭ چوقۇم يات ئەرلەرگە يۈزىنى ئوچۇق قويغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئايالنى كۆرگەن باشقا ئاياللار ئۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە سۆز قىلىدۇ دە، بۇ سۆز باشقا ئەرلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. ۋەياكى ئۇ ئايالنى كۆرگەن كىچىك بالىلار «پالانچى ئاپاش بەك چىرايلىقكەن» دېگەندەك سۆزلەرنى دەيدۇ-دە، بۇ سۆز ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا تارىلىدۇ. ۋەياكى ئۇ ئايال رەسىدە بولۇشتىن ئاۋۋال ئۇنى ھەممە ئەر-ئاياللار كۆرگەن بولىدۇ، ئۇ بالاغەت يېشىغا يېتىپ يۈز ياپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ گۈزەللىكى شۇ يۇرت مەھەللىدىكى كىشىلەرگە ئايدىڭ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋجىدىن، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدىكى ھەدىس ئايال كىشىنىڭ ياتلار ئالدىدا يۈزى ئوچۇق تۇرىدۇ، دېگەنگە ئەسلا دەلىل بولالمايدۇ، يۈزنىڭ ئەۋرەتلىكى، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكى ھەققىدە نۇرغۇن سەھىھ دەلىللەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تور بېتىمىزدىكى «يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىگە قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىللەر» ناملىق ماقالىمىزغا مۇراجىئەت قىلىنغاي.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ