دادىنىڭ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ | ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن

دادىنىڭ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
ئىنساننىڭ توي قىلىشقا بولغان ئېھتىياجى زۆرۈر ئېھتىياجدۇر. بەزىدە بۇ خىل ھاجەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجى دەرىجىسىگىچە يېتىپ بارىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئەھلى ئىلىم دېگەنكى: «پەرزەنتنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈش مەجبۇرىيىتىدە بولغان ئاتا-ئانىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان تاغىسى، چوڭ دادىسى قاتارلىقلارنىڭ، ئەگەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇربى يەتكەن تەقدىردە، ئۇنى ئۆيلەپ قويۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.» بۇ ۋەجىدىن، دادا بولغۇچىنىڭ ئوغلى توي قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، توي قىلىشقا كېرەكلىك پۇل-مالغا چىقىنالمىغان تەقدىردە، دادىنىڭ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.
ئەمما، بەزى دادا بولغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ياشلىقتىكى (ئېغىرچىلىق) ئەھۋالىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى ئۆيلەپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئوغلىغا «پېشانەڭنىڭ تەرى بىلەن پۇل-مال تېپىپ ئاندىن ئۆيلەن» دېيىشىدۇ. بۇ دۇرۇس ئەمەس. دادىنىڭ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويۇشقا قادىر تۇرۇپ ئۆيلەپ قويماسلىقى ھارام. دادا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويمىسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇ قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 18\ 410) [ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.]

ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» دا مۇنداق دېگەن:
دادىسى يوق پەرزەنتنىڭ ئانىسىغا (يېتەرلىك پۇل مالغا ئىگە بولغان تەقدىردە) ئوغلىنى ئۆيلەپ قويۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ۋە ئىمام شافىينىڭ ھۆكمىدۇر. «المغني» (8/ 212)

ساھابە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىر كىشىگە پەرزەنت بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا ياخشى ئىسىم قويۇپ، ياخشى ئەدەب-ئەخلاقلارنى ئۆگىتىپ چوڭ قىلسۇن؛ بالا بالاغەتكە يەتكەن چاغدا ئۆيلەپ قويسۇن.» mujtehid.com (كتاب العيال لابن ابي الدنيا 1\334) — مۇجتەھىد پەتىۋا تورى 

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ