«‹رائىنا› دېمەي ‹ئۇنزۇرنا› دەڭلار» ئايىتىنىڭ تەپسىرى | ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى

ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە مۆمىنلەرنى سۆز ۋە ھەرىكەتتە كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ1:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقُولُوا رَاعِنَا وَقُولُوا انْظُرْنَا وَاسْمَعُوا وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ

104. ئى ئىمان ئېيتقانلار، (يەھۇدىلار رەسۇلۇللاھنى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بىزگە قۇلاق سالغىن دېمەكچى بولسا، ھەم «بىزگە قۇلاق سال مەنىسىگە ئىگە، ھەم «ئارىمىزدىكى ئەخمەق» دېگەن مەنىگىمۇ ماڭىدىغان2) «رائىنا» (دېگەن ئىككى بىسلىق سۆزنى ئىشلىتىدۇ؛ سىلەر رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلماقچى بولساڭلار ئۇلارغا ئوخشاش «رائىنا»3) دېمەي، «ئۇنزۇرنا»  (بىزگە قارىغايلا\ بىزگە قۇلاق سالغايلا) دەڭلار ۋە (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىگە) قۇلاق سېلىڭلار. (ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاننى، ئىسلامنى، رەسۇلۇللاھنى سۆز-ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق مەيلى ئاشكارا، مەيلى خۇپىيانە مەسخىرە قىلىدىغان) كاپىرلارغا قاقشاتقۇچ جازا باردۇر.

بۇ ئايەتتىكى بۇيرۇقتىن، ئەگەر بىر ھالال ئىش ياكى نەرسە ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان بولسا، بۇ ھالال ئىش ياكى نەرسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى بىلىنمەكتە. بۇ ئايەتتىن يەنە گۈزەل ئەدەب تەۋسىيە قىلىنماقتا. پەقەت ياخشى مەنىنىلا بىلدۈرىدىغان، ھېچقايسى جەھەتتىن ناچار مەنا بىلدۈرمەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىندۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەتتە يامان سۆزلەرنى تەرك ئېتىش توغرىسىدا نەسىھەت باردۇر. بۇ ئايەتتە يەنە نامۇناسىپ مەنە بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان، ئېزىقتۇرغۇچى مەنىگە ئىگە بولغان سۆزلەرنى تەرك ئېتىش بۇيرۇقى بار. [1. ئىبنى كەسىر 2. بەغەۋى، زادۇل مەسىر، ئىبنى كەسىر، سەئدى 3. ئىبنى كەسىر 4. تەپسىر سەئدى]

مَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَلَا الْمُشْرِكِينَ أَنْ يُنَزَّلَ عَلَيْكُمْ مِنْ خَيْرٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَاللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ

105. (يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلاردىن ئىبارەت) ئەھلى كىتاب كاپىرلارمۇ، مۇشرىكلارمۇ رەببىڭلاردىن سىلەرگە (قۇرئان، ئىلىم، مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىق ھەر قانداق1) ياخشىلىق چۈشۈشىنى خالىمايدۇ. ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى ئىسلامنى2) ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك لۇتۇف ساھىبىدۇر. (ئاللاھنىڭ سىلەرنى گۇناھلاردىن پاك بولۇش، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىش، بىلمىگىنىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇڭلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قۇرئاننى نازىل قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى بۈيۈك لۇتفىدۇر3.)

ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار بىلەن ئەھلى كىتاپ كاپىرلىرى ياكى كىتاپسىز مۇشرىك كاپىرلار ئارىسىدىكى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مۇھەببەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشاپ قېلىشى چەكلەنگەن ئەھلى كىتاپتىن ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە نەقەدەر دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى4. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. زادۇل مەسىر 3. تەپسىر سەئدى 4. ئىبنى كەسىر]

* * *

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ