فَتَلَقَّى آدَمُ مِنْ رَبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
2:37 ئادەم رەببىدىن بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆگەندى (ۋە شۇ سۆزنى دېيىش ئارقىلىقا ئاللاھقا تەۋبە قىلدى). ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. شۈبىھسىزكى ئاللاھ تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، تەۋبە قىلغان (شۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىغا قايتقان1) بەندىلىرىگە رەھىم قىلغۇچى زاتتۇر.
ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
«ئادەم رەببىدىن بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆگەندى.» يەنى، قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەشتە ئوقۇيدىغان دۇئا ئادەمگە ئىلھام قىلىندى، ئادەمگە ئىلھام قىلىنغىنى سۈرە ئەئرافتىكى مۇنۇ دۇئادۇر: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق. سەن بىزنى مەغفىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ بىز چوقۇمكى زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز.»2
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن:
تەۋبە — ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقى ياكى چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى خىلاپلىق قىلغان خۇسۇستا توغرىغا قايتىشىدۇر.3
ئاللاھنىڭ بەندىسىنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىشى، ئاندىن ئۇنى ئەپۇ قىلىپ مەغفىرەت قىلىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ تەجەللىسىدۇر4. [1-، 2-،4- تەپسىر سەئدى 3. زادۇل مەسىير]
— مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى