«رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار» ئايىتىنىڭ تەپسىرى| ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى

وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ

2:43 (زاھىرى ۋە باتىنىي شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان1، ۋاقىتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا بەش ۋاخ2) نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى (زاكات ئېلىشى ھەق بولغانلارغا3) بېرىڭلار. رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار. (يەنى، ناماز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە سىلەرمۇ ناماز ئوقۇڭلار. چۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇشبۇ ئەمىرلەرنىمۇ ئورۇندىساڭلار — ھەم زاھىرىي \ ئاشكارا، ھەم باتىنىي \ مەخپىي ئەمەللەرنى، ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسنى ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ئېھسان قىلىشنى، قەلبىي ئىبادەتلەر بىلەن بەدەنىي ۋە مالىي ئىبادەتلەرنى بىر يەرگە جۇغلىغان بولىسىلەر4.)

ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
«رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار.» — يەنى گۈزەل ئەمەللەردە مۆمىنلەر بىلەن بىللە بولۇڭلار. گۈزەل ئەمەللەر ئىچىدە ئەڭ ئۆرنەكلىكى ۋە ئەڭ مۇھىمى نامازدۇر. كۆپچىلىك ئالىم جامائەت نامىزىنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىگە مۇشۇ ئايەتنى دەلىل قىلغان5.
ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
ناماز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇش بۇيرۇقى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ئايەت جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ھەر بىر مۇكەللەف مۇسۇلمان ئەر ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەتتىن رۇكۇنىڭ نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا نامازنى «رۇكۇ» دەپ ئاتىدى. بىر ئىبادەت توغرىسىدا شۇ ئىبادەتنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ بايان قىلىنىشى — تىلغا ئېلىنغان قىسىمنىڭ شۇ ئىبادەتنىڭ رۇكنى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.6 (1-، ، 3-، 4-، 6- تەپسىر سەئدى  2. تەپسىر بەغەۋى 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر) — مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ