شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قەييىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنىڭ بىزدىكى ھەققى ھېسابلانغان، ئەمەل قىلماسلىقىمىز مۇمكىن بولمىغان پرىنسىپ شۇكى، بىر مەسىلە ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ ھەدىس كەلگەن بولسا، ئۇ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا بىر سەھىھ ھەدىس بولمىغانلىكى تەقدىردە، بىزگە ۋە ئۈممەتكە پەرز بولغىنى — سەھىھ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش، سەھىھ ھەدىسكە زىت كەلگەن ھۆكۈم-كۆز قاراشلارنى تەرك ئېتىشتۇر. ئۆزى سەھىھ بولغان، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان باشقا سەھىھ ھەدىس بولمىغان ئەھۋالدا، بىز مەزكۇر سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە زىت ھۆكۈم-كۆز قاراشنى بەرگۈچى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت ھۆكمىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق سەھىھ ھەدىسنى رەت قىلىش ھەققىمىز بولمايدۇ. ئەگەر بىر سەھىھ ھەدىس بىر ھەدىس راۋىيسى، ھەدىس ئالىمى تەرىپىدىن نەقىل قىلىنغان، ئەمما، شۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان شۇ ھەدىس، فىقھ ئالىمى ھۆكۈم \ پەتىۋا بەرگەندە ئۆزى باشقا يەردە، باشقا سورۇندا رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە زىت ھۆكۈم بېرىپ قويغان بولسا، بەلكىم ئۇ ھۆكۈم بەرگەن چاغدا ئۆزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. پەتىۋا بەرگەندە ئۆزى باشقا چاغدا رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس يادىغا كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن بولغىنىدەك، ئۇ ھەدىسنى شۇ ھەقتىكى ھۆكۈمگە دەلىل بولىدۇ، دەپ قارىمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ شۇنداقلا، باشقا بىر ھەدىسنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئۆزى رىۋايەت قىلغان ھەدىس بىلەن زىت كېلىدىغانلىقى قانائىتىگە بېرىپ، ئۆزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس بويىچە ھۆكۈم بەرمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ۋەياكى، ھەدىسكە زىت پەتىۋا بەرگەن بىرىنىڭ پەتىۋا بېرىلگەن مەسىلىنى ئۆزىدىنمۇ ياخشى بىلگەن بولۇشىغا قانائەت كەلتۈرۈپ، ھەدىسنى قويۇپ، ئاشۇ كىشىنىڭ قارىشى بويىچە پەتىۋا بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھېچبىرى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى نەزەرگە ئالغان تەقدىردىمۇ، ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان راۋىيلارنىڭ خاتالىقتىن ۋە گۇناھتىن خالىي ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايدىڭ مەسىلىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە زىت ھەرىكەت قىلىشى ياكى زىت پەتىۋا بېرىشى، ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن كۆپ بولۇپ كەتكەن ھالەتكە كەلمىگۈچە، ئۇنى ئادالەتسىز ھەدىس راۋىيسى قىلىۋېتەلمەيدۇ. يالغۇز بىر سەھىھ ھەدىسكە زىت ھەرىكەت ياكى ھۆكۈمدە بولغان ھەدىس راۋىيسى ھەدىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش شەرتىدىن بىرى بولغان «ئادالەت» شەرتىدىن مەھرۇم ھېسابلانمايدۇ. [ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇم مۇۋەققىئىين 2\74]
[خۇلاسىكالام، سەھىھ ھەدىسكە ھەممىنىڭ ئەمەل قىلىشى پەرز، قانچە بۈيۈك ئالىم بولسۇن، سەھىھ ھەدىسكە زىت ھۆكۈم بېرىپ قويغان بولسا، خاتالىشىپ قالغان بولىدۇ. سەھىھ ھەدىسنى تاشلاپ، ئالىمنىڭ ياكى ئالىم بولىۋالغۇچىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت ھۆكمىنى تۇتۇش ھېچبىر زامان توغرا بولمايدۇ. بىردىنبىر توغرا بولغىنى، سەھىھ ھەدىسكە زىت ھەر قانداق ھۆكۈم، كۆز قاراشلارنى تاشلاپ، سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشتۇر.]
ئىمام ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش پەرز بولغانلىقتىن – ئۇ بۇيرۇقنىڭ مۇستەھەبلىككە ياكى باشقا ھۆكۈمگە ماڭىدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولمىغانلا تەقدىردە -رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرمەسلىك ھارام ھېسابلىنىدۇ.(فەتھۇل بارى 13/425)
ئىمام ئىبنى باتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق كىشى بىلمەستىن ياكى خاتالىشىپ قېلىپ سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ھۆكۈم چىقارسا ئۇنىڭ سۈننەتكە قايتىشى، سۈننەتكە زىت نەرسىنى تاشلىشى پەرز. مانا بۇ سۈننەتكە ئېسىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.»(فەتھۇل بارى 13/405)
تابىئىن ئىمام مەسرۇق رەھىمەھۇللاھتىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلغۇچىنى يامان كۆرۈش كىشىنى ساۋابقا نائىل قىلامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، مەسرۇق رەھىمەھۇللاھ «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. (ئىمام ئىبنى قەييىم: ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 2\590)
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى