خانىم-قىزلارنىڭ دەۋەت قىلىمەن، ئىلىم يەتكۈزىمەن دەپ ئېكرانلاردا ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: فەقىھ، ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ
ئەللامە سالىھ فەۋزاندىن مۇنداق سورالغان:
قۇرئان راديوسىدا ياكى شۇ تىپتىكى مېدىيا، قاناللاردا قىز-ئاياللارنىڭ، ئايال دەۋەتچىلەرنىڭ دەۋەت يۈزىسىدىن ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋېلىشى دۇرۇسمۇ؟
شەيخ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ئايال دەۋەتچىلەر ئۆزىگە نەسىھەت قىلسۇن، خانىم-قىزلارغا ئايرىم نەسىھەت قىلسۇن، ئۆز جىسمى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقمىسۇن. ئۇلار ئاۋۋال ئۆزىگە نەسىھەت قىلسۇن، بۇ خىل قانال، مېدىيالاردا كىشىلەرگە كۆرۈنمىسۇن.
ھەر قايسى راديو قاناللىرى ئارقىلىق، ئېنتېرنېت ئارقىلىق دەۋەت قىلىش، ئىلىم يەتكۈزۈش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەرلەر يېتىشىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاياللارنىڭ بۇ يەرلەردە سۆز، سۆھبەت قىلىپ يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس، پىتنە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شەيختىن داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق سورالدى:
ئاياللارنىڭ دەۋەت ساھەسىگە كىرىشى، ئۇلارنىڭ دەۋەت لېنتىلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىپ سېتىلىشى جەھەتلەردىكى ئېھتىياج كۈچىيىۋاتقانمىش. مۇشۇنى دەۋا قىلىۋاتقان كىشىلەر «ئاياللارنىڭ ئاۋازى پتىنىگە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن قاراشنى شەرئىي دەلىللەر تارازىسىدا ئۆلچىگەندە چويلىدا توختىمايدىغان ياۋا قاراش، دېيىشىۋاتىدۇ. ئەھۋال شۇ دەرىجىگە باردىكى، قۇرئان راديوسى قاتارلىق قاناللار «ئاياللارنىڭ ئاۋازى پىتنىگە سەۋەب بولىدۇ» دېگەن پەتىۋا بويىچە ئىش كۆرگەنلىكتىن تەنقىدكە ئۇچۇرىدى، ئاخىرىدا تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىپ، مانا ئەمدى ئاياللارنىڭ دەۋەت، سۆھبەت، پاراڭلىرىنى تارقىتىپ يۈرۈشمەكتە. سىلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نەسىھەتلىرى قانداق؟
ئەللامە سالىھ فەۋزان:
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا} {يات ئەرلەرگە سۆز قىلغىنىڭلاردا يۇمشاق (چىرايلىق) ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن، قەلبىدە مۇناپىقلىق كېسىلى بولغان ياكى ھارام ئارزۇلاردا يۈرىدىغان كىشىلەر سىلەرگە قارشى يامان ھېسلاردا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭىلاشقا، سىلەر (سۆز قىلىشقا توغرا كەلسە، پەقەت شەرىئەتكە، ھاياغا ۋە ئەدەپكە) ئۇيغۇن (جىددىي زۆرۈرىيەت تۈپەيلى قىلىنمىسا بولمايدىغان) سۆزنىلا قىلىڭلار. (يات ئەرلەرگە خىتاب قىلىش، كەلسە كەلمەس پاراڭلىشىش قاتارلىق سىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلەردىن ئۇزاق تۇرۇڭلار.)} (سۈرە ئەھزاپ، 32-ئايەت) ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بۇيرۇقىمۇ چويلىغا توختىمايدىغان بۇيرۇقمىكەن؟ (راديو، قاناللاردا سۆز قىلغان ئاياللار يۇمشاق ئاۋازدا، چىرايلىق ئاۋازدا سۆز قىلىشتىن ساقلىنالامدۇ؟ كۈنىمىزدە قەلبى كېسەل بولغان ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەممىلا يەردە كۆپلەپ مەۋجۇت. زامانىمىزدا راديو ياكى قاناللارغا چىقىپ سۆز قىلغان بۇ ئاياللارنىڭ ئاۋازىدىن ۋە جامالىدىن كۆز ۋە قۇلاق زىناسى قىلىدىغان پاسىق ئەرلەر مەۋجۇت بولمىغان دەۋرمۇ؟)
ئايال كىشى ھەجدە تەلبىيە ئېيتقاندا ئاۋازىنى كۆتۈرمەي ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك تۆۋەن ئاۋازدا تەلبىيە ئېيتىدۇ. سۈننەتتە بەلگىلىگەنگىنى ئايال كىشىنىڭ ھەجدە تەلبىيە ئېيتقاندا ئاۋازىنى چىقارماسلىقىدۇر. بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەلگىلىگەن.
ناۋادا ئىمام نامازدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغان ئايال كىشى نامازدا ئەرلەرگە ئوخشاش «سۇبھاناللاھ» دەپ ئاۋاز چىقارماستىن، پەقەتلا چاۋاك چېلىش ئارقىلىق ئىمامنىڭ خاتالاشقانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە بەلگىلەنگەندۇر. سۈننەتتە كەلگەن مۇشۇ بەلگىلىمىلەرمۇ چويلىدا توختىمايدىغان بەلگىلىمىمىكەن؟
ئۇنداق ئىش يوق. ئاياللارنىڭ ئەرلەر ئالدىدا سۆز قىلىشىنى، راديولارغا چىقىپ سۆز قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇنى توغرا دەيدىغان كىشىلەر يا ئازغۇن بىدئەتچى كىشىلەردۇر، ياكى دىنىي مەسىلىلەردە دۇرۇس چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان، دىننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيدىغان قارا قورساق، ئەقىلسىز كىشىلەردۇر. [ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى]
ئەللامە سالىھ فەۋزاننىڭ بۇ پەتىۋاسى كۆرۈنۈش مەۋجۇت بولمىغان، پەقەت ئاۋازلىقلا دەۋەت قىلىدىغان رادىيو، لېنتا، ئاۋازلىق ئەسەرلەر پروگراممىلىرىنى ئېچىپ سۆز قىلىدىغان ئاتالمىش دەۋەتچى ئاياللارغا قارىتىلغان بولۇپ، شەيخ ئۇلارنى پەقەت ئاۋازى سەۋەبلىكلا بۇنچە ئېغىر تەنقىد قىلغان. ئەگەر، مەزكۇر ئاتالمىش دەۋەتچى ئاياللار ئۆز جىسمى بىلەن ئېكرانلارغا چىقىۋالىدىغان ئاياللار بولغان بولسا، شەيخ بۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق تەنقىدتە بولۇشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.
ئىنسانلارنى رەسىمگە تارتىپ، كامېرىغا ئېلىشنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىغان ئالىملار
ئەللامە سالىھ فەۋزان بىر بۆلۈك مەشھۇر مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ قاتارىدا كامېرادا رەسىمگە چۈشۈش، كامېرىدا ئىنسانلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلىشنى دۇرۇس ئەمەس، دەپ قارىغان مۇجتەھىد ئالىملار جۈملىسىدىن. ئەگەر مۇسۇلمانلار كامېرىدا رەسىم ۋە ۋىديو تارتىش دۇرۇس ئەمەس، دېگەن ئالىملارنىڭ پەتىۋالىرىغا رىئايە قىلىپ، كامېرىدا رەسىم ۋە ۋىديوغا چۈشۈش قىلمىشلىرىدىن ئۇزاق تۇرغان، ھەمدە بۇ رەسىم ۋىديولارنى تورلارغا يوللاشتىن ئۇزاق تۇرغان بولسا، مۇسۇلمان خانىم قىزلىرىنىڭ ياكى ئەرلىرىنىڭ رەسىم-ۋىديولىرى تورلاردا تارقالمىغان، نۇرغۇنلىغان كۆزلەر كۆز زىناسىدىن، نۇرغۇنلىغان قەلبلەر قەلب زىناسىدىن پاك قالغان بولاتتى. كۆزلەرنىڭ ۋە قەلىبلەرنىڭ زىنا ۋە شەھۋەتتىن پاك ھالەتتە تۇرۇشى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر. كامېرادا سۈرەتكە تارتىش، ۋىديوغا تارتىش قىلمىشى ئىنسانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالمىغان بولسا نۇرغۇنلىغان ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەر ۋە فىلىملەر مۇسۇلمانلارنىڭ تېلفونلىرىدا ۋە ئائىلىلىرىدە مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى.
مۆمىنلەر ئاياللارنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پىتنە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللاردىنمۇ زىيانلىق پىتنە قالدۇرۇپ قويمىدىم.» (سەھىھۇل بۇخارى 5096)
ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئاياللارنى ئەرلەرنى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ زىيانلىق پىتنە دەپ ئاتىدى. ئەمما، بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئاياللارنى مەھكەم ئورىغان، يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇتقان كىشىلەرنى «ئىسلامنى چىڭايتىپ، دىندا ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلغان كىىشلەر» دەپ ئەيىپلىشىدۇ. ئايال كىشى كوچىدا يات ئەرگە كۆرۈنسە بۇ ئەرلەر ئۈچۈن پىتنە بولالايدۇ. بۇ پىتنىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ ۋە رەسۇلى ئاياللارغا سىرتقا چىققاندا چوققىسىدىن تىرنىقىغىچە مەھكەم ئوراپ، تۈرلۈك زىننەتلەردىن نېرى، جەلپكارلىقتىن ئۇزاق ھالدا يولنىڭ چېتىدە مېڭىشنى، مېڭىشىدا بىرەر ناز كەرەشمە، كىيىمىدە ياكى تەقى تۇرىقىدا ئەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان ھەر قانداق سەۋەبلەردىن ئۇزاق تۇرىشنى شەرىئەت قىلىپ بېكىتتى. ئەرلەرنى بولسا يات ئاياللاردىن كۆزىنى نېرى قىلىشقا بۇيرۇدى. ئاياللار كوچىغا ۋە ئەرلەرگە بار جايغا چىقسا، بۇ ئەرلەر ئۈچۈن پىتنە بولغىنىدەك، ئېكرانلارغا چىقسا يات ئەرلەرگە تېخىمۇ بەك پىتنە بولىدۇ. چۈنكى، كوچىدا باشقىلاردىن، ياكى ئايال كىشىنىڭ مەھرىمىدىن ھايا قىلىپ يات ئايالغا ئۆزى ئارزۇلىغاندەك قانغۇچە قارىيالمايدىغان پاسىقلار، ئېكرانلارغا چىققان ئاياللارغا ئۆزىنىڭ ئېلىكىدىكى تېلفۇندا دەخلى تەرزسىز قاراپ، كۆز ۋە قەلب زىناسى قىلىشى تۇرغانلا گەپ. مۆمىنلەر ئاياللارنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پىتنە ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىپ، بۇ پىتنە ۋاستىلىرىنىڭ ھەر قاندىقى يوق قىلىپ، پىتنىنى ئوتتۇرىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. مۇناپىق بولسا، بۇ پىتنىنى تەرەققىيات، ئىلمىيلىك، زامانغا ماسلىشىش قاتارلىق ناملاردا ئاتاپ، پىتنىنى ئەدىتىشكە، پاساتنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
بىزنىڭ دەۋرىمىز كۆز زىناسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان دەۋىردۇر
ئەسلى تېمىغا قايتساق، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇلاپ-تەلەپ قىلىدۇ. جىنسىي ئەزا بۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قىلىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە «بۇ خىل زىنالارغا مۇپتىلا بولۇشتىن پەقەت بەك ئاز ساندىكى تەقۋادار ھەق ئەھلى ساقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپى بۇ خىل كۆز، قۇلاق، تىل زىنالىرىغا چۈشۈپ قالىدۇ» دېگەن.
توردا سىن شەكىلدە دەۋەت، ۋىديولارنى ئېلان قىلىۋاتقان خانىم-قىزلارنىڭ كىيىنىشىگە، بەدەن شەكلىگە، قاش-قاپىقىغا، يۈز-كۆزىگە قاراش ئارقىلىق كۆز زىناسى قىلىدىغان مۇناپىق ئەرلەر، كاپىر ئەرلەر ۋە ھارامدىن قاچمايدىغان مۇسۇلمان ئەرلەر يوق دەۋردە ياشاۋاتىمىز دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ لەززەت ئېلىش ئارقىلىق قۇلاق زىناسى قىلىدىغان بىرمۇ ئەر يوق دەپ كىممۇ ئېيتالايدۇ؟
ئاللاھ سۇبھانەھى ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ﴾
{مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى كۆزلىرىنى (نامەھرەم ئاياللارغا قاراشتىن ۋە قارىشى ئۇيغۇن بولمىغان باشقا ئىنسان ياكى نەرسىلەرگە قاراشتىن) يىغسۇن، ئەۋرەتلىرىنى قوغدىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.} — سۈرە نۇر، 30-ئايەت
ئاللاھ مۆمىن ئەرلەرگە نامەھرەملەردىن كۆزىنى يىغىپ، ئۇلارغا قارىماسلىققا، كۆز زىناسىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاللاھنىڭ بۇ بۇيرۇقنى مۆمىن ئەرلەرگە قارىتىشىدىكى سەۋەب، مۆمىن بولمىغان ئەرلەرنىڭ بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كۆز زىناسىدىن پەقەت مۆمىن ئەرلەرنىڭلا ساقلىنىپ قالالايدىغانلىقى، پەقەت مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارنىڭلا ھارامدىن ۋە پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان جىمىي ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەرلەرنى يات ئاياللارغا قاراشتىن كۆزىنى يىغىشقا كەسكىن رەۋىشتە بۇيرۇدى. دەۋەت ياكى ئىلىم تارقىتىش نىيىتىدە ئېكرانلارغا چىقىۋالىدىغان خانىم-قىزلار ئۆزىگە قاراپ كۆز زىناسى قىلىدىغان ھېچقانداق يات ئەر يوق دەپ خىيال قىلامدۇ؟ ۋەياكى ئۆز ئاۋازىدىن لەززەت ئېلىپ قۇلاق زىناسى قىلىدىغان بىرمۇ يات ئەر مەۋجۇت ئەمەس دەپ ئويلامدۇ؟ ئاتالمىش دەۋەت، ئىلىم تارقىتىش باھانىسىدە ئېكرانلارغا چىقىۋالىدىغان خانىم-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز زىناسىنىڭ سەۋەبكارلىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى نېمىشقا ئويلاپ يېتەلمەيدۇ؟ بۇ خىلدىكى مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ئەزالارنىڭ زىناسىنى يامان كۆرۈپ، كۆز زىناسىنى يامان كۆرمەي قېلىشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. بىلىش لازىمكى، بىز ياشاۋاتقان دەۋر كۆز زىناسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان دەۋردۇر.
يات ئايالغا قاراپ كۆز زىناسى قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت بولغان ئىكەن، يات ئاياللارنىڭ ھە دېسىلا يات ئەرلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشى تەقۋاغا زىتتۇر
ۋىدالىشىش ھەججىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىسىگە مىنگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئىنىسى فەۋزل ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگىسىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشكەن ھالەتتە ئىدى. دەل بۇ پەيتتە، خۇزائە قەبىلىسىگە تەۋە بىر ئايال رەسۇلۇللاھتىن پەتىۋا سوراش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا يېقىنلىشىپ رەسۇلۇللاھتىن سوئال سوراشقا باشلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەينىگە مىنگەشكەن ياش فەزل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايالغا قاراشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى سېزىپ فەزلنىڭ بېشىنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى، فەزل يەنە قارىۋىدى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بېشىنى يەنە باشقا ياققا بۇرىۋەتتى، يەنە قايتا قارىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بېشىنى يەنە بۇرىۋەتتى. بۇ سەھىھۇل مۇسلىمدىكى ھەدىستۇر. دەۋەت ياكى ئىلىم تارقىتىشتىن يۈزىسىدىن ئېكرانغا چىقىۋالغان خانىم قىزلار ئۆزىگە قاراپ كۆز زىناسى قىلىدىغان ھەر بىر يات ئەرلەرنىڭ يېنىدا رەسۇلۇللاھتەك تەقۋالىقتا نەمۇنە، گۇناھنىڭ ھەر قاندىقىدىن قايتۇرىدىغان بىر كىشى بار، ئۇ بىزگە قاراپ قالسا، ئاشۇ كىشى ئۇنىڭ بېشىنى بىزگە قاراشتىن بۇرۇۋېتىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:{وَلَا تَقْرَبُوا الزِّنَا}{(كۆز، قۇلاق، تىل، قەلب ۋە ئەزالارنىڭ زىناسىغا ئېلىپ بارىدىغان بارچە يوللاردىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق) زىنايغا يېقىنلاشماڭلار.} (سۈرە ئىسرا، 32-ئايەت)
ئىسلامنىڭ بېشىمۇ، ئوتتۇرىسىمۇ، ئايىقىمۇ تەقۋاغا، ھاياغا ۋە زىنانىڭ بارچە تۈرلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان جىمىي پىتنىلەرنىڭ ئىشىكىنى تاقاشقا ئەمىر قىلىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اصرف بصرك))«نامەھرەم ئايالغا قاراشتىن كۆزۈڭنى تارت.» (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1084؛ سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2148) تولىمۇ ئەپسۇسكى، دەۋرىمىزدە يات ئايالغا قاراش كاپىر ئەرلەرنىڭلا ئەمەس، مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭمۇ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. يات ئايالغا قاراپ كۆز زىناسى قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت بولغان ئىكەن، يات ئاياللارنىڭ ھە دېسىلا يات ئەرلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇشى تەقۋاغا ۋە ئىپپەت-ھاياغا زىتتۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا جىمىي ئەھۋالدا تەقۋانى ۋە ئىپپەت ھاياتنى ئەمر قىلغان.
بەزىلەر، يۈزى يېپىق ئاياللارغا، ھىجاپلىق ئاياللارغا يات ئەرلەر قارىمايدۇ، دەپ رېئاللىققا ۋە ئەقىلگە زىت سەپسەتىلەرنى سۆزلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىنتېرنېتلاردا ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ «ئۇيغۇر ئەرلىرى ماڭا يەۋەتكۈدەك تىكىلىپ قارىدى، مېنى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بىئارام قىلدى» دەپ شىكايەت قىلىشىغا پات-پات شاھىد بولۇپ تۇرىمىز. كوچا كويلاردا، كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاۋات رەستىلەردە، كىشىلەر كىرىپ چىقىپ تۇرىدىغان دۇكانلاردا ھىجاپلانغان، يۈزىنى ياپقان ئاياللارغا قاراشتىن كۆزىنى يىغمايدىغان ئۇيغۇر ئەرلىرى كەڭرى مەۋجۇت بولغان ئىكەن، ئېكرانغا چىقىپ سۆزلەۋاتقان ئاياللارغا ئۆزىگە تەۋە تېلفۇن، كومپيۇتېرلىرىدا بەھۇزۇر، چەكلىمىسىز قارايدىغان ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىشى تۇرغانلا گەپ. دەۋەتنى ۋە ئىلىم تارقىتىشنى باھانە قىلىپ ئېكرانغا چىقىپ سۆز قىلىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ ئاللاھ ساقلىغان تەقۋادار ئەرلەردىن باشقا جىمىي ئەرلەرنىڭ ئېكران يۈزىدە ئۆزىنى تاماشا قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بىلمەسلىكى ۋە ھېس قىلىپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خانىم قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز زىناسىغا سەۋەب بولۇپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئېكران يۈزىدىن نېرى تۇرۇشنى تاللىشى تەقۋالىقنى لازىم تۇتقانلىقتۇر، بۇنىڭ ئەكسى تەقۋاغا يېپىشىش، پىتنلەردىن ئۇزاق تۇرۇش پەرىزىگە مۇخالىپتۇر. ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى باشقا مىللەتنىڭ كۆپلىگەن ئەرلىرىگە ئوخشاشلا كۆز زىناسىدىن ئۇزاق تۇرۇش يولىنى تۇتمايدىغان ئەرلەر ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق مۇددەت ياشىغان دىندار كىشىلەرگە ئايدىڭ مەسىلىدۇر. ئۇيغۇر جەمئىيىتى كۆز زىناسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جەمئىيەتلەردىن بىرىدۇر. كۆز يات ئايالغا قارىغانسېرى، قەلب تېخىمۇ بۇزۇلىدۇ. خانىم قىزلار ئېكران-فىلىملەردە قانچە جەۋلان قىلغانسېرى، ئۇلارغا قاراپ قەلبى بۇزۇلىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، خانىم-قىزلارنىڭ ئېكرانلارغا چىقىپ ئاتالمىش دەۋەت ۋە ئىلىم تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىشى ئەسلا دۇرۇس بولمايدۇ.
ئەر كىشىنىڭ كوچا كويلاردىكى نامەھرەم ئاياللارغا قارىشى ھارام بولغىنىدەك، ئېكرانغا چىققان ئاياللارغا قارىشىمۇ ھارامدۇر. ئىمام نەۋەۋى سەھىھۇل مۇسلىم شەرھىدە، باشقا ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالە ئەسەرلىرىدە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىشىنىڭ ھاراملىقى، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىن بار كۈچى بىلەن ئۇزاق تۇرشىنىڭ لازىملىقى ھەققىدە كەڭرى توختالغان. ئىسلامدا بىر ئىشتا پىتنە، ھارام مەۋجۇتلا بولغان ئىكەن، ئۇنداق ئىشتىن ۋە ئۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىن ساقلىنىش پەرز بولىدۇ. يات ئەرلەرنىڭ يات خانىم-قىزلارغا قارىشى مەۋجۇت بولغان ئىكەن، بولۇپمۇ ئېكرانلاردا قاراش تېخىمۇ ئەپلىك ۋە چەكلىمىسىز بولغان ئىكەن، خانىم-قىزلارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان جىمىي ۋاسىتىلەردىن، جۈملىدىن ئېكرانلارغا چىقىۋېلىشتىن ئەڭ زور كۈچى بىلەن ساقلىنىشى كېرەك بولىدۇ. ئاياللارنىڭ تەقۋالىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى يات ئەرلەردىن ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۇزاق تۇرۇش بولۇپ، {ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.} (سۈرە ئالى ئىمران، 76)
بىر فىقھى قائىدە
ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك قوبۇل قىلغان فىقھىي قائىدىلەردىن بىرى شۇكى «زىياندىن، پىتنىدىن، ھارامدىن ۋە گۇناھلاردىن ساقلىنىش— پايدا، مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.» يۈز ساۋابلىق ئىشنى قىلىشتىن، بىر ھارامدىن ساقلىنىش ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى كىشىنىڭ ساۋاب تاپىمەن دەپ گۇناھقا چۈشۈشى دۇرۇس ئەمەس، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ ساۋاب قازىنىشى ئەۋزەل بولماستىن، گۇناھتىن ساقلىنىشى پەرز بولىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى شۇكى، ھەج قىلىش ئەڭ بۈيۈك ئىبادەتلەردىن، بەش پەرزدىن بىرى بولۇپ، سەھىھ ھەدىستە ئايال كىشىنىڭ ھەج قىلىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد بىلەن ئوخشاش دېيىلگەن. ھەج ئىبادىتى قانچە بۈيۈك ئىبادەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز ھەج قىلىشى ئىسلامدا ھارامدۇر. چۈنكى، مەھرىمى يوق ئايالنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىش ئارقىلىق پىتنىگە چۈشۈپ قېلىش، خەتەرگە دۇچ كېلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بار. ھەج قىلىش — ئەڭ بۈيۈك مەنپەئەتلەردىن بولسىمۇ، ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلسا گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن بولغاچقا، ھەجگە ئۆزىنى ھىمايە قىلىپ بىللە ئاپارغۇدەك مەھرىمى يوق ئايال ئۈچۈن ئۇيغۇن بولغىنى ھەج قىلىش ئەمەس، ھەج قىلىشتىن يېنىپ، مەھرەمسىز سەپەردىن ئۇزاق تۇرۇشىدۇر. دەل شۇنىڭدەك، ئېكرانغا چىققان ئايال كىشى ساۋابنى نىيەت قىلغانمەن دەپ داۋا قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى باشقىلارنىڭ كۆز زىناسىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئۈچۈن، بۇنداق خانىم قىزلارنىڭ ئېكرانغا چىقىشقا ئەمەس، ئېكرانغا چىقماسلىققا نىيەت قىلىپ، يات ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى پىتنىدىن ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك بولىدۇ.
ساھابە ئاياللار يات ئەرلەرگە دەرس بەرگەن دېگەن سەپسەتىگە رەددىيە
بەزى كىشىلەر ئائىشە ئانىمىز باشقىلارغا پەتىۋا بەرگەن، دەرس بەرگەن، شۇڭا ئاياللار يات ئەرلەرگە سۆز قىلسا، دەرس ئۆتسە دۇرۇس دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ تېخى بۇ باتىل دەۋاسىنى ئاياللارنىڭ ئېكرانلارغا چىقىۋېلىشىغىمۇ دەلىل قىلىۋېلىشتىن يانماي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ باتىل دەۋا مۇنۇ نۇقتىلاردىن رەت قىلىنىدۇ:
- ئائىشە ئانىمىز ھېچبىر زامان يات ئەرلەرگە دەرس ئۆتكەن ئەمەس، پەقەت پەتىۋا سوراپ كەلگەن كىشىلەرگە دىننىڭ ھۆكۈملىرىنى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىدە تۇرۇپ بايان قىلىپ بەرگەن. دەرس ئۆتتى دېيىش ئۈچۈن، دەرس سورۇنلىرى تۈزۈلگەن، شاگىرتلارنى ھەر قايسى پەنلەردىن تەربىيىلىگەن بولۇشى لازىم، ئەمما، ئەسلا بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. ئىسلامدا تاكى يېقىنقى ئەسىرلەرگىچە دەرس ئۆتۈش دېيىلگەندە — ئالىملارنىڭ، شەيخلەرنىڭ مەسجىد ۋە مەدرىسلەردە ئولتۇرۇپ ئەرلەرگە دەرس بېرىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ كەلگەن. ئەينى دەۋردە ساھابە ئاياللار ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ پەرزەنت تەربىيىلىگەن، ئىبادەت قىلغان ۋە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان. ئەر ساھابىلەر جىھاد قىلغان، سودا-سېتىق قىلغان، ھەر قايسى يۇرتلارنى كېزىپ ئىلىم تارتقاتقان، دەرس ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئاياللار ئەمەس، ئەر ساھابىلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئايال ساھابىلەر دىن ھەققىدە بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئۆزىنىڭ ئېرىدىن سورايتتى، جاۋاب چىقمىسا، باشقا ئەر ساھابىلەرنى ئەمەس، مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنى ئىزدەيتتى. مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن جاۋاپ تاپالمىسا، ئەرلىرى ئارقىلىق ئىلىمدە ئۈستۈن، فىقىھ بىلىمى يۇقىرى باشقا ئەر ساھابىلەرنى ئىزدەيتتى؛ بۇ مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، ئاندىن ئەڭ ئېھتىياتلىق شەكىلدە، تەقۋالىق يولىنى تۇتقان ھالەتتە ئەر ساھابىلەردىن سورايتتى. ساھابە تابىئىنلار ئەرلەر ئوخشاش رەۋىشتە ئۆزىگە نائېنىق بولۇپ قالغان دىنىي مەسىلىلەرنى باشقا ئەر ساھابىلەردىن سورايتتى، فىقىھتا ئۈستۈن ماقام ھازىرلىغان ئەر ساھابىلەرنىڭ ھېچبىرىدىن بۇ ھەقتە جاۋاب چىقمىغان تەقدىردە، ئاندىن مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىشقا مەجبۇر بولاتتى. ھەرگىزمۇ، بىرەر دىنىي مەسىلىگە يولۇقۇپ بولغۇچە، ھە دېسىلا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرمەيتتى. ساھابە ئەرلەر ۋە ساھابە ئاياللار بىر-بىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشنىڭ تەقۋاغا يېقىن، پىتنىدىن ئۇزاق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشەتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي قاتارلىق مۇناپىقلارنىڭ ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلاش ۋەقەسىگە تۇتقۇ بولۇپ بەرگەن ۋەقەدىمۇ، قوشۇن كەينىدىن كېلىۋاتقان سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەشتى چۆلدە قوشۇندىن ئايرىلىپ قالغان ئائىشە ئانىمىزنى يىراقتىن كۆرۈپ «ئىننالىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىنۇن» دېگەن سۆزدىن باشقىنى قىلمىغان، ئائىشە ئانىمىزمۇ ئۆزىنىڭ سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ھەتتا بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىغانلىقىنى، سەۋباننىڭ ئائىشە ئانىمىزغا «ئىننالىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن» دەپ ئۆزىنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىش ئۈچۈن قىلغان سۆزىدىن باشقا ھېچقانداق سۆز قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغان ئالغان. (بۇ خارى 4141؛ مۇسلىم 2270) بۇ ھەدىستىنمۇ ئوخشاشلا، ساھابە ئەرلەر ۋە ساھابە ئاياللار ئارا پاراڭلارنىڭ كەمدىن كەم بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ھىجاپ ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولغانلىقى ئايدىڭ بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا ساھابىلەرنى ماختىغان بولۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈممەتكە ساھابىلەرگە ئەگىشىشنى، ئۇلارنىڭ يولىدىن چەك ئايرىماسلىقىنى بۇيرۇغان. ئىش بۇنداق ئىكەن، ئاياللارنىڭ مەيلى دەرس ئۆتۈش، مەيلى دىنىي دەۋەت قىلىش، مەيلى قۇرئان ئوقۇش باھانىسى بىلەن ھە دېسىلا ئەرلەر ئالدىغا چىقىۋېلىشى تەقۋاغا زىت، ئىپپەت-ھاياغا ئەسلا ئۇيغۇن ئەمەس. بىز ھەتتا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ھېلىغۇ دەس ئۆتكەن ساھابە ئايالكەن، ئەرلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇغان بىرمۇ ئايال ساھابىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز.
- ئائىشە ئانىمىز مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەم دۇنيادىكى، ھەم جەننەتتىكى ئايالىدۇر. بۇ نۇقتىدىن، ئائىشە ئانىمىزغا ۋەياكى مۆمىنلەرنىڭ باشقا ئانىلىرىغا ھەر قانچە پاسىق مۇسۇلماننىڭمۇ يامان نىيەتتە بولۇشى، ئاۋازىدىن ھوزۇر ئېلىشى ۋە ياكى باشقا شەكىلدە غەيرى نىيەتتە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى ئەڭ ئېغىر پىتنە دەۋرىدە ياشاۋاتقان دەۋردە باشقا ھەر قانداق ئايالنىڭ ئاۋازىدىن ۋە چىراي شەكلىدىن ماڭدامدا لەززەت ئالىدىغان مىڭلارچە پاسىق ئەر، ھەتتا خېلى خېلى تەقۋا دېيىلگەن ئەرلەرمۇ مەۋجۇت. شۇڭا ئايال كىشىنىڭ ئېكران، سەھنىلەرگە چىقىۋېلىشىغا ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇرۇپ، بەزى ھاللاردا پەتىۋا سوراپ كەلگەنلەرگە ئۇلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمەستىن تۇرۇپ پەتىۋا بېرىشىنى دەلىل قىلىمەن دېيىش شەرىئەتنى بۇرمىلىغانلىقتىن، ئەينى دەۋرنىڭ تارىخىدىن ۋە رېئاللىقىدىن جاھىل قالغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
- ئەرلەرگە «دەرس ئۆتكەن» دېيىلگەن ئائىشە ئانىمىزنى ۋە مۆمىنلەرنىڭ باشقا ئانىلىرىنى رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ھېچقانداق بىرىنىڭ نىكاھلاپ ئېلىشى ھالال ئەمەس. ئەمما، مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن باشقا ئاياللارنى، ۋە كۈنىمىزدىكى ئېكرانلارغا چىقىۋېلىۋاتقان خانىم قىزلارنى يولدىشىن كېيىن قالسا باشقا ئەرلەرنىڭ نىكاھلاپ ئېلىشى تامامەن دۇرۇس. بۇ ۋەجىدىن، ئۆزى بىلەن مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ پەرقىنى ئايرىيالماي، ئۆزىنى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئورنىغا قويىۋالىدىغان، بۇ ئارقىلىق يات ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆز ۋە قەلب زىنا قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ ئۆزىنى مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشىتىۋېلىشىنى ھەم دىن، ھەم ئەقىل تۈپتىن رەت قىلىدۇ.
4. ساھابە باشچىلىقىدىكى سەلەپ سالىھىن دەۋرىدە ياشىغان ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ دەرس ئۆتكەنلىكى توغرۇلۇق بىرمۇ سەھىھ دەلىل ئۇ ياقتا تۇرسا، بۇ ھەقتە بىرمۇ زەئىپ خەۋەر مەۋجۇت ئەمەس. سەلەپ-سالىھىن دەۋرىدىكى ئاياللار ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ ئىلىم، ئىبادەت، زىكىر ۋە ئائىلىۋى مەجبۇرىيەتلەر بىلەن بولاتتى. ھەتتا، ئەڭ ئالىم ساھابە ئەرلەرمۇ ساھابە ئاياللارنى بىر يەرگە يىغىپ ۋەز-نەسىھەت قىلمىغان، دەرس ئۆتمىگەن. شۇڭا، نۆۋىتى كەلگەندە بۇلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئەر كىشىنىڭ ئاياللارنى، ياكى ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرنى يىغىۋېلىپ دەۋەت قىلىشىنىڭ ، دەرس ئۆتۈشىنىڭ سەلەپ-سالىھىننىڭ يولىغا ۋە تەقۋاسىغا زىت ئاشكارا مۇنكەر ئەمەللىكىنىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇشنى لايىق دەپ قارايمىز. ساھابە ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىلەپ كەتكەنلىكىنى رەسۇلۇللاھقا شىكايەت قىلىپ كەلگەن ساھابە ئاياللارغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرلا قېتىم، بىر نەچچە سائەتلا ئايرىم نەسىھەت قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابە ئاياللارنى ساھابە ئەرلەر بار سورۇننىڭ ئارقا تەرىپىگە بولسىمۇ ھازىر قىلىپ، نەسىھەتنى ئەر ئايالغا ئوپچە قىلماستىن، ساھابە ئاياللارغا ئايرىم نەسىھەت قىلىشىمۇ ھەم ئەر ئاياللارنىڭ ئوپچە دەرس ئېلىش، دەرس بېرىشىگە قارشى ئوچۇق ئاشكارە دەلىلدۇر. ھېچكىم رەسۇلۇللاھقا خاس ھۆكۈملەردە رەسۇلۇللاھ بىلەن شېرىك ئەمەس بولغانلىقتىن، ھەر قانداق بىر ئەركىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە دەرس ئۆتكەن دەپ، يات ئاياللارغا دەرس بېرىمەن دېيىشى دۇرۇس ئەمەس، بۇ دۇرۇس بولغان بولسا، ساھابە ئەرلەر ساھابە تابىئىن ئاياللارنى يىغىپ دەرس ئۆتكەن بولار ئىدى. بۈگۈنكى پىتنە دەۋرىدە، بۇنداق قىلىش تېخىمۇ بەك دۇرۇس ئەمەس. ئېنىق بولغايكى، ساھابە ئاياللار ساھابە ئەرلەرگە دەرس بەرگەن ئەمەس، ساھابە ئەرلەرمۇ ساھابە ئاياللارغا دەرس بەرگەن ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپسىنى شەرىئەتكە تېڭىشتىن كېلىپ چىققان باتىل بايانلاردۇر.
رەسۇلۇللاھ مەسجىدتىمۇ ساھابە ئەرلەرنىڭ ساھابە ئاياللارغا قاراپ قېلىش يولىنى تاقىۋەتكەن
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەش ۋاخ ناماز تۈگىگەن ھامان، جامائەت نامىزىغا ھازىر بولغان ئايال ساھابىلەرنىڭ مەسجىدتىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى، ئەرلەرنىڭ بولسا ئورۇنلىرىدىن قوپماي تۇرۇشىنى ۋە ئارقىسىغا قارىماسلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدەك، ئايال ساھابىلەرگە نەسىھەت قىلغاندا ئۇلارنى ئەرلەرنىڭ ئارقىسىغا تىزماستىن، ئايرىم يەردە بىر نەچچە سائەت نەسىھەت قىلغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەر ئاياللار ئارىسىدا كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان جىمىي پىتنە ئىشىكلىرىنى مەھكەم تاقىۋېتىش كېرەكلىكىدەك شەرئىي كۆرسەتمە بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە شەرىئىتى قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە، ھېچكىمنىڭ ئۇنى بۇرمىلاش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەتتا نامازدەك ئۇلۇغ ئىبادەتتىمۇ، مەسجىدتەك ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ماكاندىمۇ ساھابە ئەرلەرنىڭ ساھابە ئاياللارغا قاراپ قېلىش يولىنى تاقىۋەتكەن. بۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكىدەك ئەخلاقسىزلىق ۋە كۆز زىناسى كەڭرى يامرىغان دەۋردە، خانىم قىزلارنىڭ ئېكرانلارغا چىقىۋېلىپ ئەرلەرنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىش يولىنى تاقىۋېتىش سۈننەتتە ئۇيغۇندۇر. خانىم قىزلارنىڭ ئېكرانلاردا يات ئەرلەرنىڭ قارشىسىدا زاھىر بولۇشىنى چەكلەش ھۆكمى ئەدەب-ھاياغا، تەقۋا قەلب ھاسىل قىلىشقا، ئەرلەرنىڭ يات ئاياللارغا كۆڭلى باغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئېلىپ بارىدىغان توغرا ھۆكۈمدۇر.
يۈزنى يېپىۋالغانغىلا كۆز زىناسى ۋە پىتنە يوق بولۇپ قالمايدۇ
ئەمدى بەزى كىشىلەر، ياكى ئېكرانغا چىقىۋالغان خانىم-قىزلار «ئېكرانغا چىققان خانىم-قىزنىڭ يۈزى يېپىق بولغاندىكىن پىتنە بولمايدۇ» دەۋېلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭغا، مۇنۇ ئالىمنىڭ تۆۋەندىكى مەشھۇر سۆزى يېتەرلىك جاۋاپ بولالايدۇ دەپ قارايمىز:
ئىمام رەملى ئەششافىي رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 957) مۇنداق دېگەن: (حرم النظر إلى المنتقبة التي لا يبين منها غير عينيها ومحاجرها ، ولا سيما إذا كانت جميلة ، فكم في المحاجر من خناجر) كۆزى ۋە كۆز چانىقىدىن باشقا يېرىنى كۆرسەتمەي ئورانغان نىقابلىق ئايالغا يات ئەر كىشىنىڭ قارىشى ھارام. بۇ ئايال گۈزەل ئايال بولغان تەقدىردە تېخىمۇ شۇنداق. نۇرغۇنلىغان كۆزلەر خەنجەر جۈملىسىدىندۇر. (يەنى خەنجەر ئىنساننى ئۆلتۈرگەندەك، نامەھرەم ئايال كىشىنىڭ قاش-كۆزىگە قاراش كىشىنىڭ ئىپپىتىنى ۋە دىنىنى ئۆلتۈرىدۇ.) نهاية المحتاج (6/188)
ئاياللارغا لايىق بولغىنى يات ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرمەسلىكىدۇر
ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرگە مۇمكىنقەدەر كۆرۈنمەسلىكى بارچە تەقۋادار نەسىللەرنىڭ ئورتاق يولى، رەببانىي ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى بولۇپ، مۇھەددىس، مۇپەسسىر، فەقىھ، ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ «ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
31-بۆلۈم: ئاياللارغا لايىق بولغىنى ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرمەسلىكىدۇر
مەشھۇر تابىئىن ئالىم سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئۆزىنىڭ ئايالى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قىزى، دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلىرى جۈملىسىدىن بولغان) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىش قايسى؟» دەپ سورىغان ئىدى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى كۆرمەسلىكى، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرنى كۆرمەسلىكى ئايال كىشى ئۈچۈن ئەڭ خەيرلىك ئىشتۇر» دېدى. ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ گەپنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە يەتكۈزىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «فاتىمە مېنىڭ بىر پارچەمدۇر» دېدى. (ئەبۇ نۇئەيم، ئەۋلىيالارنىڭ زىننىتى 2\41)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى يۇقىرىقى نەقىلدىن كېيىن مۇنداق دېگەن:
بۇلار نامەھرەم ئەرلەر ئۈچۈن دېيىلگەندۇر. بىر (سالىھ) ئەر بىر ئايالنى كۆرۈش سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشى كېرەكمۇ يوق؟ ئەستىن چىقمىغايكى، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش (يات جىنىس سەۋەبلىك پىتنىگە چۈشىدۇ.) ئاياللار ئەرلەرنى جەلپ قىلغىنىدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللارنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، بىر ئەر قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قېرىپ كەتكەن بىر ئايالدىن؛ ئايال كىشىمۇ مەيلى قېرى، مەيلى ياش يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى لازىم. بۇ سۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش يۈزىسىدىن مۇنۇ ھەدىسنى بايان قىلىشىمىز پايدىلىقتۇر.
مۇھەددىس فەقىھ ئىمام ئىبنۇل جەۋزى يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن، سەھىھ زەئىپلىكىدە ئىختىلاپ بولغان مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن:
ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: (مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرى بولغان) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھالدا ئىدى. بۇ پەيتتە ئەما ساھابە ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم يېتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى ئايالىغا:«تۇرۇپ كېتىڭلار» دېدى. ئىككەيلەن «ئۇ ئەما (بىزنى كۆرمەيدۇ)» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋاسسەللەم «ئىككىڭلار ئەما ئەمەسقۇ؟» دېدى. (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 6\296؛ ئەبۇ داۋۇد 4112؛ تىرمىزى 2778) [ئىمام ئىبنۇل جەۋزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى] (بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ زەئىپلىكىدە ھەدىسشۇناس ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەدىسنىڭ مەنىسى توغرىدۇر. چۈنكى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى باشقا دەلىللەر يۈزىسىدىن، يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىش ئاللاھنىڭ ئاياللار ئۈسىتىدىكى ھەقلىرىدىن بىر ھەقتۇر. ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇشى پەرزدۇر. بۇ ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ھەدىسنى مۇشۇ سەۋەبلىك نەقىل قىلغانغان.)
خانىم قىزلارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ دەۋەت قىلىشى ئەمەس، قەلەم ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ دەۋەت قىلىشى تەقۋاغا ئۇيغۇندۇر
يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن شۇنى دەيمىزكى، ئىلىم-ئېرپان تارقىتىشقا ھېرىسمەن، دەۋەت سۆيەر خانىم-قىزلار ئېكرانلاردا ئۆز جىسمىنى نامايان قىلىشتىن ئۇزاق تۇرۇپ، ئىلىم-ئېرپان تارقىتىش، ھەقكە دەۋەت قىلىشتا ھەقىقىي بەسىيرەت ساھىبى بولسا، بارچە ئۆلىمالار بىردەك قوبۇل قىلىدىغان شەكىلدە، قەلەم ئارقىلىق دەۋەت ئېلىپ بارسا، شۇنداقلا پەقەت ۋە پەقەت ئاياللارلا كۆرىدىغان ۋە ئاڭلايدىغان شەكىلدە دەۋەت ئېلىپ بارسا، مانا بۇ يات ئەرلەرنى كۆز، قەلب ۋە قۇلاق زىناسىغا مۇپتىلا قىلىشتىن تامامەن خالىي بولغان توغرا يولدۇر.
ئاياللار يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ۋە ئارىسىدا قانچە كۆپ كۆرۈلسە، پىتنىلەر شۇنچە كۆپ يۈز بېرىدۇ، قەلبلەر شۇنچە كۆپ بۇزۇلىدۇ، تەقۋا شۇنچە كۆپ ئاجىزلايدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت شۇنچە كۆپيىپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ما تركت بعدي فتنة أضر على الرجال من النساء} «مەندىن كېيىن (ئۈممىتىم ئىچىدىكى) ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ زىيانلىق پىتنە قالدۇرمىدىم.» hedisim.com (بۇخارى 5096؛ مۇسلىم 2741؛ تىرمىزى 2780؛ ئىبنى ماجە 2998؛ مۇسنەد ئەھمەد 5-210)
بۇ ۋەجىدىن، خانىم قىزلارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ دەۋەت قىلىشى ئەمەس، قەلەم ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ دەۋەت قىلىشى تەقۋاغا ئۇيغۇندۇر.
ئىسلامنىڭ ئىپپەت-ھايا پىرىنسىپى ھەققىدە مۇناپىقلارغا، كاپىرلارغا ۋە قارا قورساقلارغا قارشى ئىككى كەلىمە سۆز
ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇغلۇق، غەربچە كاللىدا «ئىسلام ئاياللارغا جىنسىي ئىستەك بويىچىلا مۇئامىلە قىلىدۇ»، «ئىسلامدا چىڭ تۇرۇشنى، شەرىئەتكە تولۇق ئەمەل قىلىشنى داۋا قىلىدىغان كىشىلەر ھە دېسىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى زىنا، شەھۋەتكە باغلىۋالىدۇ» دېيىش — قەلبتە ئىمان-ئىسلام نۇرىدىن ئومۇمەن ئەسەر يوق، قارا قورساق، سالىھ ئەمەلدىن ئۇزاق كىشىلەرنىڭ جۆيلىمىلىرىدىن؛ ئاغزىدا ئىسلامنى داۋا قىلىپ، قەلبىدە كۇفۇرنى يوشۇرغان مۇناپىقلارنىڭ تۆھمەتلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. رەسۇلۇللاھنىڭ پەرز ناماز ئوقۇپ بولغان ئەرلەرگە ئاياللار مەسجىدتىن چىقىپ كېتىپ بولغۇچە ئورنىدىن مىدىرلىماي تۇرۇشىنى، كەينىگە قارىماسلىقنى بۇيرۇشى قانچىلىك ھەق ۋە تەقۋاغا جۈملىسىدىن بولسا، يات ئاياللارغا قارىماسلىق، يات ئاياللارنىڭ ئېكرانلارغا چىقماسلىق ھۆكمىمۇ تەقۋاغا، ئىپپەت-ھاياغا شۇنچىلىك ئۇيغۇن ھۆكۈمدۇر. غەرپچە كاللىدا ياشايدىغان ئاتالمىش مۇسۇلمانلار، ياكى غەربكە بېرىپ كاپىر بولۇپ كەتكەن دىن دۈشمەنلىرى جەمئىيەتنىڭ ئىپپەت-ھايا، ئەخلاق-مىزان ئىچىدە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىنىڭ — ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئىكەنلىكىدەك كەسكىن ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئەقلى يەتمەيدۇ. ئۇلار ئاياللارنىڭ خالىغان ئەر بىلەن كېتىۋېرىشىنى، خالىغان يەردە يېتىپ قوپىۋېرىشىنى، خالىغان ئەر بىلەن ئىش-پەش تارتىشىشىنى، ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئېرىگە ياكى ئېرى بولۇش ئالدىدىكى كىشىگە ساداقەتمەن بولماسلىقىنى توغرا، تامامەن يوللۇق دەپ كېتىۋېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل قىلىشلار پەقەت ھايۋانلارغىلا، ۋەياكى يات جىنىس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھايۋانلارنىمۇ كەينىدە تاشلاپ قويغان كاپىر مۇشرىكلارغا خاس جىنايى قىلمىشلاردۇر. ئىسلامنىڭ تەقۋالىق ۋە ئىپپەت-ھايا پىرىنسىپلىرىغا قارشى ئىپلاس تىللىرىنى سوزىدىغان كاپىرلار، مۇناپىقلار ۋە قارا قورساق جاھىللار يۇقىرىقىدەك سەپسەتە ۋە تۆھمەتلىرى مۆمىنلەرگە ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىچىلىكمۇ قىممەتكە ئىگە ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئىپپەت ھايانى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان دىنىي ھۆكۈم پىرىنسىپلارغا قارشى قىلىشقان پىكىرلىرى، يېزىشقا كىتاب، يازمىلىرى ھەر زامان ئايىقىمىزنىڭ ئاستىدىدۇر. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە قەتئىي ئىشىنىدىغان ھەر قانداق مۇسۇلمان ھېچبىر ئىش ھادىسىگە كاپىرلارنىڭ كاللىسى ۋە پىكىر-مەپكۇرىسى بويىچە باھا بەرمەيدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى كاپىرلارنىڭ يىلىغا نەچچە مىليون بوۋاقنى ئانا قورسىقىدا ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىشىنى — ئاتالمىش ئەركىن پىكىرلىك كاپىر ۋە مۇناپىقلارنىڭ جىنايەت دەپ قارىماسلىقى، ھالبۇكى ئىسلامنىڭ ھايا ۋە ئىپپەتنى قوغداپ، بارچە زىنالاردىن كىشىلەرنى ئۇزۇق تۇتۇشتەك ئەخلاق پىرىنسىپىنى قالاقلىق ۋە زۇلۇم دەپ تۆھمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت شەيتاننىڭ ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنىڭ، ياكى نەسلىگە شەيتان چېقىلىپ قويغان شەيتان سۈپەت غەيرى تۆرەلمىلەر بولغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇر. مۇناپىقلار ۋە ئاللاھنىڭ شەرئىتىنى بىلمەيدىغان قارا قورساقلار قانداق باھانىلەرنى ۋە تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغانلىكى جىمى قەلب، كۆز، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالارنىڭ زىنالىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش، مۇسۇلمانلارنى ئەڭ ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق شەكىلدە ياشاشقا بۇيرۇش پىرىنسىپى قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. بىزنى ئىسلام نېمىتى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، پاك سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ بىردىنبىر ھەق يول ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرگەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.
— مۇجتەھىد تورى | mujtehid.com