مەزھەپكە ئەگىشىش پەرزمۇ ياكى سەھىھ ھەدىسكە ئەگىشىش پەرزمۇ؟
شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«ئاۋام خەلقنىڭ ھەممىگە مەشھۇر بولغان فىقھىي مەزھەپلىرىدىن بىرىگە ئەگىشىشى كېرەكمۇ يوق» دېگەن مەسىلى ھەققىدە ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت. بىرىنچىسى، «كىشىنىڭ مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشى كېرەك ئەمەس» دېگەن ھۆكۈم بولۇپ، شەكسىز توغرا بولغىنى مۇشۇ ھۆكۈمدۇر. چۈنكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مەجبۇرىيەت قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھېچكىمنىڭ مەجبۇرىيەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھېچقاچان بۇ ئۈممەتنىڭ مەزھەپلەردىن بىرىگە ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزى ئەگەشكەن مەزھەپكە مەھكەم باغلىنىپ، باشقا مەزھەپلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان ئەمەس. پەزىلەتلىك دەۋرلەر (يەن ساھابە، تابىئىن، ئىزباسار تابىئىن دەۋرلىرى) بۇنداق («مەزھەپتىن بىرىگە چىڭ ئېسىلىش كېرەك» دەيدىغان ۋە كىشىنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلىدىغان) ئىجرائاتلاردىن خالىي ھالدا ئۆتكەن. ئەگەر ئاۋام بىرەر مەزھەپكە باغلانغان تەقدىردىمۇ، ئاۋامنىڭ مەزھەپكە باغلىنىشى توغرا بولمايدۇ. ئاۋام خەلقنىڭ مەزھىپى بولمايدۇ. چۈنكى، مەزھەپ تۇتۇش — شەرئىي ھۆكۈم ۋە كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىغا ئىگە بولغان، ئىمكانىغا يارىشا مەزھەپلەرنى تەتقىق قىلغانلارغا، ياكى مۇئەييەن بىر مەزھەپنىڭ فىقھى كىتابلىرىنى ئوقۇپ، مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ پەتىۋا، كۆز قاراشلىرىنى بىلگەن كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر. (ئاۋام خەلقنىڭ بۇنداق ئىمكانى بولمايدۇ.) بۇنداق بىر ئىمكان ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمىغان تۇرۇپمۇ «مەن شافىي مەزھىپىدە»، «مەن ھەنبەلىي مەزھىپىدە» («مەن ھەنەپىي مەزھىپىدە») دەپ قويۇش بىلەنلا، كىشى شافىي ياكى ھەنبەلىي بولۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭدەك، كىشى «مەن فەقىھ»، «مەن گرامماتىكىشۇناس»، «مەن يازغۇچى» دەپ قويۇش بىلەنلا، راست مۇشۇنداق بولۇپ قالمايدۇ.
مەن شافىي، مەن مالىكىي، مەن ھەنەفىي دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئۆزى داۋا قىلغان ئىمامغا تەۋە ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ يولىدىن ماڭغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ داۋالار پەقەت ئىلىم، مەرىپەت ۋە ئىستىدلال جەھەتلەردە ئىماملاردىن بىرىنىڭ يولىنى تۇتقان كىشى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. بۇلاردىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۆزى داۋا قىلغان ئىمامنىڭ ئىلىم، يول ۋە مەنھىجىدىن بەكمۇ ئۇزاق ھالەتتە تۇرۇپ، «مەن پالانچى مەزھەپتە» دەپ داۋا قىلىپ، ئۆزىنى مۇئەييەن بىر مۇجتەھىد ئىمامغا نىسبەت بېرىشى قانداقمۇ توغرا بولسۇن؟
ئاۋام خەلقنىڭ سەھىھ بىر مەزھىپىنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىنغان تەقدىردىمۇ، بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوقتۇر. ھېچكىشىنىڭ بىر مەزھەپنى تۇتۇپ، بىر مەزھەپنى تاشلاش\ ئۇنىڭدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئۈممەتنىڭ مۇجەھىد ئالىملىرىدىن بىرىنىڭ مەزھىبىگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئەمەس.
مۇئەييەن مەزھەپتىن بىرىگە ئەگىشىش پەرز، دېگەن بۇ داۋا بۇ ئۈممەتنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان، بەكمۇ قەبىھ بىدئەتتۇر. مۇجتەھىد ئىماملاردىن ھېچبىرى «كىشىنىڭ فىقھىي مەزھەپلەردىن بىرىگە ئەگىشىشى پەرز» دېگەن ئەمەس. مۇجتەھىد ئىماملار ئۈممەتكە بۇنداق پەرزنى زورلاپ تېڭىشتىن ئۇزاق؛ ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى بىلىدىغان، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىدىغان؛ دەرىجە، مەرتىۋە جەھەتتە ئۆزىدىن كېيىنكى ھەر كىمدىن ئۈستۈن زاتلار ئىدى. «مۇجتەھىد ئالىملاردىن بىر ئالىمنىڭ مەزھىپىگە باغلىنىش ۋاجىپ»، «تۆت مەزھەپتىن بىرىگە باغلىنىش ۋاجىپ» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنىدىغان، ئاساسسىز سۆزلەردۇر.
نەقەدەر ھەيران قالارلىق-ھە! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ، تابىئىن ۋە تەبەئىي تابىئىنلارنىڭ، شۇنداقلا باشقا ئىماملارنىڭ مەزھەپلىرى يەر يۈزىدىن تامامەن يوقۇلۇپ كېتىپ، بارچە ئىمام ۋە فەقىھلەرنىڭ ئارىسىدا پەقەت تۆت ئالىمنىڭ مەزھىپىلا قېلىپ قالغانمىكىنە؟! ئىماملاردىن تۆت مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز دېگەن، بۇنداق بىر تەشۋىقاتقا يەڭ شىمايلىغان، ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ بىرەر جۈملىسى مۇشۇ مەناغا ماڭىدىغان بىرەر ئىمام بارمۇ؟ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ساھابە، تابىئىن ۋە تەبەئىي تابىئىنغا پەرز قىلغان ئىش — قىيامەتكە قەدەر كېلىدىغان بارچە ئىنسانلارغىمۇ پەرز قىلىنغاندۇر. ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتلەرنىڭ شەكىل ۋە مىقدارى ئىمكان، ئىمكانسىزلىق، زامان ۋە ماكانغا يارىشا ئۆزگەرسىمۇ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتلەر ئۇل ئاساس نۇقتىسىدىن ئۆزگەرمەيدۇ، (مەلۇم بىر دەۋردە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئىسلامدا شەرىئەت قىلىپ بەلگىلەنگەن مۇئەييەن بىر مەسىلىدە مۇئەييەن بىر يولنى، باشقا بىر دەۋردە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئۇ مەسىلىدە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يولنى تۇتىدىغان شەكىلدە) پەرقلىق بولمايدۇ. كىشى قايسى دەۋردە ياشىغان بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن قانۇن، شەرىئەتكە بويسۇنۇشتۇر. (پەزىلەتلىك ئۈچ ئەۋلاد ئەجداد مۇسۇلمانلار دەۋرىدە مۇئەييەن بىرەر مەزھەپكە ئەگىشىش پەرز بولمىغىنىدەك، باشقا دەۋرلەردىمۇ ئوخشاشلا پەرز بولمايدۇ.)
ئاۋام خەلقنىڭ مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشى كېرەكلىكى مەيدانىنى تۇتقانلار «مۇئەييەن مەزھەپكە ئەگەشكەن ئاۋام-خەلق ئۆزى باغلانغان مەزھەپنى ھەق دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبلىك، مۇشۇ قەتئىي چۈشەنچىسىگە ئەمەل قىلىشى (مەزھەپلەردىن بىرىگە باغلىنىشى) كېرەك» دېيىشكەن. بۇنداق دەيدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرى توغرا بولغان تەقدىردە، مەزھەپكە ئەگەشكەن كىشىنىڭ ئۆز مەزھىپىگە تەۋە ئالىملاردىن باشقىسىدىن پەتىۋا سورىشى، مەزھەپ ئىمامىغا تەڭداش ياكى ئۈستۈن بولغان باشقا بىر ئىمامنىڭ مەزھىپىگە كۆچۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى سۆزلىشىمۇ توغرا بولغان ۋە كېرەك بولغان بولاتتى. (بۇنداق دېيىش ھېچبىر ئالىمنىڭ نەزىرىدە توغرا ئەمەس.) شۇ ۋەجىدىن، كىشىلەرگە بۇنداق پەرزلەرنى تېڭىشنىڭ خاتا بولۇشى، تېڭىلغان بۇ پەرزلەردىن مەيدانغا كېلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ خاتا بولۇشىغا يول ئاچىدۇ. ئۆزى ئەگەشكەنلىكىنى داۋا قىلغان مەزھەپنىڭ تامامەن ھەقلىقىگە شەكسىز ئىشەنچ قىلغان كىشى، ئۆزى ھەق دەپ ئەگەشكەن مەزھەپتىكى بىرەر ھۆكۈم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شۇ ھەقتىكى بىرەر سەھىھ ھەدىسى بىلەن، ياكى تۆت خەلىپىنىڭ بىرەر ھۆكمى بىلەن قارشىلىشىپ قالسا، رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن دەلىل بىلەن ساھابىلەردىن كەلگەن دەلىلنى تاشلاپ، ئۆزى ئەگەشكەن ئىمامنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (بۇنداق قىلىش ھەر قانداق ئەھۋالدا ھارامدۇر، ئېغىر جىنايەتتۇر، رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەتتىن ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن، رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن سەھىھ ھۆكۈمگە ئەگىشىش ۋاجىپ، بۇنىڭ ئەكسىنى تۇتۇۋېلىش جىنايەتتۇر.)
كىشىنىڭ تۆت مەزھەپ ئىمامىدىن ياكى باشقا ئالىملاردىن پەتىۋا سورىشى توغرا. مەيلى پەتىۋا سورىغۇچىنىڭ، مەيلى پەتىۋا بەرگۈچى مۇپتىنىڭ تۆت مەزھەپ ئىمامىدىن بىرەرسى بىلەن ئۆزىنى چەكلىۋېلىشى ۋاجىپ ئەمەس، ئۈممەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىجمائى (ئىتتىپاقى) مۇشۇنداقتۇر. شۇنىڭدەك، بىر ئالىمنىڭ ئۆزى بىلەن يۇرتداش بولغان مۇھەددىسلەرنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلىپ، باشقا يۇرتنىڭ مۇھەددىسلىرىنىڭ ھەدىسلىرىنى تەرك ئېتىشىمۇ ۋاجىپ ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئەگەر ھەدىس سەھىھلا بولسا، مەيلى ھىجازلىق، مەيلى ئىراقلىق، مەيلى شاملىق، مەيلى مىسىرلىق ۋە ياكى يەمەنلىك، جۈملىدىن بارچە مۇسۇلماننىڭ شۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ئەمەل قىلىشى پەرز بولىدۇ. [ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 2\684] [ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.]
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش پەرز بولغانلىقتىن – ئۇ بۇيرۇقنىڭ مۇستەھەبلىككە ياكى باشقا ھۆكۈمگە ماڭىدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولمىغانلا تەقدىردە -رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرمەسلىك ھارام ھېسابلىنىدۇ.(فەتھۇل بارى 13/425)
ئىمام ئىبنى باتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق كىشى بىلمەستىن ياكى خاتالىشىپ قېلىپ سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ھۆكۈم چىقارسا ئۇنىڭ سۈننەتكە قايتىشى، سۈننەتكە زىت نەرسىنى تاشلىشى پەرز. مانا بۇ سۈننەتكە ئېسىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.»(فەتھۇل بارى 13/405)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى