سائەتنى ياكى ئۈزۈكنى ئوڭ قولغا تاقامدۇق، سول قولغىمۇ؟
سوئال: ئەرلەرنىڭ سائەتنى ئوڭ قولىغا ياكى سول قولىغا تاقىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا بەرگەن ئورگان: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا كومېتىتى
جاۋاب: سائەتنى ئوڭ ياكى سول قولغا تاقاش مەسىلىسى كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى، كەڭچىلىك بولغان مەسىلە بولۇپ، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، سائەتنى خالىسا ئوڭ قولىغا، خالىسا سول قولىغا تاقىسا بولىدۇ. ئۈزۈكلەرنى تاقاشمۇ ھەم شۇنداق. [اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء \ پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ، ئابدۇررازاق ئەفىفىي رەھىمەھۇللاھ، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان رەھىمەھۇللاھ]
— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى