2|8| وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ
(ئاللاھ كۆرۈنۈشتە ئىسلامنى ئىزھار قىلىپ، ئىچىدە كۇفۇرنى ساقلىغان مۇنافىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1س) ئىنسانلار ئارىسىدا (مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا تەمتىرەپ يۈرۈشكەن2م) بەزى كىشىلەر باركى (بۇنداقلار مۇناپىقلاردۇر. ئۇلار3) «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ. ھەقىقەتتە، بۇنداقلار (يالغانچىدۇر4،) ئىمان ئېيتقان ئەمەس.
مۇپەسسىر، فەقىھ ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
مۇناپىقلىق \ نىفاق — كۆرۈنۈشتە ياخشىلىقنى ئاشكارا قىلىپ، ئىچىدە يامانلىقنى يوشۇرۇشتۇر. مۇناپىقلىق — ئېتىقاد جەھەتتىكى مۇناپىقلىق \ ئېتىقادىي مۇناپىقلىق ۋە سۆز-ھەرىكەت جەھەتتىكى مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئېتىقادىي مۇناپىقلىق كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ بۇ سۈرىدە، ۋە باشقا سۈرىلەردە بايان قىلغان مۇناپىقلىق — ئېتىقادىي مۇناپىقلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئاۋۋال، ۋە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا — تاكى بەدىر غازىتى يۈز بېرىپ ئاللاھ مۆمىنلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ كۈچلەندۈرگەنگە قەدەر — مۇناپىقلار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بەدىر غازىتى يۈز بېرىپ، مۇسۇلمانلار غەلىبە قازىنىپ، مەدىنىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان كاپىرلار خار ھالەتتە چۈشكەندىن كېيىن، بۇ كاپىرلاردىن بەزىلىرى قورقۇش سەۋەبلىك ۋە مۇسۇلمانلارنى ئالداش يۈزىسىدىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ئارقىلىق جېنىغا ۋە مېلىغا زىيان يېتىشتىن ساقلىنىپ قالماقچى بولۇشتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايتتى. كۆرۈنۈشتە مۇسۇلماندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى.
مانا بۇ يۈزدىن، ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىنىڭ تەجەللىسى سۈپىتىدە — مۆمىنلەر ئۇلارغا ئالدانمىسۇن، مۇناپىقلار قىلماقچى بولغان يامانلىقلىرىدىن ۋاز كەچسۇن دەپ — مۆمىنلەرگە مۇناپىقلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالامەتلىرىنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدى.5 [1. تەپسىر سەئدى 2-،3-،4-تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر سەئدى]