وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
65. (ئى يەھۇدىيلار پىرقىسى!) ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى (بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق بالالار كەلگىنىنى1) ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. بىز بۇنداق قىلغانلارغا «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق. [1. ئىبنى كەسىر]
فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
66. بىز بۇ جازانى زامانىسىدىكىلەر ئۈچۈن ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەتلىك بىر جازا، تەقۋادارلار ئۈچۈن (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن1) ساۋاق قىلدۇق. [1. زادۇل مەسىير]
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ يەھۇدىيلارغا شەنبە كۈنى ئىش-ئوقەت قىلىشنى ھارام قىلغان2. يەھۇدىيلار بولسا ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغان3.
شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن تور تور تارتتى ۋە كىچىك كۆلچەكلەرنى قېزى قويدى. ئاندىن يەكشەنبە كۈنى تورغا چۈشكەن، كۆلچەككە كىرىپ قاپسىلىق قالغان بېلىقلارنى تۇتتى4. ئايەتتە مۇشۇ مەزمۇن ئىپادە قىلىنغانماقتا.
ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار دېدۇق» — نەتىجىدە بۇنداق قىلغۇچىلار ھەم شەكىل، ھەم ماھىيەت جەھەتتە مايمۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىنسانلارغا ئەڭ ئوخشايدىغان مايمۇن سىياقىغا كىردى.ك، ز ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ئۇلار مايمۇنغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن دۇنيادا پەقەت ئۈچ كۈنلا ياشىدى. يېمىدى، ئىچمىدى، نەسلى داۋام قىلمىدى5.
ئىمام ئىبنى جەۋزى «زادۇل مەسىير» ناملىق تەپسىرىدە بۇ ۋەقەلىكنىڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان6. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-، 3- زادۇل مەسىير 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر 6. زادۇل مەسىير]
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى