2|6|إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
(ئاللاھ ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان، كۇپۇرلىرىنى ئوچۇقچە ئوتتۇرىغا قويغان كاپىرلارنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1) (ئى پەيغەمبەر!) ھەقىقەت شۇكى، (كىبرى ۋە ئازغۇنلۇقى سەۋەبلىك ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلارنى ئىنكار قىلىدىغان2، كۇفۇرنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئايرىلماس ئالاھىدىلىكى قىلغان3) كاپىرلارنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن4) مەيلى ئاگاھلاندۇر، مەيلى ئاگاھلاندۇرما، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر — ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
(يەنى، ئى پەيغەمبەر، ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا سەن ھەققىدە ئېيتىلغانلارنى يوشۇرغان، ئۆزىدىن ئېلىنغان ۋەدىلەرنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر. بۇ ئارقىلىق ھەم ساڭا نازىل قىلىنغانلارنى، ھەم ئۆزلىرىگە سەندىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىنى ئىنكار قىلىپ رەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئۆزلىرى ساڭا ئالاقىدار ۋەھىيلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە يوشۇرغان، <ئۇلار باتىلدا چىڭ تۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن5> سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟6) كۇپۇر — ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى قەستەن رەت قىلىشتۇر.7)
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «كاپىر بولغانلار» دىن مەقسەت «بىز سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغانلارغا ئىمان ئېيتتۇق» دېگەن بولسىمۇ، «ساڭا نازىل قىلىنغانلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېگەنلەردۇر (يەنى يەھۇدى ۋە خرىستىيانلاردۇر).8 [1. تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر سەئدى 4-،5- تەپسىر مۇيەسسەر 6. تەپسىر ئىبنى كەسىر 7.تەپسىر سەئدى 8. تەپسىر ئىبنى كەسىر]
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلىدى