وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
58. ئۆز ۋاقتىدا بىز (بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە) «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇل مۇقەددەسكە1) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغانچە كەڭتاشا يەڭلار. شەھەرنىڭ دەۋازىسىدىن (ئاللاھنىڭ سىلەرنى بۇ شەھەرگە قايتۇرغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن2) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ۋە «خىتتا» دەڭلار (<گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار>، يەنى شەھەرگە سەجدە قىلغان ۋە ئىستىغفار ئېيتقان ھالەتتە كىرىڭلار3. بۇ سەۋەبلىك) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىمىز. مۇھسىنلارغا بېرىدىغان نىمىتىمىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىمىز» دېدۇق.
مۇھسىن — ئاللاھقا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئىبادەت قىلىدىغان، كىشىلەرگە ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە، گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر4.
ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «سەجدە قىلغان ھالەتتە كىرىڭلار…» بۇ بۇيرۇق ئۇلارغا قىرىق يىل چۆلدە قالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر يۇشا ئىبنى نۇن بىلەن بىرلىكتە چۆلدىن چىققاندا بېرىلگەن بۇيرۇقتۇر5. [1. زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر 2-،3- زادۇل مەسىير 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. ئىبنى كەسىر]
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى