«مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشكەنلەرگە قورقۇنچمۇ يوق، غەم-قايغۇمۇ يوق» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى

قُلْنَا اهْبِطُوا مِنْهَا جَمِيعًا فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنْ تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

2:38 بىز ئۇلارغا دېدۇقكى:«ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار. ئەگەر مەندىن سىلەرگە بىر ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە كىتاب1)  كەلگەندە، سىلەردىن كىم مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، (يەنى، مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ۋە مەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبەرلەر ۋە <ئاللاھ نازىل قىلغان ھالەتتە ساقلانغان، زالىملار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلمىگەن> ئىلاھىي كىتاپلار بەرگەن بارچە خەۋەرلەرنى تەستىقلاش، پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئىلاھىي كىتابنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق2) ھىدايىتىمگە ئەگەشكەنلەرگە (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە3) قورقۇنچ يوقتۇر، غەم-قايغۇمۇ يوقتۇر.» [1-، 2-، 3- تەپسىر سەئدى]

— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ